تېما ئىگىسى سىزدىن بىرگەپ سوراي سەئىد نۇرسىغا (ئاللا ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) قۇرئاندا يەنى نۇر سۈرىسىدە بىشارەت بىرىلگەن دىگەن نۇر چىلارنىڭ بايانلىرىنى قانداق چۇشەندۇرسىز؟ ئەلۋەتتە ، بۇ نىڭ ئۈچۈن ھەدسلەرنى مەنبە قىلمىغان ھىسسى بايانلىرىڭىزنى دىسىڭىز مەن قايىل ئەمەس. مەن قانداقتۇر ھەدىس قۇرئاننىلا تەشەببۇس قىلىدىغان كىشى ئەمەسمەن قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۆتكەن مۇتتەقى ئالىملارنىمۇ بەك ھۆرمەتلەيمەن! ھەم ھەنىفە مەزھىپىنى تۇتقان كىشى مەن ! نۇرچىلارنىمۇ كۆرگەن كىتاپلىرىنىمۇ ئوقىغان مەن . كۆپ كۆرۇش ئارقىلىق نۇرسىنىڭ شافى مەزھەپىدە ئىكەنلىكىنى ، ھەم بۈيۈك زاتلىقىنى بىلدىم. لىكىن شاگىرىتلىرىنىڭ يەنى نۇرچىلارنىڭ ئۇنى مەدھىلەشتە قوللانغان نۇرغۇن نۇرغۇن گەپ سۆزى مېنى بەكلا زىرىكتۈردى! ئۇلارنڭ زىيادە ماختاشىرى دىننى بۇرۇندىن چۈشەنگەن كىشىگە سەل باشقىچە تۇيلىدىكەن. ھەم مەزھەپ پىشىۋالىرىدەك ئۇلىغ زاتلارمۇ ئۆز ئىسىمىنى دۇئالارغا قوشقان ئەمەس ،لىكىن سىلەر شۇزاتنىڭ ئىسىملىرىنى دۇئاغا قوشسىلەر بۇ نىمە ۋەجىدىن؟ ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىنى قىلىشقا ئۇرنىسىلەر ،ئەجىبا ،سىلەر ھەنىفە مەزھىپىدە ئەمەسمۇ ،ئىككى مەزھەپنى بىر ئىلىپ باڭغىلى بولمايدۇ دىگەننى قانداق چۇشنىسىلەر؟تېخى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىككى سۈننىتىدىن باشقا ھەممە سۈننىتىنى ئادا قىلغان دەيسىلەر! بۇ سۆزىڭلار بەكلا بىمەنە؟ نۇرغۇن ھەدىسلەر تېخى ئاجىز دىيىلۋاتسا شۇنساق بولسىمۇ ساقلىنۋاتسا،دىمەكچى پەيغەنبەر سۈننىتىنىڭ قانچىلىكلىكىنى ھىچكىم دەپ بىرەلمىگەن جاھاندا سىلەرنىڭ شۇنداق دىيىشىڭلار قانداق گەپ؟ شۇ زاتمۇ ئۆمرىدە ئۇنداق سۆزنى ئېيتمىغان بولغىيتتى؟ بۇ سۇئاللىرىمغا جاۋاپ بەرگەيسىز؟ بۇ نۇرچىلارنى يامان دىگىنىم ئەمەس بەلكى سىلەردىكى نۇرغۇن مۈجمەللىكلەرنى ھىسقىلىپ سىزدىن ئالاھىدە سورىشىم؟؟؟؟