باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 770 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيغۇرلار بۆشۈك تەۋرەتمەيدىغان بولامۇ؟
ياخشى ئادەم كۆپ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 900
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 446
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە446دانە
ئۆسۈش: 7040 %
مۇنبەر پۇلى: 8523 سوم
تۆھپىسى: 17 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
گۇرۇپپا: kangsay
تىزىملاش: 2010-08-08
ئاخىرقى: 2012-01-03
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

ئۇيغۇرلار بۆشۈك تەۋرەتمەيدىغان بولامۇ؟

ئەجدادلىرىمىز بالىنىڭ بەدەن شەكلىنىڭ ئۆلچەملىك بولوشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، بۆشۈكنىڭ بالا تەربىيىسىدىكى رولىدىن ناھايتتى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كەلگەن. ئۇلار بۆشۈكنى«بالا بېقىشنىڭ قېلىپى» دەپ قاراپ كەلگەن..ئەمدىلىكتە "ھۇرۇن"ئاتا-ئانىلارغا يېڭى بۆشۈك ھازىرلىنىپتۇ..

  كىمنىڭ ئىجاد قىلغىنى ھازىرچە نامەلۇم..فىلىمدىكى يېزىق ..قاتارلىق ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا ياپونىيەدە 'تۇرىۋاتقان"ئۇيغۇر تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغاندەك تۇرىدۇ..

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى
ئۆلۈم ھايات جۈملىسىگە ئۇرۇلغان چىكىت!!!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2066
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 170
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە170دانە
ئۆسۈش: 330 %
مۇنبەر پۇلى: 1971 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-18
ئاخىرقى: 2012-01-04
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
بۆشۈك گىپى چىقسا تەبىئىيلا كاللامغا ئاپام مىنى شۇنداقلا ئۈچ ئىنىمنى بېقىپ چوڭ قىلغان بۆشۈك يادىمغا كىلىدۇ.......بىز چوڭ بولغاندىن كىيىن ئۇ بۆشۈك ئامبار ئۆينىڭ بىر بۇلىڭىدا توپا بېسىپ تۇرغان مەزگىللەردە ئۈرۈمچىدىن يېڭىدىن يەڭگىپ ئورنىدىن تۇرغىلى بىرقانچە كۈن بولغان نەۋرە ئاچامنىڭ ئاتۇشقا كىلىپ بىر مەزگىل تۇرىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ ھىلىقى بۆشۈكنى توپا بېسىپ تۇرغان جايدىن ئېلىپ چىقتىم-دە ئۆيدە دادام بۇرۇن ئىشلىتىپ ئېشىپ قالغان سىرلارنى ئۇنى بۇنىڭغا ئارلاشتۇرۇپ يۈرۈپ مەن ئەڭ ياقتۇرىغان شاپتۇل چىچىكى رەڭنى ھاسىل قىلىپ ئولتۇرۋىلىپ شۇنداق تەپسىلى سىرلاپ چىققان ئىدىم. تېخى بۆشۈككە كىتىدىغان قول تارتقۇ دەمدۇق ئىشقىلىپ بىر يۈرۈش سايمانلىرى ئۆزۈم چوڭ ئاپامنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن كىيىم تىكىش ماشىنىسدا تىكىپ ئۇ بۆشۈكنى شۇنداق ئۆزگىچە تۈسكە كىرگۈزۋەتكەن ئىدىم. دادام-ئاپاملار كۆرۈپ شۇنداق خۇش بولۇپ كەتكەن ئىدى. نەۋرە ئاچاممۇ ئۇماق ئوغلىنى شۇ بۆشۈكتە بىر مەزگىل ياتقۇزغان ئىدى. شۇندىن كىيىن ئۆيگە كىچىك بالىسى بارلار كىلىپ قالسا خاتىرجەم ھالدا شۇ تەييار بۆشۈكنى ئىشلىتىدىغانمۇ بولدى ئەمما ھازىر بالىنى بۆشۈكتە باقىدىغان ئىشلار تۈگەپ قىلىۋاتقاچقىمۇ ئۇ <بىچارە> بۆشۈك يەنە غىرىپسىنىپ قېلىۋاتىدۇ. ئاللاھ نىسىپ قىلسا كىيىنچە ئۆزۈمنىڭ ئەۋلادلىرىنى بېقىپ چوڭ قىلىشقا ئىشلەتمىسەم ھىساپ ئەمەس. دىمىسىمۇ بۆشۈك بالىسى خان بالىسى دىگەندەك بۆشۈكتە بېقىلغان بالا پاكىز بولىدۇ ھەم ئانىنىڭمۇ قولى سەل ئارام تاپامدىكى دەيمەن؟! ئىشقىلىپ مەن يەنىلا مۇشۇ بۆشۈك ئىشلەتكەننى ياقتۇرىمەن.