باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4918 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەقسا مەسجىدى يىقىلاي دەپ قالدىمۇ؟(تۇلۇق)
دوستلىشىش
مۇئەتتەر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8889
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 41
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە41دانە
ئۆسۈش: 400 %
مۇنبەر پۇلى: 621 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-07
ئاخىرقى: 2012-05-01
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-17 18:27

ئەقسا مەسجىدى يىقىلاي دەپ قالدىمۇ؟(تۇلۇق)

رەسىم كىرىشتۈرۈلگەن پ د ف نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ  كۈرۈڭ؛ masjidul aqsa.zip (1445 K) 下载次数:192




ئەقسا مەسجىدى يىقىلاي دەپ قالدىمۇ؟
دوكتۇر راغىب ئەل سەرجانى

بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم


سەخرە گۈمبىزى ۋە ئەقسا مەسجىدى جايلاشقان ھەرەم شەرىف تۆپىلىكى


ئالدىنقى بىر نەچچە ھەپتىلەردىن بۇيان ،مەسجىدۇل ئەقسانىڭ ئىشى مۇسۇلمانلارنىڭ قاتتىق دىققىتىنى تارتتى ۋە مۇسۇلمان جامائىتى ئىچىدە نۇرغۇنلىغان كەسكىن سۇئاللار پەيدابولدى.بۇ سۇئاللارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئەقسا مەسجىدىنىڭ راستىنلا يىقىلاي دەپ قالغان - قالمىغانلىقى ئىدى.يەھۇدىيلار نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ مەسجىدۇل ئەقسانى ئۆرۈپ تاشلاش ھەققىدىكى بۇرەزىل مەقسىدى ئۈستىدە بۇنچە چوڭ تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ،ئەجىبا ئۇلار راستىنلامۇشۇنداق قىلارمۇ؟؟ ئەقسا مەسجىدىنى ئۆرىۋىتىش ئۈچۈن قايسى ئۇسۇل ئەڭ ئۈنۈملۈك بولار:مەسچىت ئاستىغا تونىل كولاشمۇ ،ياكى ئۇنى پارتلىتىۋىتشمۇ ۋە ياكى تانكابىلەن باستۇرۇپ ئۆتۈپ كىتىشمۇ؟!ئەگەر مەسجىدۇل ئەقسا ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىققائۈچرىسا ،ئاقىۋەتتە نېمە ئىشلار يۈز بېرەر؟!


شۈبھىسىزكى،بۇنداق كەسكىن بولغان ئاچقۇچلۇق مەسلىگە جاۋاپ تېپىش بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى تارىخمىزنىڭ ماھيىتىنى ئىگەللەش ،يەھۇدىيلار ۋە مەسجىدۇل ئەقسانى ئازاد قىلىدىغان يېڭى بىر ئەۋلادنىڭ خاراكتىرىنى بىلىشتە بىزلەر ئۈچۈن باشقىچە تەپەككۇر يولى ئاتا قىلسا ئەجەپ ئەمەس.

ئەمەلىيەتتە،ئەقسا مەسجىدىنى ئۆرىۋىتىش ناھايىتى زور ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ،يەھۇدىيلارغابولىدىغان سەلبى تەسىرى ئىجابى تەسىرىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ بولىدىغان بىر ئىش.شۇنىڭ ئۈچۈن يەھۇدىيلار شۇنداق بىر ئىپلاس پىلان قوللىنىپ ئەڭ ئاز بولغان  زىيان بىلەن ئۇنى ئۆرىۋەتمەكچى بولىۋاتىدۇ.ئۇلار دائىم مۇشۇنداق زور تەشۋىقاتلار بىلەن ،ھەرقايسى ئاخبارات-تېلىۋىزىيە ۋاستىلىرىدا ئوچۇقتىن ئوچۇقلا ئۇلار مەسچىت يېنىدا كولىغان تونىللارنى ۋەبۇنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان رەسىم ۋە باشقا يىپ ئۇچلىرىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.ئۇلاربۇنداق قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان مۇددىئالارنى كۆڭلىگە پۈككەن بۇلۇپ ،بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى تۆۋەندىكى ئىككى تۈر بولسا كېرەك.



تونىل سەۋەپلىك مەسچىت تىگىدە پەيدا بولغان يېرىقلار

يەھۇدىيلار مۇسۇلمانلارنى ناركوزلىماقتا


بىرىنچى مەقسەت:مۇسۇلمانلارنى مەسجىدۇل ئەقسانىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلاشقا كۆندۈرۈش. ئۇلارنىڭ خىيالىدا نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلار ئەقسا مەسجىدىنىڭ ئۆرۈلۈشى توغرىسىدىكى ئىشلارنى ئاڭلايدۇ،بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ مۇسۇلماننىڭ بۇنداق خەۋەرلەرنى تولا ئاڭلاۋىرىپ قۇلاقلىرى ،تولا كۆرىۋىرىپ كۆزلىرى كۆنۈپ كىتىدۇ.مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن، ئەقسامەسجىدىنى ئۆرىۋەتكەن تەغدىردىمۇ مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ ئويلىغىندەك زور كۈچ بىلەن ئىنكاس قايتۇرمايدۇ.ئۇلارنىڭ بۇئۇسۇلى ئەملەش (ۋاكسىنا ئۇرۇش) جەريانىغا ئوخشايدۇ.ۋاكسىنا بولسا ئاجىزلاشقان ياكى ئۆلگەن كېسەللىك باكتىريىسىدىن تەييار قىلىنىدۇ،بۇ خىل ئۇسۇلدا تەييارلانغان ۋىرۇس ياكى باكتىرىيە ياكى ئۇلارنىڭ تۈزۈلۈش قىسمىنىڭ بىر پارچىسى بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن ،بەدەندىكى ئوگانىزىملارنى غىدىقلاش ئارقىلىق ۋىرۇسقا قارشى ئانتىتېلا ئاجرىتىپ چىقىرىپ ئادەمنىڭ ئىممۇنىت ئىقدىدارىنى ئاشۇرىدۇ ،ئەمما بۇخىل ئاجىزلاشتۇرۇلغان باكتىرىيەلەر ئېغىر يۇقۇملىنىش كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.ئوخشاشلا يەھۇدىيلار مۇسۇلمانلارنى ئەقسا مەسجىدىنى ئۆرۈپ تاشلاش ھەققىدىكى پىلان تەدبىرلىرى بىلەن ئەملەۋاتىدۇ،ئىككى ئۈچ يىل ۋەياكى نەچچە ئون يىللاردىن كىيىن ئۇلارنىڭ بۇ پىلانى ئىشقا ئاشسىمۇ،مۇسۇلمانلاردابۇلۇشقا تېگىشلىك غەزەپ نەپرەت تەدرىجى يوقاپ ،ھەممە ئىش ئۆز جايىدا كىتىۋىرىدۇ.



يەھۇدىيلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنكاسىنى كۆزەتمەكتە

ئىككىنچى مەقسەت:مۇشۇنداق ئىشلار چىققان ۋاقتىدامۇسۇلمانلارنىڭ ئىنكاسىنى كۆزىتىش.ئەمەلىيەتتە يەھۇدىيلار مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنىڭ ئۇلارنىڭ قۇددۇستىكى(ئىرۇسالىم ) ۋە ھەتتاكى پۈتۈن پەلەستىدىكى مەۋجۇتلىقىنى يوقىتىۋىتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.شۇڭا ئۇلار تەدرىجى ھالداھەرخىل تاراتقۇلاردا (مىدىيا ۋاستىلىرىدا) خەۋەرلەرنى تارقىتىپ ،پەلەستىنلىك مۇسۇلمانلارنىڭ ،ئەرەبلەر ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ،ھەتتا پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىنكاسىنى كۆزىتىدۇ.ئۇلار بۇ خىل كۆزىتىشلىرىگەناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئىلمىي ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ،مەسجىدۇل ئەقسا ئۆرۈلگەن چاغدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنكاسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئىنچكىلىك بىلەن پەرەز قىلىدۇ.ئەگەر مۆلچەردىكى ئىنكاس كونتىرول قىلالمىغۇدەك كۈچلۈك بولسا ئۇلار ئۆرۈش پىلانىنى كىچىكتۈرىدۇ،ئۇنداق بولمىسا ئۇلار بىخەتەرلىككەئىشەنچ باغلىغان ئاساستا ئۆرۈش پىلانىنى ئىشقا سالىدۇ.



مۇسۇلمانلار غەزەپ –نەپرەتكە تولغان ئىنكاسلارنى كۆرسەتمەكتە


شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلار كۈچلۈك غەزەپكە تولغان ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ قاتتىقراق بولغان ئىنكاس كۆرسىتىشى كېرەك،بەلكىم مۇشۇنداق قىلىش ئۇلارنى رەزىل پىلاننى ئىشقا سېلىشتىن توسۇپ قالىدىغان ۋە قورقۇتىدىغان،ھەتتا ئۇلارنىڭ پىلانىنى كىچىكتۈرىدىغان ۋە ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان ئامىل بولسا ئەجەپ ئەمەس.بۇنداق ئىنكاس بولمىغاندا،يەھۇدىيلارنىڭ قەلبىنى چىرماپ تۇرغان ئۆرۈش پىلانى ئەمەلىيەتتە ئىشقائاشمىغۇچە پەسەيمەيدۇ.

بۇ يەردەبۇنداق بىر سۇئال چىقىشى مۇمكىن:نېمە ئۈچۈن يەھۇدىيلار ئالاھىدە ئەقسا مەسجىدىنى ئۆرىۋىتىش ئۈستىدە باش قاتۇرىدۇ،نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان ئۈممەتنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدۇ؟؟؟ئۇلارغا پۈتۈن پەلەستىننى بېسىۋېلىشمۇ يەتمەمدىكەن،يەنە ئەقسامەسچىتىنى ئۆرۈۋىتىشنى ئويلاپ قاپتۇغۇ؟!!

ئەمەلىيەتتەئۇلار ئاللاھ قاچان سەخرە گۈمبىزى خارابىلىكى ئۈستىدە ئاتالمىش ئۈچۈنچى ئىبادەتخانا (ھەيكەل سۇلايمان ) سېلىش مۇراجىئەتنامىسىنى جاكارلىدى.ئەمما ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ دىققىتىنى ھەيكەل سۇلايماننىڭ ئورنىنى بىكىتىش تەرەپكە بۇرىماقتا.باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ،ئۇھەقىقەتەنمۇ ئەقسا مەسچىتى ئاستىدىمۇ ،ياكى سەخرە گۈمبىزىنىڭ ئاستىدىمۇ ۋە ياكى ئەلھەيكەل تېغىنىڭ ئۈستىدىمۇ ۋە باشقا ئىزدەنگۈچىلەر ۋە ئانالىزچىلار كۆرسەتكەن يەردىمۇ دىگەندەك...



ھەيكەل سۇلايمان ئەپسانىسى

ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، مىنىڭ مۇتلەق ئىشەنچىمدە ئەزەلدىن ئەل ھەيكەل دەپ ئاتىلىدىغان نەرسە بولۇپ باقمىغان.تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا ھىچقانداق ئىلمى تەكشۈرۈش يەھۇدىيلانىڭ ئەپسانىسىدىكىدەك ھەيكەل سۇلايماننىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىرەر ئالامەت تاپالىغىنى يوق.مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ،ئۆزگەرتىۋىتىلگەن تەۋرات ئىسپات ھالىتىدە تۇرالمايدۇ.بۇنى ھەقىقەتەنمۇ ئۇلار ئۆز قۇلى بىلەن ئۆزلىرى يېزىپ چىققان،خۇددى بەزى نەرسىلەرنى ئۇلار خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن يېزىلغان دەپ يېزىۋالغاندەك،ۋە مۇشۇ ئارقىلىق تىلغائالغۇچىلىكىمۇ بولمىغان نەرسىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن "بۇ خۇدادىن كەلدى'دىگەندەك.ئوخشاشلا ،ئەقسا مەسچىتىنىڭ مۇقەددەس كەئبە قۇرۇلۇپ ،40يىلدىن كىيىن بەرپا قىلىنغانلىقى ھەممىگە مەلۇم بولسا كېرەك.


بۇ يەردەئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم ئەبۇزەر ئەل غەففارىدىن رىۋايەت قىلغان ئىشەنچىلىك بىر ھەدىس بار.ئۇ كىشى رەسۇلۇللاھتىن (س.ئە.ۋ)سورىدى:"يا رەسۇلۇللاھ ،يەر يۈزىدە قايسى مەسچىت ئەڭ بۇرۇن سېلىنغان ؟" رەسۇلۇللاھ ئېيتتى :"مەسجىدۇل ھەرەم "، "ئاندىن كيىنكىسىچۇ ؟؟" ،"قۇددۇستىكى ئەقسا مەسچىتى"دەپ جاۋاپ بەردى رەسۇلۇللاھ، ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەنەسورىدى:"ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارلىقىدا قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەن؟" رەسۇلۇللاھ جاۋاپ بىرىپ ئىېيتتىكى "قىرىق يىل ".


ئۆلىمالاركەئبىنىڭ ۋە ئەقسا مەسجىدىنىڭ ئېنىق قۇرۇلغان ۋاقتى ھەققىدە بىردەك پىكىردە ئەمەس.قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇ (ھەرەم مەسچىتى )ناھايىتى قەدىمى مەسجىد بۇلۇپ ،پەرىشتىلەر تەرىپىدىن ياكى ئادەم،ئىبراھىم ئەلەيھىسالاملار تەرىپىدىن سېلىنغان بۇلۇشى مۇمكىن.ئەقسا مەسچىتى داۋۇدئەلەيھىسالام ۋە سۇلايمان ئەلەيھىسالام دەۋىرلىرىدە مۆئمىنلەرنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن سېلىنغان .شۇنىسى ئېنىق بولدىكى ،داۋاد ۋە سۇلايمان ئەلەيھىسالاملارنىڭ مۇشۇنداق بىر مۇقەددەس مەسچىتنى تاشلاپ ئۇنىڭ يېنىغا يەنە بىر ئىبادەتخانا سېلىشى ئەمەلىيەتكە مۇۋاپىق ئەمەس.نەسائى ،ئەخمەد ۋە ئىبنى ماجەلەرنىڭ ئابدۇللاھ بىنئەمىر ئەل ئاستىن (ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت ئاتا قىلسۇن) رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام (س.ئە.ۋ) مۇنداق دىگەن:"داۋادنىڭ ئوغلى سۇلايمان بەيتۇل مەقدىس (ئەقسا مەسجىدى)نىڭ قۇرۇلۇشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ،ئاللاھتىن ئۈچ نەرسىنى سورىدى....".


بۇھەدىستىن ئايان بولدىكى ،سۇلايمان ئەلەيھىسالام نۇرغۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن ئەقسا مەسجىدىنى قايتا رىمونىت قىلغان.قانداق بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر ،بۇ ھەدىس بىزگە سۇلايمان ئەلەيھىسالامنىڭ ھەيكەل سۇلايمانغا ئەمەس بەلكى بەيتۇل مەقدىسنىڭ قۇرۇلۇشىغا زور تۆھپە قوشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.بىز ئەلۋەتتە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىنى يەھۇديىلارنىڭ ئۆزگەرتىۋىتلگەن تەۋراتىدىن مىڭ ھەسسە ئىشەنچىلىك دەپ قارايمىز.ئەمما ،بىزگە ئايانكى يەھۇدىيلار بىزنىڭ دەلىلىرىمىزنى ئاڭلىمايدۇ ،ئەگەردەئۇنىڭغا قۇلاق سالغان بولسا ئىدى ئۆز ئېتىقادىنى ئېلان قىلمىغان بولاتتى.ھەرقانداق چاغدا كۈچ كۆرسىتىش ھەقىقەتنى قوغداشتىكى بىردىنبىر يول.بىز بۇنى بىزنىڭ مەسجىدىمىز دەيمىز ،ئۇلار ھىچقانداق تارىخى ئىسپاتى ياكى قېزىپ چىققان ئاسارئەتىقىلىرى بولماي تۇرۇپ ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ ھەيكەل سۇلايمانى دەپ بار ئاۋازى بىلەن ۋارقىرىسىمۇ.



ئويلايمەنكى بۇ بىر ئەقىدە مەسلىسى بۇلۇپ ،بۇ مەسلە ئۈستىدە بىراۋ ئۆز ئېتىقادىدا چىڭ تۇرغاندەك چىڭ تۇرۇش غەلبە قازىنىشنىڭ بىرىنچى باسقۇچى.



گەپكەقايىتىپ كەلسەك :يەھۇدىيلار ئەقسا مەسجىدىنىڭ ئورنىدا ئاتالمىش ھەيكەل سۇلايمان ۋەباشقا خارابىلەرنىڭ يوقلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ،يەنە نىمىشقا ئۇنى يۇقىتىشنى ئويلايدۇ؟؟




ئەقسا مەسجىدى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن خۇددى قوشۇن بايرىقىغا ئوخشاش



يەھۇدىيلارئەقسا مەسجىدىنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن خۇددى بىر قۇشۇنغا بايراق شۇنچىلىك مۇھم بولغىنىدەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىشىدۇ.قوشۇن بايرىقى ھەر قانداق چاغدا ئەڭ باتۇر ئەسكەر ياكى قەۋىمگە بېرىلىدۇ،پەقەت بايراق لەپىلدەپ تۇرغاندىلا ئارمىيەنىڭ جەڭگىۋارلىقى شۇنچە ئاشىدۇ.ئۇنىڭغا قارمۇ قارشى بايراقنىڭ لەپىلدىمەي چۈشۈپ كىتىشى قۇشۇن جەڭگىۋارلىقىغا سەلبى تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا نۇرغۇنلىغان دۈشمەننى ئۆلتۈرۈش بۇنداق مۇقەددەس بىر سىمۋولنىڭ چۈشۈپ كىتىشى ئالدىدا ئەرزىمەس بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ.ئۇندىن باشقا ئۆز بايرىقىنىڭ چۈشۈپ كىتىشىگە رازى بولغان قۇشۇن ئاخىرىدا مەغلۇب بولىدۇ.ئوخشاشلا يەھۇدىيلار ئەقسامەسجىدىنىڭ ئۆرۈلىشى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ جۇشقۇنلىقىنى چۈشۈرۈشنى ۋە شۇ ئارقىلىق پەلەستىن ۋە باشقا ئىسلام دىيارلىرىدىكى زىئونىزىمغا بولغان قارشىلىقنى ئاسانلا باستۇرۇشنى ئويلايدۇ.بىز ئىلگىرىكى ئەھلى سەلىپلەرنىڭ ئەقسا مەسجىدىنى بېسىۋېلىشى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ يۈرىكىنى نەچچە ئون يىل تارتىۋالغانلىقىنى ۋە يەھۇدىيلارنىڭمۇ بۈگۈنكى كۈندە شۇنداق رەزىللىكنى كۆڭلىگە پۈكۈۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.

مۇنداق بىر سۇئال كاللىمىزغا دەرھاللا كېلىدۇ:ئەقسا مەسجىدى راستىنلا ئۆرۈلەي دەپقالدىمۇ؟؟


ئەقسا مەسجىدى ئۆرۈلەي دەپ قالدى

بۇسۇئالنىڭ جاۋابى ئادەمنى چۈچۈتكۈدەك بۇلۇپ "ھەئە"دىن ئىبارەت.ھەتتابۇنداق بۇلىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بۇلىدۇ.بۇ ھەرگىزمۇ ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىكى پەرەز ئەمەس،بەلكى بۇ پۈتۈنلەي بۇلۇۋاتقان ئىشلارنىڭ ۋە كەلگۈسىگە بولغان پوزىتسىيەنىڭ مەھسۇلى. بۇ پەقەت مۇشۇنداق رەزىل ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزىنى تەكشۈرتۈشكە بولغان رىغبەتلەندۈرۈشتۇر. 


مەسچىت غەربى تېمىدا قەسەم بىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىۋاتقان يەھۇدى ئەسكەرلىرى



ئاكاسىڭىللەر،بىز ئاللاھ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئۆيىنى قوغداش ئۈچۈن ،كەئبىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن ھەيۋەتلىك پىللاردىن قۇشۇن تەشكىللەپ كەلگەنلەرگە توپ توپ قۇشلارنى ئەۋەتىش بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلغان ئەبرەھە دەۋرىدە ياشىمايۋاتىمىز.بىز ھازىرباشقا بىر دەۋىردە ياشاۋاتىمىز، مۇسۇلمانلار ئۆزلىرى كۈچ چىقارمىغۇچە ،ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلىرىنى ۋە جانلىرىنى قۇربان قىلمىغۇچە ئاللاھ تائالا ھەرگىزمۇ توپتوپ قۇشلاردىن تۈزۈلگەن قۇشۇنلىرىنى بىزلەر ئۈچۈن ئەۋەتمەيدۇ.

ئەلبەتتە،ئاللاھنىڭ قانۇنى مانا ھازىر ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ:" ئى مۆمىنلەر! سىلەر اﷲ قا (يەنى اﷲ نىڭ دىنىغا) ياردەم بەرسەڭلار،اﷲ سىلەرگە (دۈشمىنىڭلارغا قارشى ياردەم بېرىدۇ، قەدىمىڭلارنى (ئۇرۇش مەيدانلىرىدا) بەرقارار قىلىدۇ."[سۈرە مۇھەممەد،7-ئايەت].بۇخىل ھالەتكە يىتەلىسەك ،ئېرىشەلمەيدىغان غەلبە نۇسرەت يوق .ئەگەر بىز ئاللاھقا ياردەم بەرمىسەك ،بىز سان ساناقسىز ئازابلارغا دۇچار بولىمىز،بۇنىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە ئەقسامەسجىدىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى ،مۇسۇلمانلارنىڭ قۇددۇستىن ھەيدىلىشى،ۋە بەلكىم يەھۇدىيلارنىڭ پايتەخىتنى قۇددۇسقا يۆتكىشى ،ۋە قۇددۇسنى يەنە نەچچە ئون يىل بېسىپ يېتشىمۇ بار.ھىجىريە 317-يىلى دىنسىز دەھرى قارامەتىن مۇقەددەس ھەرەم مەسچىتكەھۇجۇم قىلىپ ،ئۇنىڭدىكى قاراتاشنى (ھەجرۇل ئەسۋەد)ئوغۇرلاپ ئۆز پايتەختى ھەجەرگە(ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شەرقى قىسمىدا) ئېلىپ كەتتى.قاراتاش ھىجرى339-يىلىغىچە 22يىل ئۇنىڭ قۇلىدا تۇردى.

مۇسۇلمانلارنىڭ بىپەرۋالىقى ۋە ئۆز زىممىسىدىكى پەرىزلەرنى ياخشى ئادا قىلماسلىقى كەئبە بىنابولغاندىن تارتىپ بار بولغان قىممەتلىك بىر مۈلۈكنىڭ يۇقاپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.ھەجرۇل ئەسۋەدنىڭ ئوغۇرلىنىشى بىلەن نەچچە يىللىق ھەج پائالىيەتلىرى توختىتىلدى.ھىجىرىيە بەشىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا مەسجىدۇل ئەقسا ئەھلى سەلىپلەر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى،كېيىنچەئۇلار تەرىپىدىن ئاشلىق ئامبىرى قىلىندى.ئەقسا مەسجىدى رەزىل ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ قۇلىدا 90يىل تۇردى.


مانا بۇ ئەقسانىڭ يىقىلغانلىقىغا ئوخشايدۇ

مەن بۇئىشلانى ناھايىتى ئازاپ ئىچىدە سۆزلىمەكتىمەن،يەنە شۇنداق دىيىشكە جۈرئەت قىلىمەنكى ،ئەقسا مەسچىتى توخۇ يۈرەك يەھۇدىيلار كىلىشتىن بۇرۇن يىقىلغىلى تاسلاقالغان.

بۇئىشلار ھەر دائىم قەلبىمىزنى مۇجۇپ تۇرىدۇ.ئەمما مەن ھەددىدىن زىيادە'تىنىچلىقپەرۋەرچى"بۇلۇشنى خالىمايمەن،شۇنداقلا تەسلىمچىلىكنى ،قورقۇنۇچ ۋەھۇشيارسىزلىقنى ياقتۇرمايمەن.مەن پەقەت ناھايىتى تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن مۇسۇلمان ئۈممەت ئۈچۈن بەكلا مۇھىم دەپ قارىغان پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.


ئەقسا پەقەت پەلەستىنلىكلارنىڭلا ئەمەس

بىرىنچى نۇقتا:مەسجىدۇل ئەقسا ،قۇددۇس ۋە پەلەستىن مەسلىسى پەقەت پەلەستىنلىكلەرنىڭلا ئىشى ئەمەس.بۇ پەقەت پەلەستىنلىكلەرگىلا مۇھىم ئىش ئەمەس ،بەلكى پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن جىددى قاراشقا تىگىشلىك مۇھىم مەسلە.مۇسۇلمانلارچۇقۇم بىلىشى كېرەككى ،بۇ مۇقەددەس جايلارنى دەپسەندە قىلىش پۈتۈن ئۈممەتنىڭ ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلغانلىق.ئۇنىڭدىن سىرت ،شۇنى بىلىش كېرەككى ،پۈتۈن ئۈممەت ،ئەر-ئايال،ھۆكۈمرانلار ياكى ئۇنىڭ خەلقى ،پەلەستىنلىك ياكى ئەرەب بولسۇن بولمىسۇن،ئاخرەتتەئاللاھ ئالدىدا بۇ مەسلە ئۈچۈن ھىساپقا تارتىلىدۇ.

مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتى ئەقسادىنمۇ قىممەتلىك

ئىككىنچى نۇقتا:گەرچە بىز مەسجىدۇل ئەقسانى مۇقەددەس بىلىپ ئۇنى يۇقىرى كۈتۈرسەكمۇ ،ئەمماكېچە كۈندۇز ئۆلتۈرلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ جېنى ئۇنىڭدىنمۇ قىممەتلىكتۇر.ھەممىزگە مەلۇمكى ،پەلەستىندە نۇرغۇنلىغان قانلار ئاقتى،ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدەبۇ مەسجىدۇل ھەرەم ۋە مەسجىدۇل ئەقسادىنمۇ قىممەتلىكتۇر.بۇ ئەلۋەتتە مىنىڭ دىۋالغان سۆزۈم ئەمەس ،بەلكى بىزنىڭ سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىنىڭ سۆزى.ئىبنى ماجەھ ئابدۇللا بىن ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت ئاتاقىلسۇن)دىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ،بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ كەئبىنى تاۋاپ قىلىۋېتىپ مۇنداق دىدى"سەن نېمە دىگەن گۈزەل ھە،سېنىڭ پۇرىقىڭ نېمە دىگەن مىززىلك ھە،سېنىڭ مۇقەددەسلىكىڭ نېمە دىگەن يۈكسەك ھە!!!جېنىم ئىلكىدە بولغان زات ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ،ئۇنىڭ نەزىرىدە ھەقىقى مۆئمىننىڭ ھاياتىنىڭ مۇقەددەسلىكى بۈيۈكتۇر!".ئابدۇللاھ بىن ئۆمەرنىڭ يەنە مۇشۇنىڭغا ئۆخشاش سۆزلىگەنلىكى ھەم رىۋايەت قىلنغان.


شۇنىڭ ئۈچۈن ،2007-يىلىدىن ھازىرغىچە مۇھاسىرىدە ئۆلگەن مۇسۇلمانلار ۋە ئىلگىرى غەززەدە قازا قىلغان نەچچە مىڭ مۇسۇلماننىڭ ئۆلۈمى،ئەقسانىڭ تىگىگە تونىل قېزىلغاندىنمۇ بەكرەك بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىشقامۇناسىپ.ئۇنىڭ ئەكسىچە،پەلەستىدە ياكى دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدە بىر بىگۇناھ مۇسۇلماننىڭ ئۆلتۈرلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور ئىنكاسلار بولىشى كېرەك.مەن بىزنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نۇمۇسسىز يەھۇدى ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ،يەنە قانداقمۇ يەپ –ئىچىپ،ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ يۈرۈۋاتقانلىقىدىن شۈبھىدىمەن.

ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم ئەل نۇئمان بىن بەشىردىن مۇنداق بىر ئىشەنچىلىك ھەدىسرىۋايەت قىلغان.پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداقدىگەن:"مۇسۇلمانلار بىر –بىرىگە بولغان قېرىنداشلىق ۋە سۆيگۈ مۇھەببەتتەخۇددى بىر بەدەنگە ئوخشايدۇ،ئۇنىڭ بىر يېرى ئاغرىسا پۈتۈن بەدەن ئوخشاشلا قىززىپ ئۇيقۇسىزلىنىدۇ ".

شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بىر نەرسىنى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچىشىمىزكېرەك.پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا بىز ھەقىقەتنى باتىلدىن ئايرىيالايمىز.


نۇسرەت تەقۋادارلار ئۈچۈن

ئۈچۈنچى نۇقتا:شۇنداق دىيەلەيمەنكى ئەگەر ئاللاھ خالىساھازىرقى ھالىتىمىز يەنە قانچىلىك يامانلىشىپ كەتسۇن،ئوبرازىمىز قانچىلىك قارىداپ كەتسۇن،تەقۋادارلار ئۈچۈن ئەقسانى ۋە پۈتۈن پەلەستىننى ئازاد قىلىدىغان شۇنداق بىركۈنلەرمۇ كىلىدۇ.بۇنداق بۇلىشىدا كۆڭلۈمدە قەتئى شۈبھە يوق،ئىنشائاللاھ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭدىن گۇمانلىنىش كەچۈرگىلى بولمايدىغان ئېغىر بىر گۇناھتۇر.ئاللاھتائالا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس كالامىدا مۇنداق دەيدۇ:".. كىمكى ﷲ پەيغەمبەرگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھەرگىز ياردەم بەرمەيدۇ دەپ گۇمان قىلىدىكەن،ئۇ تورۇسقا ئارغامچا سېلىپ بوغۇلۇپ ئالسۇن، قارىسۇنكى، ئۇنىڭ (بۇ) تەدبىرى غەزىپىنى باسالامدۇ؟ (يەنى اﷲ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ياردەم بەرمەيدۇ دەپ ئويلايدىكەن ئۇ ئېسىلىپ ئۆلۈۋالسۇن، ئەگەر بۇ ئۇنىڭ خاپىلىقىنى باسالايدىغان بولسا، چۈنكى اﷲ پەيغەمبەرگە چوقۇم ياردەم بېرىدۇ) (15)"[سۈرە ھەج،15-ئايەت].ئاللاھنىڭ نۇسرىتىدىن گۇمانلىنىش ئاللاھنىڭ قۇدرەت ۋە كامالىدىن گۇمانلانغانغائوخشاش،ئاللاھنىڭ غەلبىسىدىن گۇمانلىنىش مۆئمىن مۇسۇلمان ئۈچۈن قۇبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ھەقىقى ئىنساننىڭ كاللىسىغا كىرىپمۇ چىقمايدىغان بىر ئىشتۇر.

تۆتىنچى نۇقتا: ئەمەلىيەتتە،ئىشلارنىڭ جەريانى ھەرگىزمۇ يەھۇدىيلارنىڭ قانچىلىك زالىم ۋە كۈچلۈكلىكىنىڭ تەسىرىگە ئەمەس بەلكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز دىنىغا قايتىۋاتقانلىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتىدۇ.بىز ئۇلارنىڭ كۈچلۈلىكىدىن ئەمەس بەلكە ئۆزىمىزنىڭ ئاجىزلىقىمىز تەرىپىدىن يېڭىلدۇق.ئەگەر بىزپۈتۈنلەي ئاللاھ تەرەپكە قايتساق ،ئاللاھنىڭ بىزلەرگە ئەۋەتكەن چوڭ نۇسرىتىگە ئېرىشەلەيمىز،شۇنداقلايېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت بىزلەرگە زۇلۇم قىلغان يەھۇدىيلارنىڭ چۈشلىرىنىڭ بەرپات بولغانلىقىنى كۆرەلەيمىز،ئىنشائاللاھ...

مەن ئاللاھنىڭ يولىغا قايتىش دەپ پەقەت مەسچىتكە قايتىش ،ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىش ياكى ئىقدىسادى جىھاد قىلىپ يەھۇدىي ۋە ئامرىكا ماللىرىنى بايقۇت قىلىڭ دىمەك چىئەمەسمەن،بەلكى ھەقىقى ئەقىدىگە ،ئىخلاس بىلەن قىلىنغان توغرا ئەقىدىگە قايتىپ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىپ ،ئۈممەتنى بىرلەشتۈرۈپ ،ئاللاھنىڭ نۇسرىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەسلىكنى ئېيتماقچىمەن.

ئەمەلىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ،ئەقسا مەسجىدى ھەقىقى نىيەتكە باشقا دۇنياۋى يامان مەقسەتلەر ئارلاشتۇرۇلغان كىشىلەر تەرىپىدىن ئازاد قىلىنماسلىقى مۇمكىن.بەلكىم جەننەتنى دەپ دۇنيانىڭ مەئشەتلىرىدىن ۋاز كېچەلەيدىغان ،ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىنسان رازىلىقىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويىدىغان ،قۇرئان ۋە سۈننەتنى چىڭ تۇتۇپ،كاللىسى ئەلمانىزىم ئەقىدىسى بىلەن بۇلغانمىغان كىشلەر تەرىپىدىن ئازاد قىلىنىش مۇمكىن.شۈبھىسىزكى بۇنداق كىشلەرنى ھەر دەۋىردە تاپقىلى بۇلىدۇ.ھەقىقى مۆئمىن قېرىنداشلارغا خۇش خەۋەر بولسۇنكى ،ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئاللاھنىڭ ياردىمى بىزلەرگە يېتىپ كىلىدۇ،مۇشرىكلار ئۆچ كۆرگەن تەقدىردىمۇ ،ئاللاھنىڭ دىنى ئۈستۈنلۈك قازىنىپ ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئىززىتىنى تاپىدۇ.

ئاللاھتىن ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارئۈچۈن غەلبە تىلەيمەن.



قۇشۇمچە: ئەقسا مەسچىتى پەلەستىننىڭ قۇددۇس(ئىرۇسالىم) شەھىرىدىكى ھەرەم شەرىف تۆپىلىكىگە جايلاشقان بۇلۇپ ،ئىسلامدىكى ئۈچ مۇقەددەس مەسچىتنىڭ(مەككىدىكى ھەرەم مەسچىتى ،مەدىنىدىكى پەيغەمبەر مەسچىدى) بىرى.ئۇمۇسۇلمانلارنىڭ بىرىنچى قىبلىسى ،شۇنداقلا سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسالام مىئراج كىچىسى ئاسمانغا ئۆرلىگەن جاي.

ئەقسا مەسچىتى ئىككىنجى خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان ،كيىن ئۈمەۋىيلار خەلىپىسى ئابدۇل مالىك ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ۋەلىدتەرپىدىن قايتا رىمونىت قىلىنىپ كىڭەيتىلگەن.746-يىلىدىكى يەر تەۋرەشتە ئېغىر بۇزغۇنچۇلۇققا ئۇچراپ ،ئابباسىيلار خەلىپىسى ئەل مەنسۇر ۋە ئۇنىڭ ۋەلىئەھدى ئەلمەھىدى تەرىپىدىن قايتا ئوڭشىتىلغان.1033-يىلىدىكى يەنە بىر يەر تەۋرەشتىن كىيىن فاتىمىلەر خەلىپىسى ئەل ئەززاھىر تەرىپىدىن قايتا سالدۇرۇلغان.ئەھلى سەلىپ ئۇرۇشىدىن كىين سالاھىدىن ئەييۇبى تەرىپىدىن ۋە كىيىنكى ئوسمانلى سۇلتانلىرى تەرىپىدىن قايتا قايتا رىمونىت قىلنغان.

پەلەستىن ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلنغاندىن كىيىن ،مەسجىدۇل ئەقسا ۋە باشقا ئىسلامى تەۋەرۈكلەرگە بولغان بۇزغۇنچىلىق توختىماي ئېشىپ بارغان.1969-يىلى دېنىس مايكول روھان مەسچىتكە ئوت قۇيىۋىتپ ،مەسچىتنىڭ شەرقى جەنۇبى بۇرجىكى بۇزغۇنچىلىققائۇچرىغان ۋە نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە سالاھىدىن مۇنبىرى كۈيۈپ كەتكەن.

1990-يىلى يەھۇدى زىئونىزىمچىلىرى مەسجىدۇل ئەقسانىڭ ئۈستىگەئۈچۈنچى ئىبادەتخانا سېلىش پىلانى تۈزۈپ ،مەسچىتكە سوقۇنۇپ كىرگەن.2000-يىلى ئىسرائىل باش مىنىستىرى شارول 100نەچچە قوغدىغۇچى بىلەن ئەقسانى زىيارەت قىلغان،پەلەستىنلىك مۇسۇلمانلار بۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق نامايىش قىلغان.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەھۇدى قىساسكارلىرىنىڭ قەدىمكى ئاسار ئەتىقىلەرنى كولاش پىلانى بىلەن ھەرەم شەرىف تۆپىلكى ئاستىغا كۆپلەپ تونىل قېزىلغان.





پايدىلانغان مەنبەلەر:قىسسەتۇل ئىسلام تورى
ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلىندى
خالىس دۇئالىرىڭىزدا بىزلەرنى ياد ئىتىپ قۇيۇڭ!!
[ بۇ يازمىنىمۇئەتتەر 2012-03-17 18:52قايتا تەھرىرلىد ]
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(arzuyum) ئەھمىيەتلىك ..
  • دوستلىشىش
    لۇتفى
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6889
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 1
    ئومۇمىي يازما: 240
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە240دانە
    ئۆسۈش: 690 %
    مۇنبەر پۇلى: 2924 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-04-03
    ئاخىرقى: 2012-05-08
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-17 22:44

    سىزنىڭ بۇ ئىشلارنى ئەرەبلەرگە باغلاب قويغىنىڭىزغا ھەيرانمەن . قىيامەتتە سەن ئەرەبمىدىڭ ياكى باشقىمىدىڭ دەپ ھېساب ئالمايدۇ . 
    باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(arzuyum) ھەق سۆز
  •