تاشلار ئورمىنى
سۆڭەكلەر كۆيمەكتە روھىم كۆيمەكتە
ماشىنا ئۆمىلەپ ئۇچماقتا لەرزان
لەۋ سوزار پىنھانە ئوتلار ئۆزئارا
ئىككى ئوت قەلبىدە ئىككى خىل يارا
سۆڭەكلەر كۆيمەكتە روھىم كۆيمەكتە
يۈرەكنى تىترەتكەن قايسى ئاۋاز بۇ؟
ئاتلىقلار ئەرۋاھى چېپىپ ئۆتمەكتە...
يوللارغا قارىدىم ياكى چېھرىڭگە
نەقەدەر ئوخشايسەن پايانسىز يولغا
ئۇ يولدىن ئۆتمەكتە ئاتلىق ئەرۋاھلار
چېھرىڭدە سۇلماقتا مېنىڭ ئەرۋاھىم
ئىككى يول روھىمنى ئۈندەيدۇ ئالغا
ئايلىنىپ قالىسەن چەكسىز ئايالغا
كۆزسىزمۇ تېپىشقان تېرىلىرىمىز
سۆڭەكلەر كۆيمەكتە ئوتلۇق پىراقتا
پۇتلىرىڭ ئارىسى تاشلار ئورمىنى
نۇرلىنار ۋۇجۇدۇڭ ئىشقى چىراقتا
ئۇزىدۇق بابۇردەك ئاق پىلغا مىنىپ
ئاتلىقلار ئەرۋاھى قالدى يىراقتا...
پۇتلىرىڭ ئارىسى تاشلار ئورمىنى
چەكسىز بىر ئايالغا ئۈندەيدۇ مېنى...
شېئىرلىرىمنى ياقتۇرغان بولسىڭىز،بلوگىمغا مەرھەمەت قىلىڭ