باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 7905 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 2/5     Go
تېما: پەيغەمبەر لەنىتىگە ئۇچىرتىدىغان 35گۇناھلار
تەتۈر ئېقىن
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1740
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 111
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە111دانە
ئۆسۈش: 80 %
مۇنبەر پۇلى: 1170 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-09
ئاخىرقى: 2012-08-20
10-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-10 00:54

بەرھەق! ئەمما تولىمىز مۇشۇ لەنەتلەر ئارىسىدا تىڭىرقاپ يۈرۈپتىمىز، ئاللاھدىن گۈناھلىرىمىزنى ئەپۇ قىلىشىنى، يامان ئەمەللىرىمىزنى ياخشى ئەمەللەر ئارقىلىق يوق قىلىشىنى تىلەيمەن، ئامىن!
ياخشىلىق قىل قولۇڭدىن كەلسە، غەزەپلىنىشنىمۇ بىل قولۇڭدىن كەتسە!
تەتۈر ئېقىن
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1740
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 111
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە111دانە
ئۆسۈش: 80 %
مۇنبەر پۇلى: 1170 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-09
ئاخىرقى: 2012-08-20
11-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-10 00:58

Re:2-قەۋەت (جەڭچى) نىڭ يازمىسىغا

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى nazli0998 نىڭ 2012-01-09 21:52 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 2-قەۋەت (جەڭچى) نىڭ يازمىسىغا :
ئۈچ تالاق  دىگەن  نىمە  دىگەن  گەپ ؟


بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم
 
 
 
جانابى ئاللاھقا ھەمدۈ-سانالار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۈرۈت-سالاملار بولسۇن.
 
ئىسلام دىنىمىز ھەربىر مۇسۇلمان ئەر كىشىگە ئايالىنى ئۈچ قېتىمدا ئايرىم ئايرىم ئۈچ تالاق قىلىش ھەققىنى بەرگەن.
 
بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىچە ئەر كىشى ئايالىنى(ئۈچ تالاق) دېگەن بىر ئېغىز سۆز بىلەن تالاق قىلسا، ياكى ئايالىنىڭ بىر قېتىملىق پاك ھالىتىدىلا ئۈچ قېتىم ئايرىم ئايرىم ئۈچ تالاق قىلسا گۇناھكار بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۈچ تالاقنى بىر بىرلەپ قىلىشنى، ھەر بىر قېتىمدىن كېيىن ئويلۇنۇپ ۋە ئۆزىنى توختۇتۇپ قارار قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىشنى يولغا قويغان.
 
 قۇرئان كەرىمدە ((قايتا يارىشالايدىغان تالاق ئىككى قېتىمدۇر))،(بەقەر سۈرىسى229-ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دەپ كۆرسەتكەن.
 
 دېمەك بىر قېتىمدا بىر سۆز بىلەن ئۈچ تالاق دېگەن كىشى ئۆزىنىڭ پۇشمان قىلىپ يېنىۋېلىش يولىنى تاقىۋەتكەن بولىدۇ، ئايالىنىڭمۇ قايتا بىللە ئۆي تۇتۇش يولىنى تاقاپ قويغان بولىدۇ.
 
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ئۈچ قېتىمدا قىلىدىغان ئۈچ تالاقنى بىر قېتىمدا بىراقلا ياكى بىر سۆز بىلەنلا جۇغلاپ قىلغان كىشى، ئاللاھنىڭ قانۇنىغا زىت ئىش قىلغان بولىدۇ، ھەمدە ئىسلامنىڭ توغرا يولىدىن چەتنەپ كەتكەن بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كىشىنىڭ ئايالىنى بىراقلا ئۈچ تالاق قىلغانلىقىنى ئاڭلىغاندا، ئاچچىقىدا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كېتىپ: مەن ئاراڭلاردا تۇرۇقلۇق ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ئوينىلىۋاتامدۇ يەنى ئوينىشىۋاتامسىلەر؟ دېگەن، بۇنى ئاڭلاپ ساھابىلەردىن بىرى:"ئى رەسۇلۇللاھ، ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتمەيمۇ؟"دېگەن. (سۈنەنى نەسائى 5594-ھەدىس).
 
لېكىن بۇنداق تالاق قىلىش ھەقنى قوللىنىش ئۇسۇلى جەھەتتىن گۇناھ بولسىمۇ بۇنداق قىلىنغان تالاق ھېساب بولامدۇ ياكى بولمامدۇ؟ ھېساب بولىدىغان بولسا قانچە تالاق ھېساب بولىدۇ؟
 
كۆپچىلىك ئالىملار بۇنداق تالاقنى ھېساب بولىدۇ دەپ قارىغان، ئاز بىر قىسىم ئالىملار ھېساب بولمايدۇ دەپ قارىغان. ھېساب بولىدۇ دېگەن كۆپچىللىك ئالىملار ئۈچ تالاق ھېساب بولامدۇ ياكى بىر تالاق ھېسابلىنامدۇ دەپ ئۈچ خىل قاراشقا بۆلۈنۈپ كەتكەن. نەتىجىدە ئالىملار بۇ مەسىلىدە تۆت خىل قاراشقا بۆلۈنگەن.
 
بىرىنچى قاراش: بىرمۇ تالاق ھېسابلانمايدۇ دېگۈچىلەر بىر گۇرۇپ تابىئىيلار بولۇپ ئۇلار بۇنداق تالاق قىلىش ئىسلام كۆرسەتمىسىگە زىت، ئۇنداق بولىدىكەن بۇ تالاق بىدئەت تالاق قاتارىغا كىرىدۇ، بىدئەت دېگەن ئازغۇنلۇققا ئېلىپ بارىدۇ، دېمەك بۇ تالاق ھېسابقا ئېلىنمايدۇ دەپ قارىغان ۋە بۇ ھەدىسنى دەلىل كەلتۈرگەن، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزدا (دىنىمىزدا) بىر نەرسە پەيدا قىلىدىكەن، ئىناۋەتسىزدۇر».(سەھىھەين: بۇخارى 2697-ھەدىس. مۇسلىم 1718-ھەدىس)
 
ئىككىنچى قاراش: ئۇچ تالاق ھېساب بولىدۇ دەپ قارىغانلار ساھابە ۋە تابىئىيلارنىڭ كۆپچىلىكى، شۇنداقلا تۆت مەزھەب ئىماملىرىنىڭ قارىشى بولۇپ، ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دېگەن: "ئالىملار ئايالىغا سەن ئۈچ تالاق دېگەن كىشى ھەققىدە ئىختىلاپلىشىپ، شافىئىي، مالىك، ئەبۇ ھەنىيفە، ئەھمەد ۋە سەلەپ بىلەن خەلەپنىڭ كۆپچىلىك ئالىملىرى ئۈچ تالاق چۈشىدۇ، دەپ قارىغان."(شەرھى سەھىھى مۇسلىم 10/70).
 
بۇلار كۆپ دەلىللەرنى كەلتۈرگەن. بۇ دەلىللەرنىڭ كۈچلۈكلىرى تۆۋەندىكىچە:
 
ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: ئى رەسۇلۇللاھ، مەن ئايالىمنى ئۈچ تالاق قىلغان بولسام قايتۇرىۋالالايتتىممۇ؟ دەپ سورىغاندا رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ياق، سەندىن تولۇق ئاجراپ كەتكەن بولاتتى ھەمدە گۇناھمۇ بولاتتى، دەپ جاۋاب بەرگەن. (سۈنەنى دارىقۇتنى-كىتابۇتتالاق 84-ھەدىس)
 
ھەزرىتى ئۇبادە ئىبنى ئەسسامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: مېنىڭ چوڭ دادام ئايالىنى مىڭ تالاق قىلغان ئىدى، مەن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا: چوڭ داداڭ ئاللاھتىن قورقماپتۇ، ئۈچ تالاق ئۇنىڭ، توققۇز يۈز توقسان يەتتىسى زۇلۇم ۋە تاجاۋۇز قىلغانلىق، ئاللاھ خالىسا ئۇنى ئازابلايدۇ، خالىسا كەچۈرۈۋېتىدۇ، دېدى.(مۇسەننەفى ئابدۇرراززاق 11339-ھەدىس).
 
يەنە ھەزرىتى رۇكانە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئايالىنى ئۈزۈل تالاق قىلىۋەتكەندە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا كەلدى. رەسۇلۇللاھ: نېمە مەقسەت قىلغانتىڭ؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇ: بىر تالاق، دېدى. رەسۇلۇللاھ: ئاللاھ بىلەن قەسەممۇ؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇ ئاللاھ بىلەن قەسەم، دېدى. رەسۇلۇللاھ: ئۇنداقتا سەن نىيەت قىلغىنىدەك بوپتۇ، دېدى. (سۇنەنى ئەبۇ داۋۇد 2208-ھەدىس).
 
دېمەك بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى بىر تالاقلا نىيەت قىلغانلىقىغا قەسەم قىلدۇرغان بولۇپ، بۇ ھەدىس ئەگەر ئۇ ئۈچ تالاقنى ئىرادە قىلغان بولسا ئۈچ تالاق چۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ   .
 
ئۈچىنچى قاراش: بىر تالاق ھېسابلىنىدۇ دەپ قارىغانلار بەزى ساھابە ۋە تابىئىيلارنىڭ قارىشى بولۇپ، بۇ قاراشنى ئىمام ئىبنى تەيمىيە ۋە ئىبنۇل قاييىم قاتارلىق ئالىملار تەرجىھ قىلغان. بۇلار بىرقانچە دەلىلگە تايانغان بولۇپ ئۇلارنىڭ ئاساسلىقى تۆۋەندىكىچە:
 
ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە، ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرنىڭ خىلاپىتى دەۋرىدە ۋە يەنە ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئىككى يىل خىلاپىتىدە ئۈچ تالاق بىر ھېسابلىناتتى، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: كىشىلەر ئالدىرىماي قىلىدىغان تالاقنى ئالدىراپ قىلىۋېتىدىغان بولۇپ قالدى، ئۈچنى ئۈچ ھېسابلىساق بولغۇدەك) دەپ ئۈچ ھېسابلىدى.(سەھىھۇ مۇسلىم 1472- ھەدىس).
 
يەنە ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: رۇكانە ئايالىنى بىر ئولتۇرۇشتا ئۈچ تالاق قىلىپ ئۇنىڭغا بەك كۆڭلى يېرىم بولدى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭدىن: قانداق تالاق قىلغانتىڭ؟ دەپ سورىغاندا ئۇ: ئۈچ دېدى، رەسۇلۇللاھ: بىر ئولتۇرۇشتىمۇ؟ دەپ سورىۋىدى ئۇ: ھەئە دەپ جاۋاب بەردى، رەسۇلۇللاھ: ئۇ دېگەن بىر تالاق، خالىساڭ ئايالىڭنى قايتۇرۇۋال، دېدى، ئۇ ئايالىنى قايتۇرىۋالدى.(مۇسنەدى ئىمام ئەھمەد 2387-ھەدىس).
 
تۆتىنچى قاراش: ئۈچ تالاق قىلىنغان ئايال بىلەن بىر يەردە بولغان بولسا ئۈچ تالاق ھېسابلىنىدۇ، تېخى بىر يەردە بولمىغان ئايال بولسا بىر تالاق ھېسابلىنىدۇ دەپ قارىغانلار ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ ۋە ھەزرىتى ئىبنى ئابباسنىڭ بەزى شاگىرتلىرىدۇر.
  
***
 
 يۇقىرىقى قاراشلار ئاساسلانغان دەلىللەرگە قارىغاندىن كېيىن شۇنى ئېيتالايمىزكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە خەلىپىسى ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر ئۈچ تالاقنى بىر ھېسابلىغان، ھەزرىتى ئۆمەرمۇ ئىككى يىل بىر ھېسابلىغاندىن كېيىن كىشىلەرنى ئەدەپلەش ۋە شەرئى سىياسەت قىلىش جەھەتتىن ئۈچ تالاق ھېسابلىغان، بۇ شۇنى بىلدۈرىدۇكى، ئۈچ ياكى بىر ھېسابلاشتا ھاكىم ئۆزى كىشىلەرنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بىر ياكى ئۈچ ھېسابلاشنى يولغا قويسا بۇ بىر قانۇن شەكلىدە كۈچكە ئىگە بولىدىغان ئىش، چۈنكى بۇ ئىش بۇ دائىرىگە كىرمەيدىغان ئىش بولسا ئىدى، ھەزرىتى ئۆمەر رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمىڭ پەتىۋاسىنى ئۆزگەرتمىگەن بولاتتى، باشقا ساھابىلەرمۇ ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئۆزگەرتىشىگە قوشۇلمىغان بولاتتى.
 
دىيارىمىزدا كىشىلەردىكى دىنىي ئاڭ تولۇق ئەمەسلىكىنى، ھەتتا بەزىلەرنىڭ تالاق دېگەن سۆزنىڭ ئۇنداق خەتەرلىك ئىكەنلىكىنىمۇ چۈشەنمەيدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتىدىغان بولساق، دىيارىمىزدا بىر سۆز بىلەن ئۈچ تالاق قىلغان ئەھۋالدا بىر تالاق ھېسابلاشنىڭ ئىسلام روھىغا ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز.
  
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
 
 
پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.
ياخشىلىق قىل قولۇڭدىن كەلسە، غەزەپلىنىشنىمۇ بىل قولۇڭدىن كەتسە!
تەتۈر ئېقىن
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1740
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 111
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە111دانە
ئۆسۈش: 80 %
مۇنبەر پۇلى: 1170 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-09
ئاخىرقى: 2012-08-20
12-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-10 01:02

سوئال: ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئى ئۇستاز! بىز ھازىر بىر مەسىلىگە دۇچ كەلدۇق. بىر ئايالنى بىر ئەر بىردىن ئۇچ تالاق قىلغان. بىرىنچى ئىككىنچى قېتىمدا يېنىۋالغان. ئۈچىنچى قېتىمدا ئىددەت تۇتقان. ئاندىن ئۇ ئايال ئۈچ ھەيز كۆرگەندىن كېيىن ئۇ ئەر بىر قېتىم يول باركەن دەپ، ئۇ ئايالنى ئۆيگە ئەكىلىپ نىكاھ ئوقۇتماي ئولتۇرغان. ئەمدى بۇ زىنا بۇلامدۇ ياكى نېمە بولىدۇ؟ ئەگەر بۇ ئايال ئۇ ئەردىن ئايرىلسا قانچىلىك ئىددەت تۇتىدۇ. بۇلار مۇشۇ ھۆكۈمگە قاراشلىق بولۇپ قالدى.

جاۋاب:

  







ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:



بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم







بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.



ئاللاھ تائالانىڭ: ((قايتا يارىشىشقا بولىدىغان) تالاق ئىككى قېتىمدۇر، ئۇنىڭدىن كېيىن چىرايلىقچە تۇتۇش، ياكى ياخشىلىق بىلەن قويۇۋېتىش لازىم.... .(بەقەرە سۈرىسى 229-230-ئايەتلەر.) دېگەن ئايەتلىرىدىكى ھۆكۈمگە ئاساسەن ئۈچىنچى تالاقتىن كېيىن تالاق قىلىش بىلەنلا ئىددەت توشسۇن ياكى توشمىسۇن ئۇ ئايال ئاشۇ ئەرگە ھارام بولۇپ كېتىدۇ.



ھارام بولغانلىقىنى بىلىپ ئىددىتى توشقاندىن كېيىن ئۆيگە ئەكىلىۋالغان بولسا، بۇ زىنادىن ئىبارەت. ئايالمۇ بىلىپ كەلگەن بولسا، زىنا قىلغان بولىدۇ. بۇ جەرياندا بالا بولسا ئەرگە مەنسۇپ قىلىنمايدۇ. چۈنكى بۇ ۋەلەدى زىنا بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا بۇلار دەرھال تەۋبە قىلىشى ۋە ئايرىلىشى لازىم. ئۇ ئەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن بۇ زىنا بولغاچقا بەزى ئالىملار بۇنىڭغا ئىددەت كەتمەيدۇ، دەپ قارايدۇ، بەزىلەر ئادەتتىكىدەك ئۈچ ھەيز ئىددەت كېتىدۇ، دەيدۇ. مۇۋاپىقراق قاراشتا بىر ھەيز كۆرۈپ ئىددەت تۇتۇپ خاتىرجەم بولسا بولىدۇ.





ئەگەر ئەر ياكى ئايال ياكى ھەر ئىككىلىسى ھاراملىقىنى بىلمەي، بىر قېتىم يول باركەن دەپ ئويلاپ قېلىپ ئىددەت توشقاندىن كېيىن ئەكىلىۋالغان ۋە ياكى كەلگەن بولسا، بۇ شۈبھىلىك جىما قاتارىغا كىرىدۇ، زىنا بولمايدۇ. بۇ جەرياندا بالا بولسا ئەرگە مەنسۇپ قىلىنىدۇ. بۇ ئەھۋالدا بۇلار دەرھال تەۋبە قىلىشى ۋە ئايرىلىشى لازىم. ئايرىلغاندىن كېيىن ئادەتتىكىدەك 3 ھەيز كۆرۈپ ئىددەت تۇتىدۇ. ئىددىتى توشقاندىن كېيىن كونا ئېرى بىلەن يېڭى نىكاھ بىلەنمۇ ئەر-خوتۇن بولالمايدۇ. بۇ ئەرگە ئەمەس چوقۇم باشقا ئەرگە تېگىشى لازىم. باشقا ئەرگە تەگكەن ئەھۋالدا بۇ ئەر تالاق قىلىپ قالسا ياكى ئۆلسە ئىددىتى توشقاندىن كېيىن ئاندىن بۇرۇنقى ئەر بىلەن نىكاھلانسا بولىدۇ.



تالاق مەسىلىسى بىر قەدەر نازۇك بولغاچقا، يۇرتىڭىزدىكى بىرەر ئالىمغا تەپسىلىي ئەھۋالنى بايان قىلىپ سوراپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.



ۋەللاھۇ ئەئلەم.



پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.

2011-9-9
ياخشىلىق قىل قولۇڭدىن كەلسە، غەزەپلىنىشنىمۇ بىل قولۇڭدىن كەتسە!
ئاللاھ دىللارغا غىل-پال كەشكەن خىيالنىمۇ بىلىپ ت ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1760
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1148
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1148دانە
ئۆسۈش: 1340 %
مۇنبەر پۇلى: 13294 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 19 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-10
ئاخىرقى: 2012-09-03
13-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-10 09:07

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
ئەتە ئۈلۈم!
ئاللاھ دىللارغا غىل-پال كەشكەن خىيالنىمۇ بىلىپ ت ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1760
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1148
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1148دانە
ئۆسۈش: 1340 %
مۇنبەر پۇلى: 13294 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 19 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-10
ئاخىرقى: 2012-09-03
14-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-10 09:07

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
ئەتە ئۈلۈم!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 969
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 197
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە197دانە
ئۆسۈش: 260 %
مۇنبەر پۇلى: 2296 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-14
ئاخىرقى: 2012-09-02
15-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-10 12:17

ھارامنى ،     ھالال قىلىپ  بەردى ،،،،
بۇ گەپ توغرا تەلەپپۇزدا بۇلماي قالدىمۇ؟
vvfv
بىلىمنى بۈيۈك بىل ئوقۇشنى ئۇلۇغ، بۇ ئىككى يۈكسەل ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5984
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 101
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە101دانە
ئۆسۈش: 1120 %
مۇنبەر پۇلى: 2031 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-30
ئاخىرقى: 2012-09-03
16-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-10 12:52

Re:5-قەۋەت (nazli0998) نىڭ يازمىسىغا

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى بىگان نىڭ 2012-01-09 22:42 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 5-قەۋەت (nazli0998) نىڭ يازمىسىغا :
نىمە سەۋەب بىلەن موللاملار يىغىلىپتۇ؟ نىمىشقا ئۆلتۈرىدىكەن؟بولىسا جفۋاب بەرگىلى بولمايدۇ.
تالاق دىگەن گەپ قويۇۋەتتىم،نىكاھنى بۇزدۇم دىگەن گەپ،ئۈچ تالاق دىگەن ئەڭ ئېغىرى.بىلىشمچە بىر تالاق قىلىغان خوتۇننى ياندۇرۋالىغىلى بولىدۇ،شەرىئەتتە ھۆكۈمى بار،ئۈچ تالاقنى ھالال قىلىش ئۈچۈن ئايال كىشى باشقا بىر ئەر كىشىگە ياتلىق بولىشى ئۆي تۇتىشى كىرەك،تاسادىپىي ئۇ ئەر ئاغرىپ ئۆلگەن ياكى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئاجرىشىپ كەتكەن بولسا،بۇرۇنقى ئۆزىنى تالاق قىلغان ئەر كىشى ئاندىن ئۇنى ھالاللاپ قايتا ياندۇرۋالسا ھالال بولىدۇ،بولمىسا بۇ بولمايدۇ. ئۈچ تالاق پەيغىمبەرنىڭ سۈننىتىگە خىلەپ ھالدا قىلىنغان تالاقتۇر،سۈننەتكە لايىق تالاق قىلمىغانلىقى سەۋەبلىك تالاق قىلغان كىشى ئاسي بولىدۇ.يۇقارقى تەلەپلەرنى ئورۇندىماي تۇرۇپ ئۈچ تالاقنى ھالال دەپ بىلسە گۇناھكار بولىدۇ،پەيغەمبىرىمىزنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ.سۈننەتكە لايىق تالاق -ئايالىنى پاكلىق ھالىتىدە بىر تالاق قىلشىتۇر.
ماتىريال يىڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفىي فىقھىسى2-تومىدىن  ئىلىندى.تىخمۇ ئىنىق تەپسىلاتىنى كىتابتىن ئۆزىڭىز كۆرۈڭ.

شۇڭا ئەرلەر ھەرقانچە ئاچچىغى كەپ كەتكەن شارائىتتتىمۇ ئۆزىنى قاتتىق تۇتۋىلىشى كىرەك. بۇ گەپنى ئايالغا چاقچاق قىلىپ ياكى قورقۇتۇپ قويۇش ئۈچۈن دىسىمۇ بولمايدۇ.(مۇشۇنداق ئەھۋالدا دىسمۇ ئوخشاشلا كۈچكە ئىگە بولوپ نىكاھ ئاجرايدۇ)
ئىنسان نىمنى ئويلىسا شۇ بولامدۇ
ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىمان ئاتا قىل& ..
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3033
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 893
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە893دانە
ئۆسۈش: 510 %
مۇنبەر پۇلى: 6336 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2012-09-07
17-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-10 22:56

ئاللاھ بىزنى مۇشۇنداق گۇناھلاردىن يىراق قىلغاي .
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1411
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1411دانە
ئۆسۈش: 1220 %
مۇنبەر پۇلى: 15488 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-08-28
18-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-10 23:09

چاچ سالغان ۋە سالدۇرغان دىگەن نىمە گەپ ؟
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ
دەرىجە: چەكلەنگەن

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9603
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 922
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە922دانە
ئۆسۈش: 490 %
مۇنبەر پۇلى: 1 سوم
تۆھپىسى: 139 كىشى
ياخشى باھا: 4789 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-03-26
19-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-10 23:47

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى