بۇ مەزمۇن 17قەۋەتتىكى kizilkowruk نىڭ 2012-03-07 13:46 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مەرھۇم يازغۇچىمىز روماندىكى مۇختەرباينىڭ تىلى بىلەن تازا تىللىۋالىدۇغۇ ئابباسوفنى، بۇ ترىلوگىيەدە ئەينى دەۋر رىياللىقى،تارىخىي شەخسلەرنىڭ مىجەز-خارەكتىرى تارىخىي چىنلىققا ئۇيغۇن ھالەتتە ناھايىتى زور بەدىئى ماھارەتتە يورۇتۇپ بېرىلگەن. بىرەيلەن بۇ ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ھەققىدە توختىلىپ،ناھايىتى ئوبرازلىق قىلىپ:
كىمكى"ئانا يۇرت"نى كېچىسى ياستۇقى ئاستىغا قويۇپ ياتسا،شۇ كىشىنى قارا باسمايدۇ؛دەپتىكەن. ھەقىقەتەن بۇ كىتاب بىزگە ناھايىتى نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشەندۈرۈپ قويدى.
ھەر يىلى بالا-چاقىلار بىلەن ئولتۇرۇپ بىر قېتىمدىن ئوقۇۋاتىمىز،ھەر قېتىمدا يېڭى-يېڭى ھىس-تۇيغۇلارغا چۆمۈۋاتىمىز. بۇ كىتابنىڭ ھۆرمەتلىك يازغۇچىمىز تەرىپىدىن يېزىلىپ،نەشر قىلىنىشى جانابى ئاللاھنىڭ بىزگە قىلغان كاتتا شاپائىتى ھېسابلىنىدۇ!
مۇشۇ تېمىنى يوللىغۇچىغا ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن.