باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2218 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئايغا چىقاي دىگەنتىم 2-
ھامان بىر كۈنى .......
دەرىجە: كۇلۇب باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 1422
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1422دانە
ئۆسۈش: 12030 %
مۇنبەر پۇلى: 12949 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2012-05-04
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-05 13:13

ئايغا چىقاي دىگەنتىم 2-

ئەسكەرتىش: بۇ يازما sirik تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-03-10)




شۇنداق قىلىپ كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى . قوياش چىقىدۇ ،ئاي پاتىدۇ .  ئاي چىقىدۇ ،قوياش پاتىدۇ . گاھى ئۇلارنىڭ ئارلىقىمۇ ئانچە يىراق ئەمەس . قۇرۇق خىيالنىڭ كەينىگە مۇپتىلا بولوپ ئىشەككە تەتۈر مىنگەن بۇ گەپ يىمەس كۆڭلۈم ئايغا چىقىدىغان <<ئەخمىقانە>> خىيالنىڭ يىرتىلغان ئېغىدىن چىقىپ بولالىغىنى يوق .
خۇددى ئاغنىڭ ئىچىدە ئادەم ..ئادەمنىڭ ئىچىدە ئاغ ...يەنە ئاغنىڭ ئىچىدە ئادەم .كىم كىمگە ماراۋاتىدۇ ،كىم كىمنى ماراۋاتىدۇ .؟ بىرسى ماراۋاتامدىغاندۇ دەپ ئاغنىڭ ئىچىگە قارىغىلى بولمىغان ....لىكىن قارىسا ھەممىسى بىر-بىرىنى ماراۋاتقان ..
بوينۇمدا قېپقىزىل چوغدەك گالغا ئاستۇك ، مەغرۇر ھالدا ئىچىمگە پاتمىغان خوشاللىقىمىنى دۈمبەمگە ئارتىۋالغان ..
بالىلىقتىكى ئاشۇ بەخۇدەك يايرىغان جانلىرىم بىلەن ...
ئورغاق ئايغا ئولتۇردۇم ،
ئاي بولدى كىچىكى كىمەم.
كۆردۈم سانسىز يولتۇزنى ،
كۆك ئارا كىزىپ ھەردەم .
گۈلدۈراس ئالقىشلارغا تولغان سەھنىدە ....

<< مۇئەللىم !! مەنمۇ ئاشۇ بالىغا ئوخشاش ئايغا چىقىمەن ؟!>>
<< مۇئەللىم !! بىزمۇ ياخشى ئوقۇساق كەلگۈسىدە ئاشۇ بالىغا ئوخشاش ئايغا چىقامدۇق ؟! >>
<< چىقىسىلەر باللىرىم ، چىقىسىلەر . ياخشى ئوقۇپ ،كەلگۈسىدە ۋەتەن ۋە خەلىق ئۈچۈن ياراملىق ئادەم بولساڭلار . خەلىقىڭلار سىلەرنى ئۆزى بېشىدا كۆتۈرۈپ ئايغا ئاچىقىدۇ . >>
....
<<مۇئەللىم ؟ دادام ماڭا ئۇنداق دېمىدى . ئۇ ؛ ماللارغا ياخشى قاراپ مۇشۇ قوتاننى توشقۇزساڭ ، سېنى ئۈزۈم ئايغا ئاچىقىپ كىلىمەن دەيدىغۇ ؟ >>.....
ۋايجان !!!
تۇيۇقسىز تەگكەن تېپكنىڭ دەستىدىن ئۇچۇپ كەتكىلى تاسلا قالدىم  . نىمە بولارىنى ئاڭقىرىپ بولالماي قاپتىمەن . ئەسلى بۇ تۈگىمەس خىيالىنڭ دەستىدىن ئېغىلدا  مال ئايىقىنى تازلاۋىتىپ ئاق باش ئاتنىڭ تازا غىدىقى كېلىدىغان يەردە غەرىق خىيالدا تۇرىۋاپتىمەن .....
ئات ماڭا ھىچ ئىش بولمىغاندەك قارايىتتى . خۇددى ئۇ مىنى مەسخىرە قىلىپ بول قۇرۇق خىيالنى قىلماي ،پوقۇمنى تازلا لەقۋا دەۋاتقاندەك قىلاتتى .

ساغرامىنى سىلىغىنىمچە يەنە مال ئارىسىدا گاھ كىرىپ گاھ چىقىپ يۈردۈم ...

يېزىمىزدا مۇنداق بىر گەپ تارقالدى ؛
يۇقۇردىن مەخسۇس يىزىلار ئۈچۈن دېھقانلار شاتلىقى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكچى بوپتۇ ..بۇ پەقەت يىزىلار ئارا بولىدىكەن .  پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى بولسا ؛
كىمكى <<دېھقان >>  10 سائەت ئىچىدە بەش مۇ ئېتىزلىقتىكى بۇغداينى ئورۇپ بولسا شۇ  رايۇننىڭ يۇقۇرى رەھبەرلكى ئۇيۇشتۇرغان نىمە تەلىپى بولسا يەتكۈزۈلۈش مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ ، شەرىتى ؛ بۇغداينى ھەم پاكىز ھەم رەتلىك ئورۇشى . قولدا ئورۇلغان بولۇشى كىرەك .  دېيىلدى .
ئۈزۈڭلار بىلسىلەر .  مېنىڭ كىچىكىمدىنلا ئايغا چىقىش ئارزۇيۇم بار ئىدى . يۇقۇرنىڭ مۇكاپاتى بولغاندىكىن بەلىكىم بۇ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئېشىپ قېلىشى ،ھىچ بولمىغان تىزىملىتىپ قويالىشىممۇ مومكىن . دەپ ئويلىدىمدە . ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايلا كەنىت رەھبەرلىكىنىڭ ھويلىسىغا ئۈزۈمنى ئاتتىم .

مانا..مانا ..قولۇمدا ئورغاق ..گويا ئاي . ئورغاق ئاي  
ئايدا بۇغداي ئورۇۋاتىمەن ..
بەدەندە ئىلى دەرياسىنىڭ دولقۇنلۇق سۇلىرى ..
مەن دىدىمغۇ يېڭىپ چىقىمەن دەپ ..
يېڭىپ چىقتىم .
مۇكاپات مەيدانىغا ماڭدىم .
ئارزۇيۇمنى ئىيتىمەن -دە . ئايغا چىقىمەن .
ھەيۋەتلىك زال .
لىىكىن ئانچە گۈزەل بولمىغان ئىشخانا ..
مۇھىتمۇ بارغانسىرى قوپاللاشقىنى تۇردى .
باشلىقنى كۆردۈم . ئۇ توختىماي ئۇيان -بۇيان مېڭىپ يۈرەتتى . قىززىق يىرى باشلىقىنڭ كىيىۋالغان كىيىمى قارا ياكى سىدام رەڭدە بولماي بەلكى قار-ئاق ئالا رەڭدە . ئالاھىدە كۆرىنىۋاتاتتى .
مېنى كۆرۈپ قاتتىق خوش بولوپ كەتتى ۋە مېنى بىر ھازار ماختىغاندىن كيىن يىنىمغا كىلىپ مېنى سۆيدى ئاندىن مەڭزىمگە يالىغىلى تۇردى . مەن چۆچۈپ كەتتىم . بۇ نىمە ئىشتۇ ئەمدى . ؟ مەن رىئاللىقتا پەقەتلا قۇبۇل قىلالمايۋاتقان رىئاللىق ھازىر يۈز بېرىۋاتاتتى .باشلىقنىڭ بۇرنى ئاغىزى بارغانسىرى يوغىناشقا باشلىماقتا ...بۇرۇتلىرىمۇ ئۇزىراۋاتاتتى ..مەن باشلىققا تىل يىرىپ بىر نەرسە دىيىشكە پېتىنالمايۋاتاتتىم . ھەم ئارزۇيۇممۇ بۇنىڭغا يول قويمايىتتى ..
ۋايجان !!!...
ئولتۇرغان ئورنۇمدىن ئەندىكىپ تۇرۇپ كەتتىم .
مەن نىمە بولغاندىمەن .. مەن يەنىلا مۇشۇ ئېغىلدا ئىكەنمەن .. بايامقى خىيالىمنى تېخى يېڭى تۇغۇلغان ئالا موزاي يۈزۈمنى بولۇشچە يالىغاندىلا ئاندىن بىلىپتىمەن . ئېغىلدا ئۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان مەن . ماڭا ئوخشىمايدىغان ئۇ ..ۋە ماڭىمۇ ،ئۇنىڭغىمۇ ئوخشىمايدىغان باشقىلار بىر -بىرىگە قارىشىپ تۇرىدۇ .
بايامقى يىگە تۇياقتىن پەندىيات يىمىگەن كۆڭلۈم يەنە بىر نۆۋەت بۇرنىغا يىدى . شېرىن خىيالنى بۇزۇپ . مەن ئۈچۈن ئارزۇيۇمنى بېجىرىپ بېرىدىغان باشلىقمنى يوق قىلدى . تېخى نىمانداق باشلىققا ئوخشىمايدىغاندۇ ؟-دەپ كېتىپتىمەن .
كۆتەر قاسقىنىڭنى .!!!
شۇنداق قىلىپ ئايلىقىغا 1000 يۈۋەندىن بېرىدىغان قوتاندىن يېنىپ چىقتىم .
كەچ -كۈز ..
بىر پارچە غازان بولوپ ئۇچىۋاتىمەن . مېنىڭ كۆكتە ئۇچىۋاتقىنىم ئەخمەقلەرنىڭ قارىشىدا خۇددى ئەركىن ئۈچۈپ يۈرگەن بەخىت  ۋە رۇمانتىك ھايات . ئۈزۈمىنڭ قارىشىدا نىشانى يوقالغان ،گاھى پوققا ، گاھى كالنىڭ كۆتىگە تېگىپ قاڭقىپ ئۆزى بىلمىگەن يەرگە چۈشىدىغان سەرگەردان ...
شۇڭا ئۇچۇپ-ئۇچۇپ بەخىتلىكلەر خالىمايدىغان ، بەخىتسىزلەر خالىمىسىمۇ  بارىدىغان ، زىمىستاننىڭ ئېقى يوق ، ياكى باھارنىڭ يېشىللىقى يوق قار شەھەرنىڭ مۇزلىقىغا موللاق ئاتتىم . لىكىن نەگىلا بارسام خۇددى سايەمدەك ئەگىشىپ يۈرىيدىغان تولۇن ئاي مېنى ئۆزىگە چاقىرىپ تۇرغىنى-تۇرغان ،.ئۇ خۇددى مەن ئۈچۈن ئۇنۇتقىلى بولمايدىغان ھاياتىمىنىڭ تۇنجى ياخشى كۆرگەن قىزىغا ئايلانغان ..
خەپ .قۇمۇش ئورۇپ جىق پۇل تېپىپ ئايغا يەتمەيدىغان بولسام !! ..
ياتقان ئورنىمىز يىزىلىق ئىشلەمچىلەرنىڭ چىدىرى ..
ماڭا ئوخشاش ئىشلىگلى چىققانلار . تولىسىنىڭ ئائىلە غېمى . بالىنىڭ غېمى .. قىشتىن ئامان-ئىسەن ئۆتۈشنىڭ غېمى . ئەمما تولىسى بۇ يىلقى ياردەمنىڭ كۈچى بىلەن ئۆيلىرىنى قەلەيلىك قىلىپ خېلى ئوڭشاپ ياسىۋالغانلار ..مەھەللىنىڭ ئاسفالىت يوللىرىدا پاتقاق كۆرمەي ماڭىدىغانلار  . كېچىنىڭ تۈنلىرى يوپيۇرۇق چىراق نۇرلىرىدا مۇڭدىشىدىغانلار ....
ئەسلى بايۋەتچىنىڭ تۇرمۇشىغا يىقنىلاپ قالغان بەندىلەر بۇ . يەنە بۇ يەرگە ئوينىغىلى چىقىشىپتۇ .. ئەخمەقلەر .. ماڭا ئوخشاش ئاينىڭ غېمىدە چىققان بولسا خاڭدا ئىشلەيدىغان ئوخشايدۇ...
چەكسىز كەتكەن قۇمۇشلۇق . لوبەن يولداشلار تويۇتا ماشىنىلرىدا كۆپكۈك مۇزنىڭ تۆپىسىدە خۇددى يۇقۇرى سۈرئەتلىك يولدا مېڭىشۋاتقاندەك غۇيۇلداپ يۈرىشىدۇ . بىز بولساق قورقۇپ مۇڭغۇل ئاداشنىڭ پوت-پوت تىراكتۇرىدا جالاقشىپ ئىش ئورنىغا كېتىۋاتماقتىمىز . قوللىرىمىزاد چايدان . خالتىمىزدا موما <<ھور نان>> بۇ دىگەن چۈشلۈك تاماق . چۈنكى ۋاقىت قىسقا .. چۈشتە كىلىپ يۈرسەك ئايغا ئەمەس كەتكۈدەك كىراغىمۇ پۇل يوق ..دىگەن گەپ . نەچچە مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى مۇزلۇقنىڭ ئۈستىدە كۆز يەتكۈسىز قۇمۇشلۇق . گاھى تىراكتۇر ئورىيدۇ ، گاھى بىز قولدا .. قۇمۇشنى ئورۇپ ،باغلاپ . تارازىدىن ئۆتكۈزۈپ مەيدان تۆكۈپ بېرىشنىڭ توننىسى 120 يۈۋەن خەلىق پۇلى .   باغراشنىڭ قۇمۇشلۇقى ئىككىگە بۆلۈنگەن  يۈزدە 20% تى ھۆكۆمەتنىڭ قالغان 80% تى باشقا بىر يولداشنىڭ ئىكەن . ئاڭلىشىمىزچە ئۇ يولداشنىڭ نەچچە مىڭلاپ تىراكتۇرى بار مىش .. بەلكىم راستۇ . ئەمما ھۆكۆمەتنىڭ دەپ كۆيۈنۈش دىگەن گەپ يوق ..
<< بۇ قۇمۇشلۇقنى ئورۇپ بولوپ پاك-پاكىز تازلاپ ،بىر تال چىۋىن كۆرۈنگىدەك قىلىۋىتىدۇ  بۇ شەخسنىڭ.  ماۋۇ قۇمۇشلۇقنى تازلىمايدۇ ..بۇ ھۆكۆمەتنىڭ ..ئۇرۇپ بولوپ ئوت قويىۋەتسەك بولدى .>>
ئەتىراپ يا ئاق ئەمەس ، يا كۆك ئەمەس .. قار ياغمىغان  يولدا پۇرقىراپ توپا ئۇچۇپ تۇرىدۇ . يۇلغۇنلارنىڭ ئۈستى-بېشىنى ئاپئاق قىرۇ قاپلىغان ، سوغۇقنىڭ دەستىدىن  چوڭ تەرەت قىلىغان ئادەمنىڭ جېنىغا ۋاي ..رەڭگىدىن كەتكەن سەت چىدىر بىز ئۈچۈن ئىشنىڭ ئاخىردا تىتىرەپ كىلپ پاناھلىنىدىغان ئىللىق ماكانىمىز ... چاشقاننىڭ تۆشىكىدىن كىرگەن سوغۇق خۇددى ھازازۇل خوتۇننىڭ  قولىدەك تەگكەن جاينى چىمدىمىغۇچە بولدى قىلمايدۇ .چىدىردا 24
سائەتنىڭ ئىچىدە مەشنىڭ ئوتى بوشاپ قالسا  خۇددى قارنىڭ ئاستىغا كۆمۈپ قويغان يىسىۋىلەكنىڭ كۆتىدەك تاتىرىپ كېتىسىز ....ئەمما بۇ ھەربىيچە تۇرمۇش .. ئەركەكنىڭ تۇرمۇشى . خوش بولىدىغان بىردىن -بىر تۇرقۇم مۇشۇ ئوبراز ..تەشتەكتىكى يىجىقىزلاردىن يىراق ياشاش كىرەك ..
قارا شەھەر ناھيىسى .. كۈندۈزى ئايلىنىپلا قايتىڭ ، ئەمما كېچىگە قالماڭ بولمىسا دەرىزىلەردىن مارىغان ، توۋلىغان ، ئىڭىرغان ئاۋازلاردىن بەكمۇ بىئارام بولىسىز .خۇددى يولۇچىنى تارتقان شوپۇردەك تارتىلىسىز .ئەيدىز كىسىلىنى يوقۇتۇش شوئارى تامغا ، پىلاكاتكا، ھەر قايسى ئورۇنلارغا ئورۇنتىلىپ قويۇلسىلا ئەيدىز كىسىلىنى كونتۇرۇل قىلغىلى بولىدۇ ...شۇڭا بۈگۈنگە قەدەر ئەيدىز كېسىلى ناھايىتى ياخشى كونتۇرۇل قىلىنماقتا ...
قار شەھەرنىڭ كۆل بويى ،قۇمۇشى دەيدۇ .
ھەر تەرەپتىن قارىساڭمۇ كۆزۈڭ يەتمەيدۇ .
بەلنى باغلاپ ،ئەمدى چىداپ قاتتىق ئىشلىمىسەڭ ،
ئاھ بۇ يەردىن كېتىشكە دوللار يەتمەيدۇ .

ئەتتىگەندە بەش بىلەن قۇمۇش ئورىيمەن ،
بىر باغ قۇمۇش ئورۇپ بولغىچە مىڭنى غىڭشىيمەن .
كەچ كىرگۈچە ھالسىزلىنىپ مەستەك لىڭشىيمەن ،
ئايغا ئەمەس ئۆيۈمگە قاچان كىتەرمەن .

خەيىر ...بۇ يەردىمۇ ئانچە ئۇزۇغا بارمىدىم ، ئايغا چىقىدىغانغا پۇل ئەمەس بەلكى كىراغا ئاران تەستە ئېرىشىپ ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت زامانىۋىلاشمىغان قالاق شەھەرگە چۈشتۈم . بۇ يەر خۇددى پۇلى بار ئادەملەر ئۈچۈن <<جەننەت>> تەك ماكان بولغىنى بىلەن كىرا پۇلى بىلەن ئاران جايلاشقان <<يوقسىزلار >> ئۈچۈن قان چىقارماي جان ئالىدىغان ، قاپقانغا كىرىپ دان ئالىدىغان جاي ....

مانا ، زاۋۇت قوراسىنىڭ چوڭ يولىدا قار سۈپۈرۋاتىمەن . ئالدى تەرىپىمدە <<سەنشىخاڭزا>> دوقمۇشىدىكى ئادەم بازىرىدىن ئېلىپ كىلىنگەن ئىشلەمچىلەر بىر-بىرىنى تونىمىغان ، ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان چىرايلاردا ھىيىقىش  بىلەن ئاجىزلاشقان پەقەت ئازغىنە قالغان ماغدۇر بىلەن ئۈمۈد ئەكىس ئىتىپ تۇرىدۇ . ھەر قايسىسىنىڭ ئۆز كۆڭلىدە پەقەتلا ياخشى كۈنگە ئېرىشىش ئىدىيىسى ئىنىق . ھېلىمۇ شۇ دوقمۇش بار ئىكەن ، ئاز -تولا بولسىمۇ ھەق ئىلىپ بۇ قارا سوغۇقنىڭ ماكانىدا جان ساقلاپ قالىدىغان گەپ . ئارىسىدا خېلى پۇزۇر كىيىنگەنلەرمۇ ، ئاددى كىيىنگەنلەرمۇ ، مودا <<شۇشەن>> كىيىنگەنلەرمۇ ، بۇرۇتى ئەمدىلا خەت تارتقانلارمۇ ، قېرىپ ھالىدىن كەتكەنلەرمۇ ، تاماكىنىڭىڭ دەستىدىن چىرايى بەدىرەڭلىشىپ كەتكەنلەرمۇ ، ھاراق پۇراپ سېسىق كېكىرىپ قالغانلارمۇ ....... بار ...ئىشقىلىپ قانداقلا بولمىسۇن پۇلىنى ئەمگەك قىلىپ تاپماقچى بولوشۇپ كېلىشكەنلەر.. ئانداق ھارامتاماق ، ھەزىلەكلەردەك بىراۋنىڭ يانچۇقىنىڭ يىنىدا پېقىراپ ھەممە خەقنىڭ كۆتىگە قاراپ يۈرگەنلەر ئەمەس ، تەييار تاپ ئىپلاس ئوغرى كۆزلەر ئەمەس ...نۇمۇس دەرىجىسىدىن ھالقىپ ئەڭ ئاخىرقى بەدبەشىرەنىڭ كەينىدە تۇرۋاتقان ساختىپەز مەينەت دىۋانە ئەمەس ....
قار سۈپۈرۋاتىمەن ..يىراقتىن بىر يولداش  تۆت نەپەر ئوماق بالىسىنى ئوينىتىپ كېلىۋىتىپ مېنىڭ قار تازلاۋاتقىنىمىنى كۆردى بولغاي ، بالىلىرىغا << باللىرىم ئاۋۇ تاغاڭلار قار تازلاۋىتىپتۇ ، قالايمىقان دەسسىمەڭلار .بىز باشقا يەردە بىرگە ئوينايلى ھازىر جىم مىڭىڭلار دەپ يېنىغا تارتتى . كەلگەندە قارىسام بالىسى قوش گىزەك ئىكەن
. << ئىككى ئوغول قوش گىزەك بالىڭىز باركەندە ھە .>> دىسەم << شۇنداق ، ئىككى قىز ئىككى ئوغول >> دېىدى ۋە مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈمسىرەپ باللىرى بىلەن مۇڭداشقىنىچە يىراقلاپ كەتتى . قارىماققا ئۇلار ناھايىتى بەخىتلىك ، چىرايىدىن غەم تىپىلمايدىغاندەك قىلاتتى .. دىمەككىمۇ ئەتىراپتىكى كىتىۋاتقان كىشىلەر . مۇڭدىشىۋاتقان ياشانغانلار ، گۇمپا مەشىق قىلىۋاتقان موماي-بۇۋايلار بۇ ھاياتتىن تولىمۇ خاتىرجەم كۆرىنەتتى ....
چىرايلىق خېنىم يىتلەپ كېتىۋاتقان بىر جۇپ ئەرمەك ھايۋان ، يان تەرپتىكى بىر توپ ئەرمەكلىكتىن قالغان تاشلىۋىتىلگەن پىستىلەرنىڭ كۆزلىرىدىن <<ئوت>> چىقىرۋەتتى .
دېققتىم ئۇلارغا بۇرۇلدى .
ھەي...يۈز-كۆزلىرىنى قاسماق باسقان ،
پۇت-قوللىرى سوغۇقتىن دىر-دىر تىتىرگەن ،
چاچ-ساقاللرى ئۆسۈپ ،تىرناقلىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن ،
تۇمشۇقى ئۇزۇن، بۇرنى قىسقا ، قۇلىقى قىسقا كالپۇكى ئۇزۇن ، پۇتى قىسقا ،قۇيرۇقى ئۇزۇن ، كۆزى كۆك، ھەرخىل شەكىلدىكى ، خۇددى تەرەپلىرى ئىنىق بولمىغان گىئومىتىريەلىك تاشلىۋىتىلگەن پىستىلەر ..تولىمۇ ھەسىرەتلىك ،تولىمۇ بىچچارە قىياپەتتە ،ئاشۇ خېنىمنىڭ بىر جۈپ كاتتا ياسانغان ئەرمىكىگە خېلى ئۇزاققىچە تەلمۈرۈپ قاراپ قېلىشتى . كىم بىلەر بەلىكىم ئۇلار ئۆزلىرىنى بۇرۇن قايسى خېنىملارنىڭ ، قايسى بەگزادىلەرنىڭ قويىنىدا ئەركىلەپ ، ئادەتتىكى ئادەملەرمۇ يىيەلمەيدىغان مەززىلىك تاماقلارنى يىگەنلىكىنى ، ئادەتتىكى خېنىملارمۇ ياسىنالمايدىغان ياسىنىشلارنى بېشدىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئويلاۋاتقاندۇ . قايسى بىر چاغدا ئېگىسىنىڭ قولىدا  قانچىلىگەن ئادەملەرنىڭ پۇتلىرىغا ، پاچاقلىرىغا ئېتىلىپ ،ھۆرپەيگەندۇ ...ئېگىسى بار بولغاچقا ،ئېگىسىنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلماقچى بولوپ ئۇچۇرغانلا ئادەمگە ھۆرپىيدىغان گەپ ...مانا ئامدى ئۇنىڭ دالدىسىنى باشقا بىر ئەرمەكلەر قولىغا ئالغان . ئۇ بولسا قېرىغان ماك -ماكقا ئايلانغان .. پەقەت ئادەملەرگە ئۇچىراپ قالسا قۇيرۇقىنى توختاۋسىز لىڭىشتىپ ،چاتتىرقىدا ئۆمىلەپ خار-زەبۇن بولوپ ياشاشتا قالدى ..  شور پىشانە دىگەن مانا ، بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق شور-پىشانىلىك مەۋجۇت ئەمەستۇ . بۇنداق ئېرىشىپلا تاشلىۋىتىلدىغان بەخىتتىن كېلىدىغان ئازاپنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى ئاشۇ پىستىلەر بۇرۇنقى ئېگىلرىگە قانچە مىڭ قېتىملاپ ئىيتقان بولغىيتتى ..ئەمدى ئۇلار بىر توپ لالمىلارغا ئايلانغان ، قولىدىن ھىچنىمە كەلمەيدۇ . سۈڭەك غاجاشقا ئۈگەنمىگەن ماك
-ماك چىشلاردا ئېزىپ پىشۇرۇلغان لوق گۆشتىن باشقىسى چۆرگىلىمەيدۇ . ئادەملەرنىڭ ئايىقىدا پىرقىراپ ،تىپىك يەپ ، تۈكرۈك يەپ جان باقىدىغان گەپ . ئەمسە قانداق قىلىدۇ . دالىغا چىقىپ توشقان ئوۋلامدۇ ؟ بۇ تۇرقىدا توشقان ئەمەس ، چاشقانمۇ ئۇنىڭ بۇرنىغا قۇيرۇقىنى تىقىپ جېنىنى ئالىدىغاندۇ ..
لالما- ياۋا ..ياۋا -لالما ..
ياۋا دىگەن يەنىلا ياۋا . ئۇ ئادملەرگە كۆنمەيدۇ . ئۇلار كەڭ دالىنىڭ خۇجايىنلىرى . توشقان بولامدۇ . پوشقان بولامدۇ . ئۇنىڭ ئالدىدا . يۇلۇپ ئېلىپ ، يىرتىپ يىيەلەيدۇ . يا يەيدۇ ، يا يىيىلىپ ئۆلىدۇ . بۇ گويا بايقى پىستەكلەرنىڭ تۇرمۇشىدىن قاراڭغۇ بىلەن كېچىدەك پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ . لالما پىستىلەر ئادەملەرنىڭ چاتتىرقىدا ، ئايىقىدا ئەركىلەپ بىر تۈكرۈككە يارىمايدۇ . ئۇلارنىڭ ئىزدەيدىغان ئورىنى ئەخلەت ساندۇقى . ياتىدىغان ئورنىمۇ ئەخلەت ساندۇقى .
قىززىق ؛
بىرى ئادەملەرگە يىقىن قورقۇنچاق .
بىرى ئادەملەرگە يىراق ئامما يامىنى .
بىرىنىڭ يۇڭلىرى خېنىملارنىڭ قوللىرىدا نازلىنىپ تارالغان .
بىرنىڭ يۇڭلىرى دالىدىكى تۆمۈر -تىككەنلەرنىڭ ئۇچلىرىدا تارالغان ...
لىكىن ئاقىۋىتى مانا ...بىر توپ بىچچارەر پىستىلەر .. نەگىلا قارىسام تاشلىۋىتىلگەن پىستىلەر . پۇتلۇشۇپ ،سوقۇلۇپ ، يۈرگەن .
باغرىم يۇمشاق ئادەممەن .. ئايغا چىقاي دەپ پۇل تاپماقچى بولوپ ئىشلىگەن  ئۈمۈدۈم يەن سۇغا چىلىشىۋاتىدۇ .. كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ ئۇلارغا قارىغانسىرى ،ئۇلار ماڭا قاراپ تەلمۈرۈپ تۇرىشىدۇ . ھەي ....يا دادىسىنىڭ تايىنى يوق ،يا ئاپىسىنىڭ تايىنى يوق مەخلۇق ... مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئەجەپ يېرىم قىلدىڭدە ..
........
شۇنداق قىلىپ ئايغا چىقاي دەپ توپلىماقچى بولغان پۇلۇمنىڭ بىر قىسىمىغا بۇ بىچچارىلەرگە بىرەر قېتىم بولسىمۇ تويغىدەك تاماق ئىلىپ بىرىش نىيىتىگە كەلدىم . بىر قىتىممۇ ئاز گەپ ئەمەس ، بۇ يەردىكى لالما بولوپ كەتكەن پىسىتىلەرنىڭ كۆپلىكىدىن گويا بىر ئادەم ،بىر پىستە . بىر پىستە ،بىر ئادەم ..
سۆيۈملۈك ھۆكۆمىتىمىزدىنمۇ تەلەپ قىلىدىغىنىم خۇددى باشقا ھايۋانلارنىمۇ ئاسرىغاندەك ، مۇشۇ پىستىلەرگىمۇ بىر ئاسىراش ، ئاياش تۈرىنى پىلانلاپ قويسىكەن دىگەن ئۈمۈددىمەن . قالايمىقان بىقىپ تاشلىۋەتكەنلەرگە جازا بەرسە ... بۇ بىچچارە زۇۋنسىزلار ياخشى كۈنگە ئېرىشسە دەيمەن ..
شۇنداق قىلىپ بايىقى پىستە  شۇ خېنىمىنڭ
يىتلەپ ماڭغان يىڭى ئەرمىكىگە قاراپ <<سىنىڭمۇ ۋاقتىڭ ئۇزۇن ئەمەس >> دەپ قويۇپ كىتىپ قالدى .
شۇنداق قىلىپ ئايغا چىقىش ئارزۇيۇم كىيىنگە قالدى ..
زادى ئايغا قاچان چىقىمەن ؟؟؟!!!!!!!



.................................................828....................
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2468
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2468دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30361 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-09
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-05 20:22

ئاز قالدى، چىقىمىز  
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ