<< ئۆزىنى قەدىرلىمىگەنلەر ۋە قەدىرلەشنى بىلمىگەنلەر مەڭگۈ ئۆزگىلەرنىڭ تاپىنى ئاستىدا ياشايدۇ >> __ كىتابتىن.
قاراڭ سىز ھەر بىر ئۈن-سىن پىلاستىنكا دۇكانلىرىغا، رىستۇران، كۆڭۈل ئېچىش ئارامگاھلىرىغا، دوغاپچى، مارۇژنىچىلارغىچە قاراڭ، ئۇلار ئەنەشۇ، مۇنبەرلىرىمىزدە دە-تالاش قىلىۋاتقان ئۆزبېك ئۈن-سىن پىلاستىنكىلىرىنى ئۈنلۈك ئاۋازدا قويۇشۇپ خېرىدارلىرىنى جەلىپ قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن شۇنى ئاسانلا كۆرىمىزكى خەلق ئۆزگىلەرنىڭ زامانىۋى سەنئىتىنىڭ ئىسكەنجىسىگە ئاللىقاچان كىرىپ بولدى. پەقەت مەسىلە شۇ يەردە خەلق ئۆز تاللايدۇ ھەم شاللايدۇ. قېرىنداشلار ئەمدى بىھودە رەنجىشلەر بولۇنمىسۇن، چوڭقۇرراق ئويلىنايلى، خەلقىمىزدە شۇنداق بىر ماقال بارغۇ: ئات ئايلىنىپ ئۆز ئوقۇرىنى تاپار.
شەخسەن قارىشىم: مەن مۇنبەرلەردىن ، بلوگلاردىن ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا جىق يازمىلارنى كۆردۈم، رەنجىش ھىسياتلار بىلەن قەلبىم كۆپ ئۆرتەنگەنمۇ بولدۇم. ئويلىنىپ كۆرسەم رەنجىش،باشقىلاردىن يامانلاش، ئازاپلىنىش پەقەت ئۆزىمىزگىلا زىيان ئېلىپ كېلىدىكەن.
مېنىڭ شۇنداق دىگۈم كېلىدۇ، ئەشۇ ئۆزگىلەردىن ئاغرىنغان قېرىنداشلار سىلەردىن سەمىمىيلىك بىلەن سوراپ باقاي، <<بوجالار>>نىڭ ناخشىلىرى تورغا تۇنجى قېتىم يوللانغاندا، باشقىلار بەستە-بەستە پىلاستىنكىسىنى كۆرىۋاتقاندا مەن كۈرۈپ باقمىدىم ھەم كۆرۈشنىمۇ خالىمايمەن. دىيەلەمسىلەر؟ ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ، ئۇنىڭغا كۆز يۇمۇش نۇمۇسسىزلىق. خالاس.
بىر سەنئەتچى، ئۆز نۆۋىتىدە مىللىىتىگە ۋەكىللىك قىلىسا، ۋاقتى كەلگەندە بىر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، سەنئەتچىدىن رەنجىش مېنىڭچە بىر ئەخمەقلىق، بىھودە بىر ئىش، چۈنكى سەنئەتنىڭ مىللەت-ئىرق چىگرىسى، دۆلەت چىگرىسى، تىل چىگرىسى بولمايدۇ. پەقەت، مەقسەت ئۇنىڭدىن ھوزۇر ئېلىش ھەر قانداق كىشىنىڭ ئەقەللىي ھوقۇقى، ئەمما سەنئەتكە چوقۇنۇش شۇ كىشىنىڭ ئاڭ سەۋىيىسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ئۇلانمىغا قاراپ بېقىڭلار، <<بوجەلەر>> (باجىلار) ناخشىسىنىڭ توردا ئاڭلانغان قېتىم سانىغا.
http://www.56.com/h18/uv.videolist.php?user=karakuez&pct=1باشقا مۇنبەرلەردىكى مۇنبەرداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا قاراپ بېقىڭ....
http://www.basbas.cn/bbs/read.php?tid-14620-fpage-0-toread--page-2.html