ئۆلگەنلەرنى ئەلبەتتە تىللىمايمىز. ئەسكى، ناچار، قارقوساق ۋە نادان كىشىلەرنىمۇ ئەلبەتتە تىللىمايمىز. ئەمما خائىن، مۇناپىق، ساتقىن، جاسۇس ۋە ئىشپىيۇن قاتارلىق بەدبەختلەرنى نېمىشقا تىللىمايمىز؟ بىز ھەممىمىز مۇسۇلمان، ئەلھەمدۇلىللاھ مۇسۇلمان. ئۆلگەندىن كېيىن ئاللاھ تەئەلانىڭ ئۇ مۇناپىقلارنى قانداق جازالايدىغانلىقىنى ئەلبەتتە بىلىمىز. ( قۇرئان كەرىمدە مۇناپىقۇن) دېگەن سۈرىنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلىمىز. ئۇ سۈرىدە مۇناپىقلار ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئارقىسىن تىللىماڭلار دەپتىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ بۇ سۈرىنى ئېغىر كۆرمەي قايتا بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بەش مىنۇتمۇ ۋاقىت كەتمەيدۇ.
ئابدۇللا ئىبىن ئۆبەي دېگەن مۇناپىقنىڭ ياشىغان زامانىغا 1400 يىلدىن ئاشتى. يەنى بۇ مۇناپىق پەيغەمبىرىمىزنىڭ زامانىدا ياشىغان بولۇپ، ئۆلگىنىگىمۇ ئەڭ ئاز 1350 يىل بولغاندۇ ئەمما بىز ھازىرغىچە ئۇ مۇناپىق خۇددى ھازىر ھايات باردەكلا ئۆچمەنلىك بىلەن مۇناپىق دەپ تىللايمىز. ئەبۇ جاھىل ۋە ئەبۇ لەھەپتەك مۇناپىق، بەدبەخت ۋە ئاللاھ تەئەلانىڭ، ئاللاھ تەئەلانىڭ پەيغەمبىرىنىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمەنلىرىنىمۇ ئەنە شۇنداق ئۆچمەنلىك بىلەن تىللايمىز. ئەجەبا ئۇلار مۇناپىق تىللىساق بولىدۇ، بىزنىڭ ئىچىمىزدىن چىققان مۇناپىقلارنى تىللىساق نېمىشقا بولمايدۇ؟ بىزنىڭ ئىچىمىزدىن چىققان مۇناپىقلار ئاللاھ تەئەلانى ئىنكار قىلمىدىمۇ؟ ياقۇپبەگ،ساۋۇت دەموللام، خوجا نىياز ھاجىلارنى ساتمىدىمۇ؟ ئۆزىمىزنىڭ دۆۋلەت شىئىرىنى يازغان ئادەملىرىمىزنى ئۆلتۈرمىدىمۇ؟ نى، نى دىنى ئالىملىرىمىزنىڭ، يۈزمىڭلاپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپ بولمىدىمۇ؟ ئەسىرلەردىن بىرى پۈتۈن بىر مۇسۇلمان مىللەتنىڭ ۋەيران بولۇشىغا سەۋەپ بولمىدىمۇ؟ بىزنىڭ ئىچىمىزدىن چىققان مۇناپىقلارنىڭ ئىسمى قۇرئان كەرىمدە زىكرى قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈنلا تىللىساق بولمامدىكەن؟ ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ؟
مەن ھۆكۈم قىلالمايمەن چۈنكى بەش ۋاقىت نامىزىمنى ئارانلا ئوقۇيدىغان ئاددى بىر مۇسۇلمان مەن. ئىنشا ئاللاھ ئەگەر بىر كۈن كېلىپ مېنىڭ قولۇمغا بىر پۇرسەت كېلىپ قالسا مۇناپىق، خائىن، ساتقىن، جاسۇس ۋە ئىشپىيۇن دېگەنلەرنى ئىنسانلارنىڭ بۈگۈنگىچە ھىچ بىر زامان قوللانمىغان ئۇسۇللىرىنى ئىجات قىلىپ تۇرۇپ، ئىجات قىلالمىسام ئۇختۇرۇش چىقىرىپ ئىجات قىلغۇزۇپ تۇرۇپ قىيامەتكىچە ئۇنتۇلمايدىغان شەكىلدە جازالايمەن. ئاتا- ئانا، خۇتۇن- باللىرىمۇ نىسىۋىسىدىن قۇرۇق قالماسلىغى مۇمكىن ئەلبەتتە. خەلقىمىزگىلا ئەمەس پۈتۈن دۇنياغا ئۇنتۇلغۇسىز ئىبرەت قىلىمىز. ئەگەر ئۇ مۇناپىقلار ئۆلۈپ كەتكىلى 100 ياكى 500 يىل بولغان بولسىمۇ قەۋرىسىنى ئىزدەپ تېپىپ، ئاللىبۇرۇن توپىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ ئۇ توپىنى خالتىغا ئۇسۇپ ئەكىلىپ تۇرۇپ جازالايمەن. تىللاشلارنىڭ بىزنىڭ زامانىمىزدىلا تۈگەپ كىتىپ قالماسلىغى ئۈچۈن ئالاھىدە كىتاپ قىلىپ يازدۇرۇپ تۇرۇپ تاكى قىيامەتكىچە تىللاشنى داۋاملاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلشقا تىرىشىمەن.
[ بۇ يازمىنىmuzepper 2012-01-24 06:58قايتا تەھرىرلىد ]