مۇشۇنداق ئىقتىدارى بولغاندىكىن ئەڭ ياخشىسى مۇشۇ ئىشنى راۋاجلاندۇرسا،ئاۋۋال بىر رەسمىي تىزىمغا ئالدۇرۇپ ماركا تىكلىۋالسا ياخشى بولاتتى.بولمىسا ئەتە-ئۆگۈن يەنە چاتاق چىقىپ قالامىكىن،بۇ ئاغىنىمىزنىڭ ئۇنداق خىيالى بولمىسا بۇ باشقا گەپ.ئۇزۇن بولدى مۇشۇنداق گەپلەرنى تولا ئاڭلاۋاتىمىز،بىراق ھېچبىر مەھسۇلاتىنى كۆرمەيۋاتىمىز،نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ئازراق پۇلغا كەشپىيات ھوقۇقىنى،ئىشلەپچىقىرىش ھۇقۇقىنى باشقىلارنى بېرىۋېتىپ،خەق تازا پۇل تاپسا قولىنى چىشلەپ قېلىۋاتىدۇ.
شۇڭا ئاۋۋال قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلىپ بولۇپ نىمە قىلسا مەيلىتى.بىزدەك بىرەر نەرسە چىقىپ بولغۇچە ئۇنىڭ ئوخشىتىپ ياسىغىنى چىقىپ بولىدىغان مۇنداق ئىلغار مەملىكەتتە ياشاۋاتقان كىشىلەر مۇشۇ ئىشلارغا دىققەت قىلمىساق،ئەمگەك مېۋېىمىز ئاسانلا باشقىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ.
ئۇ ياشنىڭ ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولسۇن.