ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋەبارەكاتۇ،
بۇ تېمىنى كۆرۈپ كۆز ياشلىرىمنى توختىمايلا قالدىم،نىمىشقىكىن مۇشۇ كۈنلەردە ئاسانلا يىغلايدىغان «يىغلاڭغۇ»بۇلۇپ قالدىم.بۇ تېمىنى كۆرۈپ بىر تەرەپتىن ئاللاھ ۋە سۇبھانەۋەتەئەلانىڭ بىزگە ۋەدە قىلغان جەننەت ۋە بىزگە بەرگەن ھەم ئۈزلۈكسىز بىرىۋاتقان نىمەتلرىنىڭ گۈزەللىكىنى ئويلاپ ئۆزۈمنىڭ بەختلىكلىكىدىن سۈيۈنسەم يەنە بىر تەرەپتىن شۇ گۈزەل نىئمەت جەننەتكە كىرەلمەسلىكىمدىن قورقتۇم(ئاللاھ بۇنىڭدىن يىراق قىلسۇن،ئامىن!)....
قېرىنداشلىرىم ئېيتقاندەك ئاياللارنىڭ جەننەت ئەھلىدىن بۇلىشى ئاسان بولغىنىدەك (ئىنشائاللاھ)دوزاخ ئەھلىدىن بۇلۇپ كىتىشىمۇ شۇنچە ئاسان (ئاللاھقا سېغىنىپ بۇنىڭدىن پاناھ تىلەيمەن)
ئىنشائاللاھ بار كۈچۈم بىلەن تىرىشىمەن،تىرىشىۋاتىمەن.ئىشىنىمەنكى ئاللاھ تۇلىمۇ رەھىملىكتۇر شۇنداقلا رەھمىتى چەكسىزدۇر.قېرىنداشلىرىمنىڭ مەن ۋە باشقا ھەمشىرە ئاچا-سىڭىللرىمىزنىڭ ئۇشبۇ ھەق يولدا ئاداققىچە چىڭ تۇرىشىمىز ئۈچۈن دۇئالىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.....
ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزگە تەقۋالىق لىباسىنى ئارتقۇلۇقنى نىسىپ ئەتسۇن،ئامىن!!!!!!!