ئادەم بولساڭ مۇنۇ 10 ئىشنى قىلما!
. بىر دانىشمەن پەرزەنىتلىرىگە شۇنداق نەسىھەت قىپتۇ ؛
(1)ئۆزەڭدىن چوڭ ، مويسىپىت ، بۈيۈك ئادەملەرگە ھۆرمەتسىزلىك قىلما ۋە ئۇلار بىلەن ئېيتىشما . (2)ئۆزەڭدىن ئاجىزلارغا، ئورنى تۈۋەنلەرگە ، خىزمەتكارلارغا زۇلۇم قىلما .
(3) ھەسەتخور ، كۆزى كىچىك ، كۆڭلى تار ، چىدىماس ئادەملەر بىلەن سۈپەتداش بولما .
(4) بېخىل بىلەن، ئەخلاقسىز بىلەن، نامى يامان كىشى بىلەن سۆھبەتداش بولما .
(5)نادان، جاھىللار بىلەن، پادىشاھنىڭ ئايغاقچىلىرى بىلەن مۇنازىرلەشمە.
(6) ئەقىدىسىز، تۇراقسىز كىشى بىلەن دوست بولما .
(7) تاماخور، يالغانچى كاززاپ ئادەم بىلەن ئېلىم - بېرىم مۇئامىلە قىلما .
(8)ئۇرۇشقاق ، جىدەلخورلار بىلەن ئۈلپەتداش بولما .(9) ئەمەلدارلار، ئاياللار سۆھبىتىدە كۆپ ئولتۇرما .
(10)گۇناھلىرىڭنى، مەخپى سىرلىرىڭنى ئۆزگە كىشىگە ئېيىتما .
مەنبە ؛ ‹‹ دانىشمەنلەر ھېكمەتلىرى ››ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.
تېما تەستىقلىغۇچى:ئوغلان
[ oglanتەرىپىدىن2010-08-09 10:50قايتا تەھرىرلەندى ]