[quote]بۇ مەزمۇن 14قەۋەتتىكى omer نىڭ 2012-01-31 00:05 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بۇ ئىنكاسىمىنى بىر نەچچە قېتىم سىزگە ئىنكاس شەكلىدە يوللىغان بولساممۇ ھىچ كۆرگەندەك ئەمەس سىز! ناۋادا كۆرگەن بولسىڭىز بۇ يوللىغان باش سۈرەتلىرىدىن ئۆزىڭىزگە بىرنى تاللىۋېلىپ ئاندىن باشقىلارغا سايە قىلغان بولار ئىدىڭىز!...
ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم، تېتىملىق تېما-ئىنكاسلىرىڭىزغا قاراپ سىزنى قەلبى ئىسلامغا مايىل، ھەر ھالدا ئېمانى كامىل قېرىندىشىمىزكەن، دەپ ھېس قىلغان ئىدىم. ئەمما ئۆزىڭىزنىڭ موبارەك باش سۈرىتىڭىز ۋە دەب-دەبىلىك ئىمزايىڭىزنى سەۋىيەمنىڭ چەكلىك بولىشى سەۋەبلىك تازا چۈشىنەلمىدىم. بولسا بىز مۇسۇلمانلار چۈشەنگىدەك تەرجىمە قىلىپ قويغان بولسىڭىز سىزدىن اللە رازى بولار ئىدى!!!... ئانداق باش سۈرەت ۋە ئىمزالارنىڭ ساھىبى بولىۋېلىپ مۇسۇلمانچە پاراڭ سالسىڭىز مۇسۇلمانلارغىمۇ، كوممۇنىستلارغىمۇ ھاقارەت قىلغان بولىسىز!!!... بىز مۇسۇلمانلار پەقەت ۋە پەقەت: اللەنىڭ بۇيرىغىنى بولىدۇ، بۇيرىمىغىنى قەتئىي بولمايدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىمىز! قانداقتۇر ئۇ بولمىسا بۇ بولمايتى، دېگەن ئەپقاچتى گەپلەرگە ئىشەنمەيمىز!... تەكلىبىم: يا ئۇ بولۇڭ، يا بۇ!!!...
مىنىڭچە مۇنبەردىكى ھەممە مۇسۇلمانلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان گەپتىن بىرنى قىپسىز . اللە رەھمەت قىلسۇن . بۇ توردىشىمىز نىڭ ئىنكاسلىرى خېلى جايىدا. شۇ ئىمزاسى ئىسلامغا زىت . مۇسۇلمان دىگەننىڭ مەيدانى ئوچۇق بولىدۇ .