سېغىنىش ئۇچقۇنلىرى
نىيازئەلى ئادىل(تۈن لىرىكىسى)
مەن سىنى سېغىندىم.
خۇددى قۇشلار سەھەرنى، قارلىغاچ باھارنى سېغىنغاندەك،سىنىڭ ئەشۇ سەۋدا يۈرىكىمگە بەخىت ئاتا قىلىدىغان ئىللىق قوينۇڭنى سېغىندىم. مەن ئۈچۈن جەننەت بىلىنگەن گۈزەل يېزامنىڭ، ئاق تاج كىيگەن ئېگىز تاغلاردا مەي بولۇپ پىشقان دانە-دانە قارقاتلاردەك، شەرمى ھايالىق شەھلا كۆزلىرىڭنى سېغىندىم.
ساپ ھاۋالىق بىغۇبار سەھرانىڭ ، يىشىل چىملىقلىرىدىن بۇلدۇقلاپ چىقىۋاتقان بۇلاققا ئوخشاش،ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاشلىرىڭنى سېغىندىم.
سەھەر ئورنىمدىن تۇرۇپ،يېزامنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن چوڭقۇر نەپەس ئالغىنىمدا، سىنىڭ ئەشۇ دېمدقلارنى مەستخۇش قىلىدىغان خۇشبۇي ھىدىڭنى ئەسكە ئالىمەن.
ساڭا ئېيتسام: سىنى باغرىمغا مەھكەم بېسىپ، مۇھاببەتتىكى تۇنجى بەخىتنى ھېس قىلغان، ئەشۇ ئۇنتۇلماس كۈنلەرنى تولىمۇ سېغىندىم.
مۇشۇنداق سېغىنىشلىق دەملەردە ساڭا بولغان سېغىنىشلىق تىلەكلىرىمنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن.
ئويلاپ باقسام:<<سىنى سېغىنىشنىڭ ئۆزىمۇ، مەن ئۈچۈن بەخىتكەن.>>
خەيىر!
سىنى سېغىنىپ: سەۋدايەڭ 2010-يىلى 31-يانىۋار
[ tvnlirikisiتەرىپىدىن2010-06-04 12:02قايتا تەھرىرلە ]