
ئامېرىكىلىق ئالىملار جاسۇسلۇق قىلىدىغان چىۋىن ماشىنا ئىجاد قىلىپ چىقتى. نانو تېخنولوگىيىسى ئىشلىتىلىپ ياسالغان چىۋىن ماشىنىلار، قاتتىق ئىنتىزامغا ئىگە بولۇپ ھەر قانداق ماكانغا كىرەلەيدۇ.
بۇ چىۋىنلار ئادەتتىكى چىۋىنلارغا قارىغاندا بىر ئاز چوڭ بولۇپ، بىر كۆزى، تۆت قانىتى بار.
ئۇلار ئادەتتىكى چىۋىنگە ئوخشاش توپ- توپ بولۇپ ئۇچىشىدۇ.
ئامېرىكىلىق ئالىملار ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ئاخىرى بۇ ساھەدە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.
ئالىملار چىۋىن ماشىنىلار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا باشلىغاندا، تار ۋە كىچىك جايلاردا ئارامخۇدا ھەرىكەت قىلالايدىغان چىۋىن ماشىنىلارنى ئىجاد قىلىپ چىقىشنى ئويلاشقان. مەسىلەن، خارابىلىك ئاستىدىكى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بارغاندا بۇ چىۋىنلەردىن پايدىلىنىپ نىشاننى تېپىپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان.
جاسۇسلۇقنى ئەسلىدە چىۋىن ماشىنىلارنى ياساشتىكى تۈپكى مەقسەت دېيىشكىمۇ بولمايدۇ.
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىكى 1990-يىلىنىڭ ئاخىرىدا چىۋىن ماشىنىلار لايىھەسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى.

سۈرىيەدە نەچچە ئايدىن بېرى ئۆكتىچىلەرنى رەھىمسىزلەرچە قەتلىئام قىلغان ئەسەد ھاكىمىيىتى، بۇ قېتىم تۈركمەنلەرنى نىشانغا ئالدى.
ئۆكتىچىلەرنىڭ قەلئەسى ھېسابلىنىدىغان ھۇمۇس شەھىرىنى قورشاۋغا ئالغان سۈرىيە ئارمىيەسى، تۈركمەنلەر ئولتۇراقلاشقان بابا ئەمىر رايونىنىمۇ بومباردىمان قىلدى.
بەشەر ئەسەدنىڭ قېرىندىشى ماھىر ئەسەد قوماندانلىقىدىكى سۈرىيە ئارمىيەسى، سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىگە قاراشلىق قىسىملارنىڭ كونترۇللۇقى ئاستىدىكى رايونلارنى قايتۇرۋېلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەرىكەت قىلماقتا.
ئۆكتىچى قىسىملار بىلەن سۈرىيە ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا ھاما، ھۇمۇس ۋە راستان شەھەرلىرىدە شىددەتلىك توقۇنۇشلار مەيدانغا كەلدى.
بىر ھەپتىدىن بېرى قورشاۋ ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ھۇمۇس شەھىرى بومباردىمان قىلىنماقتا.سۈرىيە ئارمىيەسى بولۇپمۇ تۈركمەنلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان بابا ئەمىر رايونىنى ئېغىر بومباردىمان قىلدى.
سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ تۈركمەنلەرگە تەۋە جامەلەرنى قورشاۋغا ئالغانلىقىۋە رايون ئاسمىنىنى ئىس تۈتەك قاپلاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
سۈرىيە ئارمىيەسى ھۇمۇس ۋە ئەتراپىدىكى رايونلارغا ھۇجۇم قىلىپ، قانچە يۈزلىگەن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش خەۋپىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى ئالىي ۋەكىلى نەېيۋى پىلاۋ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتىگە خەلقىنى تېخىمۇ بەكرەك قەتلىئام قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
بەششەر ئەسەدنى قاتتىق ئەيىبلىگەن پىللاۋ، « ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىباستۇرۇش دائىرىسى، بۇ قانلىق ھەرىكەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تەستىقلانغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر» دېدى.

ياۋروپادا قانچە يۈزلىگەن كىشى قاتتىق سوغۇق سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلدى.
بېلگىيە قاتارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىمۇ سوغۇق ھاۋا ئۆلۈمگە سەۋەب بولدى، بېلگىيەدىكى مۇسۇلمان جامائىتى سوغۇققا قارشى تەدبىر ئېلىشقا ئاتلاندى.
بېلگىيە مۇسۇلمانلىرى ۋاكالەتخانىسى باشلىقى شەمسەتتىن ئۇغۇرلۇ بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ياۋروپادا سوغۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە كوچىدا قېلىش خەۋپى ئېغىر بولغانلارغا دىن ۋە مىللەت ئايرىماستىن ياردەم قىلىنىش مەسىلىسىدە پۈتكۈل مۇسۇلمان جامائەتلىرىگە ۋە جامەلەرگە ئۇقتۇرۇش قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇغۇرلۇ، ئۆي-ماكانسىزلارنى جامەلەردە قوندۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئومۇملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى بوگدانوف 13-فېۋرال مۇنداق دېدى: ناۋادا «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيىسى» ۋە خەلقئارا پرىنسىپ ھۆرمەت قىلىنسا، سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوشۇلۇشى ھەمدە تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ تەشكىللىنىشى، ۋەزىپىسى، مۇددىتى قاتارلىق مەسىلىلەردە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشى ئارقىلىق، رۇسىيە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۇرىيەگە تىنچلىق ساقلاش قىسمى ئەۋەتىشىگە قارشى تۇرمايدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ نۆۋەتتە «سۇرىيەنىڭ دوستلۇق گۇرۇپپىسى»ھەمدە مۇشۇ ئاينىڭ 24-كۈنى تۇنىستا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە خەلقئارالىق يىغىنغا قاتنىشىش ئويى يوق، چۈنكى مەزكۇر يىغىن ھازىر قارايدىغان بولساق سۇرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ بىر قىسىم قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدەك قىلىدۇ.
ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مېھمانپاراسەت تۈنۈگۈن ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھىندىستان ۋە گرۇزىيەدىكى ئەلچىخانا خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا قاتناشقانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، ئالاقىدار ئەيىبلەشلەر پۈتۈنلەي يالغان دېدى.
مېھمانپاراسەت مۇنداق دېدى: بۇ ئەيىبلەشلەر ئىرانغا تەشۋىقات ۋە جاسۇسلۇق ئۇرۇشى ئېلان قىلغانلىق.
شۇ كۈنى ئىران پارلامېنتى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئاۋاز ھەيدەرپۇر مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە بۇ ئەيىبلەشلەر ئارقىلىق ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىش مۇھىتى پەيدا قىلىشنى ئۈمىتىدە بولۇشى مۇمكىن.
مۇخبىرنىڭ 13-فېۋرال جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتى تىك ئۇچار ئايروپىلان ياساش شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان AC313 بەلگىلىك خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان چوڭ تىپتىكى تىك ئۇچار ئايروپىلاننى سوغۇق رايونلاردا سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇرۇش ۋەزىپىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشقان، بۇ ئاسىيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ مۇشۇ خىل تىپتىكى تىك ئۇچار ئايروپىلاننى جۇڭگونىڭ سوغۇق ھاۋا كىلىماتلىق رايونلىرىدا ۋە يەر شارىنىڭ جەنۇبى، شىمالى قۇتۇپلىرىدا ئۇچۇرۇش تەلىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى. يېقىندا ئىچكى موڭغۇلنىڭ خولونبېر رايونىدا تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان قاتتىق سوغۇق بولدى. قاتتىق سوغۇق بولۇۋاتقان ئەھۋالدا ئېلىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان AC313 بەلگىلىك تىك ئۇچار ئايروپىلان خەيلار ئايرودۇرۇمىدا ماتورنى قىزىتىش، خەتەرلىك تۈرلەر بۇيىچە سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇش ۋە ئۇچۇش لىنىيەسىدە سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇش قاتارلىق سوغۇق رايونلاردا سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، نۆلدىن تۆۋەن 46 سىلىتسىيە گىرادۇسلۇق مۇھىتتا نورمال ئىشلىيەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى، جۇڭگودىكى چوڭ تىپتىكى تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنىڭ سائىتىگە 336 كىلومېتىر ئۇچۇشتەك ئەڭ تېز رېكورتىنى يارىتىپ، سوغۇق رايونلاردىكى ئىقتىدار چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى.
يەرشارى تورى خەۋەرلىرى................