بەزىلەر دەيدىكەن ياغلىقنى تېخى،
ۋە يەنە يوپكىنى ئەرەپ كىيىمى .
ئەتلەستىن باشقىسى بىزنىڭ ئەمەستەك،
دىمەسكەن ئۆزىنى نەنىڭ خېنىمى
ئەمەل يوق بولسىمۇ نىيتى توغرىمىش،
زۆرۈر ئەمەسكەن ئوراپ كىيىنىش ،
ئۇنداقتا ئىسلامنىڭ ماھىيتى نىمە ؟
كۇپايە بولسىلا ئېغىزدا دىيىش
مىڭ يىلدىن ئاشتى دىنغا كىرگىلى ،
شۇنداقكەن كىيىنىش دىننىڭ ئۆلچىمى.
سىزمۇ مۇسۇلمان، مەنمۇ مۇسۇلمان ،
بارمىدۇ سىزدە ئەۋلاتنىڭ غېمى ؟
ئاڭلاڭ بىر مىسال ئېلىپ ئۆتەيمەن،
شۇنى كېچە، كۈندۈز نىيەت قىلىمەن
لىكىن ئىچمىسەم نىيتىم دۇرۇس دەپ،
تەشنا لىققا قاندا ق قانىمەن ؟
يەھۇدىغا ئوخشاش تۇرقىڭىز ،
لىكىن بىز مەسخىرە قىلمايمىز،
نىمە ئۈچۈن بىزدە سىزنىڭ كۆزىڭىز،
مەسخىرە قىپ ھارمايسىز،بىزلەر تىنمايمىز
پارتىيمىز ئېيتىدۇ ھەممە باراۋەر،
دىندارغا،دىنسىزغا ئوخشاش بۇ خەۋەر
سىياسەت قوللىسا سىزگە نىمە بولدى؟
ياكى بىزلەردە بارمىكەن خەتەر؟
تۇغقۇنۇم،دوستۇم،ئاكاھەم سىڭلىم،
بولدى ئەمدى توختاپمۇ قېلىڭ .
رازى مەن مۇشۇنداق ياشاپ ئۆلسەم،
بۇ مىنىڭ خىزمىتىم شەرىپىم بىلىڭ!