باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3840 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: كاتتا مۇكاپات(ھ)
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 30 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-12 14:15

كاتتا مۇكاپات(ھ)

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدن نادىرلاش بىكارقىلىندى(2010-08-12)
                                                    


رۇزا ئېيى خۇشاللىق  ئېيى .رۇزا ئېيى بەركەت ئېيى. رۇزا ئېيى ياخشىلىق ئېيى. بىز بۇ ئۇلۇ روزا ئېيىنىڭ خاسىيتىنى تەرىپلەشكە ھەقىقەتەنمۇ ئاجىز كىلىمىز.

بۇ ئايدا مۇسۇلمانلار كۆپىيىدىغان ئاي. ئىشەنمىسىڭىز ئەتراپىڭىزغا نەزەر سېلىپ بېقىڭ رامزان ئېيى كىرسە ناماز ئۇقۇمايدىغان ئادەممۇ ناماز ئۇقۇپ كىتىدۇ. ھاراق ئىچىدىغان ئادەممۇ ھاراق ئىچمەيدۇ........... دىمەك روزا ئېيىدىن تەپ تارتىدۇ. رۇزا ئېيىنى ھۆرمەتلەيدۇ. يامانلىقلىرىدىن كۇچىنىڭ يىتىشچە قول ئۇزۇشكە تىرشىدۇ.
مانا بۇ اللەنىڭ رامزان ئېيىنى باشقا ئايلاردىن ئەفزەل قىلىپ ياراتقانلىقىنىڭ مەھسۇلى.
مۇشۇ ئۇلۇغ رامزان ئېيىدا تەۋبە قىلغان كىشىنى تۇلۇق ياخشىلىققا ئىرىشكەن بۇلىدۇ. كىچىككىنە ياخشىلىق قىلسىمۇ اللە ئۇنى 10 ھەسسىدىن 700 ھەسسىگىچىلىك كۆپەيتىپ شۇ بەندىنىڭ ھىساباتىغا كىرگۇزىېتىدۇ.
ئەمما ئۇنىڭ ئەفزەللىكىنى  تىل بىلەن تەرتىپلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلىدىغان ھەممە ئايدىن ئەفزەل بولغان ئۇلۇغ روزا ئېيىدىمۇ يامان ئىشلاردىن قول ئۈزمىگەن،ئۈزىنى ئىسلاھ قىلمىغان كىشى اللەنىڭ، جىبرىئىلنىڭ (اللەقا يېقىن كاتتا بىر پەرىشتىنىڭ ئىسمى) پەيغەمبەرنىڭ لەنىتىگە ئىرشىدۇ. بۇ نىمە دىگەن كاتتا مۇكاپات . بۇ مۇكاپات شۇ ئادەمنى دەۋزەخكە ئەكىرىشكە چوڭ ياردەمچى بۇلىدۇ. بۇ نىمە دىگەن بەخىتسىزلىك ھە!!!!!!
مۇشۇنداق كاتتا ئايدا  گۇناھ بۇلىدىغان ئىشلاردىن يىراق بۇلۇڭ. چۇنكى بۇ ئايدا ياخشىلىقنى كۇپەيتىپ بەرگەنگە ئوخشاش يامان ئىشلارغىمۇ بىرىلىدىغان جازا ھەسسىلەپ قىلنىدۇ. شۇنىڭ ئۇچۇن ئۇزىڭىزنى ئىسلاھ قىلىڭ. ئۇزىڭىزدىن ھىساب ئېلىپ تۇرۇڭ.ئۇزىڭىزنىڭ نىمىش قىلۋاتقانلىقىڭىزغا قاراپ بېقىڭ. روزا ئېيى كىرىپ قانداق ياخشىلىقلارنى قىلالىدىڭىز؟ نەفلە ناماز ئۇقيالىدىڭىزمۇ؟ سەدىقە بىرەلىدىڭىزمۇ؟ باشقا ئايلاردا قىلۋاتقان ئەمەللىرىڭىزگە قايسى ئەمەللەرنى قۇشالىدىڭىز؟ ياكى روزا ئەمەس چاغلاردىكى بىلەن ئوخشاشمۇ؟ ئەڭ ئاددىيسى ياخشىلىق قىلالمىسىڭىز بىرەر ياخشىلىقنى ئويلىيالىدىڭىزمۇ؟ بىرەر  يامانلىقتىن قول ئۇزەلىدىڭىزمۇ؟  ناخشا ئاڭلاشنى تاشلىيالىدىڭىزمۇ؟ يالغان ئېيتىشنىچۇ؟ ؟؟ كىچىسى يەنە غەپلەتتە ئۇخلاۋەدىڭىزمۇ ياكى سەھەر قۇپۇپ ئازراق بولسىمۇ قۇرئان ئۇقيالىدىڭىزمۇ؟ ؟؟؟؟؟
يۇقۇرقى سۇئاللارنى ئۇزىڭىزگە قۇيۇپ بېقىڭ. ئۇزىڭىزنىڭ قانچىلىك مۇسۇلمانلىقىڭىنى بىلەلەيسىز.
رەسۇلۇللە رامزان ئېيى كىرسە ياخشلىق قىلىشتا گويا شامالدەكلا ئىدى يەنى ياخشىلىققا پۇتۇن زىھنى بىلەن ئاتلىناتتى.

اللە رۇزا تۇتقۇچىغا ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۇزۇم بىرىمەن دەپ ۋەدە قىلغان. ھەم رۇزا تۇتقۇچىلار ئۇچۇن جەننەتتە ئايرىم ئىشىك تەسىس قىلغان.

سەھىل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇكى رەسۇلۇللە مۇنداق دىگەن ھەقىقەتەن جەننەتتە رەييان دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىشىك بار.قىيامەت كۇنى ئۇنىڭغا پەقەت رۇزا تۇتقۇچىلارلا كىرىدۇ.ئۇلاردىن باشقا ھېچكىم كىرەلمەيدۇ. ۋە ئۇ ئىشىكتىن روزا تۇتقۇچىلار قەيەردە دەپ روزا تۇتقۇچىلارنى چاقىرىدۇ. ئاندىن رۇزا تۇتقۇچىلار ئۇ ئىشىكتىن كىرىدۇ باشقىلار كىرەممەيدۇ. ئۇلار ئۇ ئىشىكتىن كىرىپ بولغاندا ئىشىك ئىتىلىپ كىتىدۇ. رۇزا تۇتقۇچىلاردىن باشقا بىر ئادەم ھەرگىزمۇ كىرەممەيدۇ بۇخارى رىۋايەت قىلغان
مانا بۇ رۇزا تۇتقۇچىلار ئۇچۇن بىرىلگەن ئالاھىدە ئىمتىيازدۇر.

اللە ھەممىمىزنى شۇ ئىشىكتىن كىرىشكە مۇيەسسەر قىلسۇن
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(kangsay) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • مەن يىقىلسام ئانام يىغلىدى ،دادام سىلكىىپ   ..
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 765
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 323
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە323دانە
    ئۆسۈش: 210 %
    مۇنبەر پۇلى: 3439 سوم
    تۆھپىسى: 4 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-07-30
    ئاخىرقى: 2011-05-23
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-14 17:12

    مۇكاپات كاتتىسى رامىزان ..............
    ئارقان