ئامېرىكىنىڭ بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مەلۇم بولىشىچە ، كۆپ ساندىكى ئامېرىكىلىق ئەرلەر ئەمەلىيەتتە ئايالىنىڭ كوتۇلدىشىنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدىكەن . پىسخىلوگلار بۇنىڭغا قارىتا ئاياللارنىڭ كوتۇلدىشى ئەمەلىيەتتە ئاياللارنىڭ ئېرىگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى دەپ كۆرسەتتى . نۇرغۇن ئەرلەر ئايالىنىڭ كوتۇلدىشىدىن بىزار بولغاندەك قىلسىمۇ ، لېكىن ئايالى بىردىنلا كوتۇلدىمايدىغان بولۇپ قالسا ، ئۇلار بىردىنلا تۇرمۇشنىڭ مەنىسى قالمىغاندەك ھېس قىلىدىكەن . ئايالىنىڭ كوتىلداشلىرى بىلەن ئۇلار تۇرمۇشنى كۆڭۈللۈك ھېس قىلىدىكەن .