باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1702 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تالىبان بىلەن< بازا> تەشكىلاتى  ئارىسىدا قانداق سىر بار
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 2737
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2737دانە
ئۆسۈش: 5080 %
مۇنبەر پۇلى: 19086 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-03-26
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-03 22:28

تالىبان بىلەن< بازا> تەشكىلاتى  ئارىسىدا قانداق سىر بار

  
  


ئامېركا قاتارلىق غەرپ ئەللىرى <<11-سىنتەبىر>ۋەقەسىدىن كېيىن ئافغانىىستاندىكى تالىباننى <<بازا>>تەشكىلاتىنىڭ ئىتپاقدىشى دەپ تونۇپ ،بۇ ئىككى تەشكىلاتنى زەربە بېرىدىغان ئاساسلىق نىشان قىلىپ بېكىتتى،لىكىن نيۇ يورك ئۇنۋېرسىتېـتدىكى ئىككى تەتقىقاتچى يىقىندا دوكىلات ئېلان قىلىپ تالىباننىڭ مەسلىكىنى،ئىككىلىسىنىڭ پارچىلىنشى ئېھتىمالىقىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرغا قۇيدى .

تالىبان بىلەن <بازا>تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى بۇ دۇكىلاتنى ئافغانىستاندا ئۇزاق يىل ئىشلىگەن ئالكېس سىتىرىكېر بىلەن فېكىس كۇني يازغان بۇلوپ ،دۇكىلاتتا <<بازا>تەشكىلاتى بىلەن تالىباننىڭ ئىتپاقداش ئەمەسلىكى ئالغا سۈرۇلگەن .

دۇكىلاتتا:تالىبان بىلەن <بازا>تەشكىلاتىنىڭ ئېدلوگىيىسى ئۇخشىمايدۇ،ئۇلار نىڭ مۇناسىۋىتى <خاس سىياسىي ئىتتپاق>مۇناسىۋتىگە ئۇخشايدۇ بۇ ئىككى تەشكىلاتنىڭ ئېنىق پەرقى بار،تالىبان خەلىقارالىق تىرۇرلوق ھەركەتلىرگە ئارلاشمىغان،نىشاننى ئافغانىستاننىڭ ئىچكى قىسمىغا قاراتقان،ئەمما <بازا>تەشكىلاتى ئۇنداق ئەمەس دىيىلگەن .دۇكىلاتتا يەنە:تالىبان رەھبىرى<<11-سىنتەبىر>تېرۇرلوق ھۇجۇمىدىن خەۋەرسىز ئىدى،ئەينى چاغدا بەلكىم بىن لادىننىڭ تىزگىنلىشىدە تۇرغان بۇلىشى مۇمكىن تالىبان ھاكىميەتتىن ئايرىلغاندىن كىيىن ئافغانىستان ھۆكۇمىتى بىلەن يارشىشىنى ئۇيلاشقان،تالىباننىڭ رەھبەرلىك قاتلىمدىكىلەر 2001-يىلى نۇيابىردا پاكىستاندا ئۇچرىشىپ،ئافغانىستان يىڭى ھۆكۇمىتى بىلەن يارشىشى تۇغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان ،لېكىن ئامېرىكا  بىلەن ئافغانىستان ھۆكۇمىتى ئەينى چاغدا تالىبان بىلەن يارشىشىنىڭ ھىچقانداق زۇرۇرىيىتى يۇق دەپ قارىغان ،ئۇنىڭدىن باشقا تالىبانغا بىقىندىغان <خاقان تورى>نىڭ بىر ئەزاسى 2001-يىلى كابۇلغا بېرىپ ھۆكۈمەت بىلەن ياراشماقچى بۇلغان ،ئەمما قولغا ئېلىنىپ قىيىن قېستاققا ئىلىنغان ،ھازىر ئامرېكا ھۇكۇمىتىدىكىلەر تالىبان بىلەن <بازا>تەشكىلاتى ئورتاق ئىدېلوگىيەگە ئىگە دەپ قارايدۇ .ئامرېكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارسىنىڭ سابىق ئەمەلدارى تۇزگەن ئافغانىستان ئىستىراتىگىيىسى تۇغرىسىدىكى مۆلچەر دۇكىلاتىدا تالىبان بىلەن <بازا>تەشكىلاتى  ئۇخشاشلا ئامرېكىغا تەھدىت شەكىللەندۇرىغان تىرۇرلوق تەشكىلات دەپ شەرھىلەنگەن ۋە تالىباننىڭ رەھبىرى مۇللا مۇھەممەد ئۆمەر بىلەن بىن لادىننىڭ قەدىناس دۇستى ،ئىتپاقدىشى دەپ كۆرسىتىلگەن .

ئىككى تەتقىقاتچى دۇكىلاتتا قارشىنى بايان قىلىپ :تالىبان بىلەن <بازا>تەشكىلاتىنى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىشى  ئافغانىستاندا غەلبىنى قۇلغا كەلتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى.ئامېرىكىنىڭ بەزى ئەمەلدارلىرى ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەركەتنى كۆچەيتسەك تالىباننىڭ كۈچىنى خورىتالايمىز ،شۇنداقلا  تالىباننى سۇھبەتلىشىشىكە قىستىيالايمىز ،دەپ قارايدۇ ،لېكىن ئۇرۇش بىلەن سۇھبەت تەڭكەش قەدەمدە داۋاملىشىشى كېرەك،مەسلىنى سىياسىي نۇقتىدىن ھەل قىلىشى كەم بۇلسا ،ئۇرۇشنى تۇختىتىش تەسكە چۇشىدۇ بۇنىڭدىن باشقا زەربە بىرىشى سالمىقىنى سالمىقىنى زۇرايتىشى تالىباننىڭ تىخمۇ كۆپ ياشلارنى ،رادىكاللارنى قوبۇل قىلىشىنى تېزلىتىدۇ،بۇنىڭ بىلەن <بازا>تەشكىلاتىنىڭ تەسىرى زۇرىيىدۇ ،شۇڭا تالىبان ئارىسىدىكى ئاقساقاللار ھۇقۇقىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئىلگىرى ئۇلار بىلەن ئالاقىىلەشكەن ياخشى،تالىبان يۇقۇرى قاتلىمدىكىلەر <بازا>تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۇش شەرت قىلىنغان سۆھبەتنى قوبۇل قىلالمايدۇ ،ئەمما خەۋەپسىزلىك كاپالىتى بېرىلسە ،تالىبان بىلەن <بازا>تەشكىلاتىنىڭ ئىتپاقىغا دەز كېتىدۇ ،دېگەن.
مەنبە:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى 2011-يىل 11-فىۋرال سانى (تەرجىمە قىلغۇچى ئەكبەر ئىسمايىل )
[ بۇ يازمىنىkuwruk 2012-01-03 22:33قايتا تەھرىرلىدى ]
ئۈزىڭىزگە ئىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە سىزمۇ قىلالايسىز!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 440
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە440دانە
ئۆسۈش: 4010 %
مۇنبەر پۇلى: 3933 سوم
تۆھپىسى: 7 كىشى
ياخشى باھا: 2478 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-28
ئاخىرقى: 2012-03-24
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-04 18:49

ۋوي ۋوي ..كۆۋرۈك ئاكا ، رەسىمگە تەپسىلى قاراپ بېقىڭە كىمنىڭ رەسىمى ئۇ؟ بىنلادىننىڭمۇ ياكى ئوبامانىڭمۇ ؟
مىنىڭچە بىنلادىننىڭ ئەمەس! كىرىشتۈرۈلگەن رەسىمدەك قىلىدۇ.