توردىشىمىزغا بىگان بۇرادەر ناھايىتى ئەتراپلىق جاۋاب بېرىپتۇ!
قوشۇمچە قىلىدىغىنىم ئېلىكترونلۇق قۇرئاندىن بىرنى ھەمراھ قىلىۋېلىڭ!
ناتسىست بۇرادەر ھەممە ئادەم بىلەمدىكىن دەپتىمەن دەپتۇ! بۇرۇن <مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى> نىڭ باھانىسدا بىر تۈركۈم قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان <ساۋاتسىزلار> مەيدانغا كەلگەن، ئەمدى <قوش تىل مائارىپى>نىڭ باھانىسىدا يەنە بىر تۈركۈم <ساۋاتسىزلار> مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ....
شۇڭا بۇ ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىشنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسئۇلىيتى مېنىڭچە ئاتا-ئانىلاردا.....
ئالدىمدىن ئۆتكەن بىر ئىشنى سۆزلىگۈم كېلىۋاتىدۇ....شىمالىي شىنجاڭدا بولغان ئىش، بالىنىڭ ئىسلامغا قىزىقىپ قۇرئان ئۆگەنگۈسى بار، ئەمما ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنى خەنزۇ تلىنى پىششىق ئىگەللەپ كەلگۈسىدە ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىدىن قىلغۇسى بار! ئاتا-ئانا بالىسىنى ئەرەبچە ئۆگىنىمەن دېسە دىققىتى چېچىلىپ كېتىدۇ دەپ قارايدىكەن!
بۇ بىچارە بالا قانداق قىلىدۇ؟ ئاتا-ئانىنىڭ گېپىنى ئاڭلامدۇ؟ ياكى ئۆز مەيلىگە باقامدۇ؟
ئەتراپىمزدا مۇشۇنداق ئىشلار كۆپيىۋاتىدۇ!
ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ھىدايەت ئاتا قىلغاي، ئىشلىرىمىزنى ئاسان قىلغاي!