باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 8355 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: كېندىكىڭنى ياپ سىڭلىم(ھ)
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 30 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-13 18:32

كېندىكىڭنى ياپ سىڭلىم(ھ)

ئەسكەرتىش: بۇ يازما tvnlirikisi تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-08-14)
ئاپتورى : ئابدۇۋەلى ئابدۇراخمان



ئەجەب نازۇك ساق ئىدىڭ يۈزى تۆۋەن پاك سىڭلىم ،
بۈگۈن چەتنەپ كەتتىڭمۇ يامان يولدىن قايت سىڭلىم.
ئىزدەپ ئەجداد روھىدىن، ئۆز-ئۆزۈڭنى تاپ سىڭلىم،
بىشەملىكتىن قاچ سىڭلىم، كېندىكىڭنى ياپ سىڭلىم.


ياپالمىغان دۈمبەڭنى چاپىنىڭدىن ھەيرانمەن،
توۋا،مۇنداق چەژمەكنى تاپقىنىڭدىن ھەيرانمەن.
رەستىلەردە شۇ پېتى ماڭغىنىڭدىن ھەيرانمەن،
كىر-ئىللەتتىن قاچ سىڭلىم، كېندىكىڭنى ياپ سىڭلىم.


<<ئۇسسۇل>>كۆردۈم بىر تويدا، شۇمۇ ھەركەت-ئۇسسلمۇ،
كېندىك، ساغرا تولغايسەن بۇ چۈشۈممۇ-ئوڭۇممۇ.
دوراش خەقنى مايمۇندىن ساڭا قالغان ئۇدۇممۇ،
بولما يۈزى داپ سىڭلىم، كېندىكىڭنى ياپ سىڭلىم.


داغ تېگىپتۇ ۋاي ئىسىت، تولۇن ئايدەك ھۆسنۈڭگە،
ئاشكارىلىق كىندىكتىن، تۇتۇشۇپتۇ كۆكسۈڭگە.
نەپرەت بىلەن قارايدۇ شۇڭا ھەركىم ئەپتىڭگە،
غەيرىي مىجەز كاج سىڭلىم،كېندىكىڭنى ياپ سىڭلىم.


ئۈستى-باشتا تاڭ قويغان،بۇ جاھاننى مىللىتىڭ،
بىلسەڭ ئەگەر ئەي قىزچاق، شۇ ئۈستى-باش زىننىتىڭ.
ئۇنىڭ بىلەن جەلىپكار،سېنىڭ سېھرىڭ-قىممىتىڭ،
بولغىن سۈتتەك ئاق سىڭلىم، كېندىكىڭنى ياپ سىڭلىم.


يارىشاتتى ئەجەپمۇ كۆينەك كىيسەڭ ئەتلەستىن،
داداڭ-ئاناڭ شادلىنار ،يېنىڭدىن ھىچ كەتمەستىن.
(خۇددى بەھىر ئالغاندەك چىن-ھەقىقى سەنئەتتىن)
شۇ داداڭغا باق سىڭلىم،كېندىكىڭنى ياپ سىڭلىم.


شەرمى-ھايا،ئەخلاقنى مەڭگۈ ھەمىراھ يار تۇتساڭ،
پەن- بىلىمنى ئىگىلەپ،ھەر ئىشىڭدا شان قۇچساڭ.
ئورتاقلىقتىن ،خاسلىقتىن ،ئەنئەنىدىن گۈل قىسساڭ،
ئاندىن بىزگە باپ سىڭلىم، كېندىكىڭنى ياپ سىڭلىم.



                              مەنبە  :  تۇنجى ئاي تورى  .

بۇ شىئىر ماڭا بەكلا ياققانتى كۇرۇپ تۇرۇپلا بۇ مۇنبەردىكى مۇنبەرداشلىرىمغا گېلىم غىققىدە سىقىلدىدە مەششەدە كۇرۇش ئۇچۇن بۇ يەرگە باشلاپ كەلدىم
مەن يىقىلسام ئانام يىغلىدى ،دادام سىلكىىپ   ..
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 765
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 323
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە323دانە
ئۆسۈش: 210 %
مۇنبەر پۇلى: 3439 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-30
ئاخىرقى: 2011-05-23
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-14 15:47

تولىمۇ ياخشى يىزىلغان شئېر ئىكەن  ياشاڭ ...................
ئارقان