بۇ مەزمۇن 20قەۋەتتىكى maniwer2010 نىڭ 2012-02-13 17:03 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ماۋۇ تېمىغا ئىنكاس يازغان ئىككى قىزچاق دىققەت !.
كوڭزى مۇنداق دىگەن «بىلىدىغاننى بىلىمەن دىيىش ،بىلمەيدىغاننى بىلمەيمەن دىيىش كېرەك »
مۇھەممەت پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دىگەن :«گېپىڭ خەيىرلىك بولسا قىل ،بولمىسا جىمتۇر » ..
خوش ، ماۋۇ تېما بىلىپ-بىلمەي ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلىيدىغان كىچىك تېما ئەمەس ،،،
قەدىمكى مەركىزى ئاسىيادا ياشىغان ،ئەسلى يىلتىزى بىر بولغان خەلىقلەرنىڭ تارىخىنى چوڭقۇرلاپ تەكشۈرگەندە ،يېقىنقى زاماندىكى بەزى سىياسى تارىخچىلار تەرىپىدىن بۇرمىلانغان ،ئۆزگەرتىلگەن بىر شۇملۇقنى بايقايمىز ،،،ئۇ بولسىمۇ قەدىمىي تۇتاش يىلتىزلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ تاشلاپلا قالماستىن ،بەلكى ئۇلارنى سۇنئى ھالدا زىتلاشتۇرۇش ،،،،ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدا يېزىلغان 5پارچە خەنچە ھۆججەتنىڭ 4 دە «ھونلار ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئەژدادى ...» دەپ يېزىلغان ،ئەپسۇس بۈگۈنكى تارىخ كىتاپلىرىمىزدا بۇ ئۇچۇرنى تاپالمايمىز ،،،،