نوۋېگورد كوچىسى
غۇلجىنىڭ نوۋېگورد كوچىسى،
ھەريوغان مەجنۇنتال-تېرەكلەر.
بىر كۈيگە بۆلۇنۇپ بارىمەن،
جۇنۇنغا تىترەيدۇ يۈرەكلەر.
سۈپۈرگە ئاۋازى قىزلارنىڭ،
يىگىتلەر ئىسقىرتىپ سوڭدىشار،
ئېرىقتا سۇ ئاقار شىلدىرلاپ،
قىرغاقتا بوۋىلار مۇڭدىشار.
خادىكلار توي تارتىپ جىرلىسا،
ئاتلىرى ئويناقشىپ كىشنەيدۇ.
گۈل ئەگىپ ئۆسكەن تېرەكتە،
گۇۋاھچى بۇلبۇللار ئەسنەيدۇ.
گۈزەللىك تالاشسا چېچەكلەر،
گۈللەرنىڭ چايقىلار بويلىرى.
ئاياقلار تاراقلار ئۇسسۇلغا،
قاينايدۇ مەھەللە تويلىرى.
..................................
يىگىتلىك ئۆتكەن شۇ كوچامنى،
سەھەر يا كەچلىرى ئەگىيمەن.
ئەسلىنەر قوڭغۇراق ئاۋازى،
ئاتلارنىڭ ئۈنىدىن سەگىيمەن.
غازاڭلار كوچىدا ئوينىشار،
بالىلار چۇقانى يۈتكەندە.
مۇڭلىنىپ قارايدۇ تېرەكلەر،
ناتونۇش يولۇچى ئۆتكەندە........................!
ئارىدا بىر كوبلېتنى تېپىشماققا قالدۇردۇم. بۇنى تولۇقلىيالاسىز؟
بۇ بىر غۇلجا شائىرىنىڭ شېئىرى. بىلەمسىز،ئۇ كىم؟