باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 209 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: دىنىي ئەقىدە ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى ئەھمىيىتى( 2-قىسىم)
kalduk ibadat uqun,kaytimiz yisap uqun.mihmanbiz budunyada,ulimiz tirilix uqun.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 481
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە481دانە
ئۆسۈش: 880 %
مۇنبەر پۇلى: 5443 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-01
ئاخىرقى: 2012-01-03
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

دىنىي ئەقىدە ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى ئەھمىيىتى( 2-قىسىم)

دىنىي ئەقىدە ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى ئەھمىيىتى



(دوكتۇر: مەھمۇد ھەمدى زەقزۇقنىڭ رىسالىسىنىڭ تەرجىمىسى)



2-قىسىم



دىنىي مايىللىقنىڭ قەدىمىيلىكى



  دىنىي مايىللىق ئىنسان يارىتىلغاندىن تارتىپلا ئىنساندا بار بولغان بىر تەبىئىي خۇسۇسىيەت. ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىشمۇ تەرسا جاھىلدىن باشقا كىشى ئىنكار قىلمايدىغان تۇغۇلما تەبىئەت. ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىشكە تەييار تۇرغان بۇ ئىلاھىي تەبىئەتنى قۇرئان كەرىمدىكى ئەھدە ئېلىش ئايىتى مۇنداق دەيدۇ:

«ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ ئادەم بالىلىرىنى (يەنى نەسلىنى) ئۇلارنىڭ (ئاتىلىرىنىڭ) پۇشتىدىن چىقاردى ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە گۇۋاھ قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېدى (يەنى ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئىكەنلىكىگە ۋە بىرلىكىگە ئادەم بالىلىرىنى ئىقرار قىلدۇردى، ئۇلار ئىقرار قىلىپ بۇنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى). ئۇلار: «ھەئە،سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇرسەن، گۇۋاھلىق بەردۇق» دېدى. (ئۇلارنى گۇۋاھلىق بەرگۈزگەنلىكىمىز) قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ: «بىز بۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغان ئىكەنمىز» دېمەسلىكلىرى، ياكى «ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى (ساڭا بۇتلارنى) شېرىك كەلتۈرگەن ئىدى، بىزنىڭ پەقەت ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ قالغان يېرىمىز بار (يەنى بىزنىڭ ئۆزرىمىز بار) گۇمراھلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟» دېمەسلىكلىرى ئۈچۈندۇر » [ ئەئراف سۈرىسى 172- ئايەت ]

ساددا بىر سەھرالىق بىر ئەرەب ئاللاھ نى قانداق تونۇدۇڭ ؟ دەپ سورالغاندا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: ماياق بولسا تۆگىگە، يولدىكى ئىز بولسا ماڭغانلىققا دالالەت قىلىدۇ، مانا بۇ يۇلتۇزلۇق ئاسمان، كەڭ يوللۇق زېمىن، ئۆركەشلىك دېڭىزلار ھەممىدىن خەۋەردار، كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان ياراتقۇچىغا دالالەت قىلمامدۇ؟

ھەقىقەتەن مەۋجۇدىيەتتىكى بارلىق نەرسىلەر مەۋجۇدىيەتنىڭ ياراتقۇچىسىنى كۆرسىتىدۇ، بۇنى ئەرەب شائىرى مۇنداق ئىپادىلىگەن:

ھەر نەرسىدە بار ئۇنىڭغا بىر ئالامەت

بىرلىكىگە قىلىدۇ كەسكىن دالالەت

كۆز قاراشلىرى خىلمۇخىل بولغان دىن تارىخچىلىرى ھەممىسى بىردەك ئىسپاتلىغان ھەقىقەت شۇكى، دۇنيادا مەيدانغا كېلىپ، مەۋجۇدىيەت ھادىسىلىرىنى چۈشەندۈرۈشتە ئىنساننىڭ باشلىنىشى بىلەن ئاقىۋىتى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزمەستىن ياشاپ ئۆتۈپ كېتىدىغان ئۈممەت ياكى مىللەت يوق، چۈنكى دىنىي ھېسسىيات بارلىق ئىنسان جىنىسلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا، ھايۋانلىققا ئەڭ يېقىن ۋە ئەڭ قاتتىق ياۋايى جىنىسلاردىمۇ ئورتاق نەرسە، ھەمدە ئىلاھى مەنە ۋە تەبىئەت ئارقىسىدىكى نەرسىلەرگە (مېتافىزىكىغا ) كۆڭۈل بۆلۈش ئىنسانىيەتنىڭ ئومۇملاشقان ئۆلمەس مايىللىقلىرىنىڭ بىرى.

  ئىنسانىيەت تارىخى بىزگە ئىنسانلارنىڭ ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا ھايات - مامات ۋە ئۆلۈمدىن كېيىنكى ئەھۋاللارغا ئوخشاش ئىنساننىڭ مەۋجۇدىيەت مۇئاممالىرىنى يېشىشكە ئىنتىلىشىنى ۋە مايىللىقىنى ئىپادىلەيدىغان ھەل قىلغۇچ مەسىلىلەر بىلەن ئاۋارە بولغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىغان نۇرغۇن ۋەسىيەت ۋە يادىكارلىقلار بىلەن توشۇپ كەتكەن. بۇ مۇھىم مەسىلىلەرگە جاۋابلار، ئىنسان ئۇزۇن ئەسىرلەردىن بۇيان ئېتىقاد قىلغان دىنلاردىن كەلگەن . بۇ سەۋەبتىن بىرجىسۇن مۇنداق دېگەن: « پەلسەپە ۋە ئىلىم-پەنسىزمۇ ئىنسانىيەت جامائىتى بارلىققا كەلگەن، لېكىن دىنسىز ھېچقانداق بىر جامائەت بارلىققا كەلمىگەن ».

  دېمەك يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك ئىنسان ئېھتىياجلىرىنىڭ سەزگۈ ئېھتىياجى، ئەقىل ئېھتىياجى ۋە روھ ئېھتىياجى قاتارلىق ئۈچ ئېھتىياجنىڭ سىرتىغا چىقمايدىغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ بىزگە ئىنسان مايىللىقىنىڭ ئىنسان كۆڭلىدە تۇغۇلما بار بولغان تەبىئىي خاراكتېر ئىكەنلىكىنى، سىرتتىن تېڭىلغان نەرسە ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ ئىنسان تەبىئىتىگە پۈتۈنلەي مۇۋاپىق كېلىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇنى ئىنكار قىلىشنىڭ ئىنسان تەبىئىتىدىكى بىر چەتنەش ۋە توغرا چۈشۈنەلمەسلىكتىن ئىبارەت نەرسە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ بېرىدۇ.



ئىمان ھاياتتا كەم بولسا بولمايدۇ!



   ئەگەر ئىمان ئىنسان كۆڭلىگە سېڭىپ كەتكەن تۇغۇلما بىر تەبىئەت دەپ قارالغان بولسا، ئۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا چوقۇم ھاياتتا كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۈرىيەت. ئۇ بولمىسا ئىنسانلارنىڭ ھايات مۇساپىسى ئۇڭۇشلۇق بولمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن ھازىرقى ئالەمىمىزدە ھازىرقى ئەسىر ئىنسانىنىڭ روھىي بوشلۇق تۈپەيلىدىن تارتىۋاتقان مۇشەققەتلىرىنىڭ ھەجمىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. مۇنداق بولۇشى، ئىنساندا يۆلىنىدىغان مۇستەھكەم بىر ئاساس ھەمدە كۆڭۈلنىڭ پۈتۈن ئەتراپىنى تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك بىلەن توشقۇزىدىغان ئىمان بولمىسا، ئۇنى خۇددى ئاسمان بىلەن يەرنىڭ ئارىلىقىدا ئېسىلىپ قالغان نەرسىدەك قىلىپ قويىدىغانلىقىدىندۇر.

   غەربتىكى ئېغىر ئەنسىزلىك دولقۇنلىرى، ئىنسان ئازابىنى تارتىۋاتقان روھىي بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغان رەڭگە-رەڭ ئېقىم ۋە بۇزۇق پىكىرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. لېكىن بۇ پىكىر ۋە ئېقىملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋە ئۇلار ھەققىدە سېلىنغان ھەيۋە-چۇقانلارنىڭ خۇددى تەشنا ئادەم باياۋانلاردا يىراقتىن سۇ دەپ گۇمان قىلىپ يېنىغا كەلسە ھېچنەرسە كۆرۈنمەيدىغان سەراپقا ئوخشاش نەرسە ئىكەنلىكى ئېنىق ئاشكارا بولدى.

  ئىنسان ئىماندىن بىھاجەت بولالمايدىغانلىقى ئۈچۈن ھاياتىمىزدا ئاللاھ غا ئىشەنمەيدىغان ئاتېئىستلارنىڭ ( خۇداسىزلارنىڭ ) ئۆزلىرىگە ئاللاھقا ئىشىنىشنىڭ ئورنىنى باسىدىغان، باشقا بىر ئىشىنىدىغان نەرسىنى ئىزدەپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىكى ئاللاھ قا ئىشىنىش ۋە ئېتىقاد قىلىشنىڭ ماددىغا ياكى ئىنسانغا ياكى ئېلىم-پەنگە ئىشىنىشكە ۋە چوقۇنۇشقا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. لېكىن ئۇ بۇ ھالەتتە تۈپ يىلتىزىغا ئەمەس شېخىغا، مېغىزىغا ئەمەس شاكىلىغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن يىلتىزى كېسىۋېتىلگەن ئىمان بولىدۇ. شۇڭا بۇ ساختا ئىمان ئاللاھ قا ئىشىنىشكە مۇناسىپ يارىتىلغان ئىنسان نەپسىنىڭ تەلەپ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ، جانابى ئاللاھ تۆۋەندىكى ئايەتتە ھەقىقەتەن راست ئېيتقان:

« مۆمىنلەرنىڭ ئىمانىغا ئىمان قوشۇلۇشى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا تەمكىنلىكنى چۈشۈردى» [ فەتىھ سۈرىسى 4- ئايەت]

  دېمەك يالغۇز مۆمىنلەرلا قەلبلىرى ئىشەنچ ۋە ئۈمىدكە ئېرىشىپ، دىللىرى تەمكىنلىك ۋە خاتىرجەملىك بىلەن تولىدىغانلاردۇر.



ئىمان ۋە ئۈمىت

  ئىمان بىلەن ئۈمىت ئايرىلماس بىر شەكىلدە بىر بىرىگە باغلىقتۇر، بۇ جەھەتتىن مۆمىنلەرنىڭ ئۈمىدسىزلىنىشى ياكى قەلبىگە ئەنسىزلىكنىڭ كىرىپ قېلىشى مۇمكىن بولمايدۇ، جانابى ئاللاھ تۆۋەندىكى ئايەتتە ھەقىقەتەن راست ئېيتقان:

« شۈبھىسىزكى، پەقەت كاپىر قەۋملا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ » [ يۈسۈپ سۈرىسى 87- ئايەت ]

   ئۈمىت دېگەن ئىنساننى ئاللاھ تائالانىڭ ئادالىتى ۋە رەھمىتىگە، ئاللاھ تائالانىڭ ياخشى ئىش قىلغانلارنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيدىغانلىقىغا چىن قەلبىدىن ئىشەنگەن ھالدا ھاياتنى سۆيۈپ، ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى پايدىلىق ئىش ئۈچۈن ئىشلەيدىغان قىلىدىغان نەرسىدۇر. بۇ ئۈمىت ئىنسان قەلبىدە ئاللاھ تائالا خالىغان يەرگە قەدەر چەكسىز ئۇزىرايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇئمىنلەرنى ئىنسان بىر ياخشى ئىشنى قىلالايدىغانلا ئەھۋالدا بولىدىكەن، ھەتتا قىيامەت بولۇپ كەتسىمۇ ياخشىلىقنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز. بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەدىسى مۇنداق ئىپادىلەيدۇ:

« بىرىڭلار قولىدا بىر تۈپ مايسا تۇتۇپ تۇرغان چاغدا قىيامەت بولسا، ئەگەر ئۇنى تىكىۋېتەلىسە تىكىۋەتسۇن» [ئىمام ئەھمەد مۇسنەد ناملىق كىتابىدا رىۋايەت قىلغان]

«ناۋادا ئۈمىت بولمىغان بولسا بىرمۇ ئانا بىرمۇ بوۋاق ئىمىتمىگەن، بىرمۇ كۆچەتچى بىرمۇ كۆچەت تىكمىگەن بولاتتى» [ئەلخەتىب ئەلباغدادى ئەتتارىخ ناملىق كىتابىدا رىۋايەت قىلغان ھەدىس شەرىپنىڭ بىر پارچىسى ]



دىن ئۇقۇمى

  ئەگەر ئىمان، ئۈمىت بىلەن ئوزۇقلىنىپ تۇرىدىغان ھايات زۆرۈرىيىتى ۋە ئىنساننىڭ تەبىئىتىدە بار بولغان تۇغۇلما تەبىئەت دەپ قارىلىدىكەن، بۇنىڭ مەنىسى ئەلۋەتتە ئىنسان تەبىئىتى دىندار تەبىئەت دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئىنساننى «دىندار ھايۋان» دەپ تەرىپلىسە خاتالاشمايدۇ، چۈنكى ئىنسان بولسا ئۆز تەبىئىتىدە ئاڭقىرىش ۋە چوقۇنۇش ئارقىلىق دىندارلىققا مايىل بولىدىغان يەككە يىگانە بىر جانلىق مەخلۇق. دىندار بولۇش بىر دىنغا باغلىنىشلىق بولىدۇ، دىنلار ئىچىدە ھەق دىنمۇ بولىدۇ، باتىل دىنمۇ بولىدۇ، شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدە بۇتپەرەس كاپىرلار بىلەن قىلغان مۇنازىرىسىدە:

«سىلەرنىڭ دىنىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، مېنىڭ دىنىممۇ ئۆزۈم ئۈچۈن» [كافىرۇن سۈرىسى6- ئايەت] دەپ ئۇلارنىڭ باتىل ئەقىدىسىنى «دىن» دەپ سۈپەتلىگەن. لېكىن يەنە بەزى ئايەتلەردە قۇرئان كەرىم «دىن» دېگەن سۆزنى ھەممىگە مەلۇم شەكىلدە مۇتلەق چەكلىمىسىز قوللانسا ئۇنىڭ بىلەن چوقۇم ھەق دىن مەقسەت قىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:

« ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام (دىنى) دۇر» [ئال ئىمران سۈرىسى 19- ئايەت]

   يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«ئاللاھ سىلەرگە دىندىن نۇھقا تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى، ساڭا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىز ۋەھىي قىلغان نەرسىنى، ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىساغا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى بايان قىلدى. سىلەر دىننى بەرپا قىلىڭلار، دىندا تەپرىقىچىلىك قىلماڭلار دەپ ئېنىق بەلگىلەپ بەردى » [شۇرا سۈرىسى 13- ئايەت]

  دىن ئۇقۇمىنى تونۇتىدىغان نۇرغۇن تەرىپلەر بار. بىز بۇ يەردە تەپسىلىي بايان قىلماي ئەتتەھانەۋى ئىشارەت قىلغان بىر تەرىپنىلا تىلغا ئېلىپ ئۆتىمىز. ئۇ دىننى مۇنداق دەپ تەرىپلىگەن: «دىن ـــ ئەقىل ئىگىلىرىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن دۇنيادا ياخشى بولۇشقا ھەمدە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خۇشال-خۇراملىققا ئېرىشتۈرگۈچى ئىلاھىي يول. بۇ سۆز ھەر پەيغەمبەرنىڭ ئەقىدە - ئەھكاملىرىغا ئېيتىلىدۇ. بەزىدە ئىسلامغا خاس قىلىپ قوللىنىدۇ. ئۇ ئاللاھ تائالادىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا، پەيغەمبەر بايان قىلغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەرگە ۋە ئۈممەت ئۇنىڭغا بوي سۇنۇپ ئېتىقاد قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۈممەتكە مەنسۇپ». [ئەتتەھانەۋى « كەششاف ئىستىلاھات ئەلفۇن»]



دىن بىرلىكى



   جانابى ئاللاھ ئىنساننى يارىتىپ زېمىنغا چۈشۈرگەندىن باشلاپ ھايات يولىدا ماڭالىشى ئۈچۈن ئۇنى يۆلىگەن، ئۆي- ماكان، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق ھاياتنى ساقلايدىغان نەرسىلەرگە يېتەكلىگەن. ئۇندىن كېيىن ئۇنى روھىي پەرۋىشسىز تاشلاپ قويمىغان. بەلكى تارىختىن بۇيان ئىنسانغا توغرا قاراش ۋە ھىدايەت يولىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىغان پەيغەمبەرلەرنى ھەر زامان ئەۋەتىپ ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالغان. ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلىرى ئىنسانىيەت ئۇنتۇپ قالسا ئەسلىتىپ، چەتنەپ كەتسە ئاگاھلاندۇرۇپ، يولدىن ئېزىپ كەتسە ياخشىلىققا يۈزلەندۈرۈپ، كەينى-كەينىدىن كېلىپ تۇرغان.

   بۇ يول پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىش بىلەن ئاياغلاشتى. شۇڭا ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى ۋە ئىلگىرى ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەن ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى كامالەتكە يەتكۈزگۈچى ئىدى. بۇ پەيغەمبەرلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىنساندىكى ئاشۇ دىنىي مايىللىققا خىتاب قىلىپ دىللاردا چۇڭقۇر يىلتىز تارتقان بۇ دىنىي تۇيغۇنى ئىنساندا ئويغۇتۇپ كەلگەن. بۇ سەۋەبتىن دىنلار چاقىرىقى دىللاردا دىنىي مايىللىقنى پەيدا قىلىشنى كۆزلىمەي، توغرا دىنغا يېتىش ئۈچۈن ــ ئەسلىدە مەۋجۇت بولغان ـــ بۇ مايىللىقنى توغرا مەقسەتكە يۈزلەندۈرۈشنى كۆزلەيتتى. دېمەك ئىلاھىي ۋەھىي ـــ ئىنسان ئەقلىنى ھەققە ئەڭ قىسقا ۋە ئەڭ قولاي يولدىن يېتىشكە ياردەم قىلىدىغان، ئازغۇن دىللارنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان ئىلاھى مەرھەمەتتۇر.

  ئەگەر پەيغەمبەرلەر كۆپ بولغان بولسا، بۇنىڭ مەنىسى پەيغەمبەرلىكلەرنىڭ ئاساس غايىلىرى بىر-بىرىگە ئوخشاش ئەمەس دېگەنلىك بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەتكە ئېنىق بەلگىلەپ بەرگەن دىن ئاساس ۋە مەزمۇندا بىر دىندۇر. قۇرئان كەرىم بۇنىڭغا يۇقىرىدا ئۆتكەن ئايەتتە ئىشارەت قىلغان:

« ئاللاھ سىلەرگە دىندىن نۇھقا تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى، ساڭا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىز ۋەھىي قىلغان نەرسىنى، ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىساغا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى بايان قىلدى. سىلەر دىننى بەرپا قىلىڭلار، دىندا تەپرىقىچىلىك قىلماڭلار دەپ ئېنىق بەلگىلەپ بەردى » [شۇرا سۈرىسى 13-ئايەت ]

  ئىلاھىي دىننىڭ تېگى-تەكتى ۋە مەزمۇنىدا بىرلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى : ئىسلامدىن ئىلگىرى ئۆتكەن دىنلاردىكى قانۇن-شەرىئەتلەر زامان ۋە ماكان چېگرىسى بىلەن چەكلىك بولغانلىقىغا ۋە ۋەزىيەت ئەھۋالىغا قاراپ ئۆزگىرىشچان بولغانلىقىغا قارىساق، ساماۋى دىنلار ئوتتۇرىسىدا قانۇن-شەرىئەتلەرگە تەئەللۇق نەرسىلەردە ئوچۇق ئوخشىماسلىق كۆرۈلىدۇ, قۇرئان كەرىم بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

«(ئى ئۈممەتلەر!) سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلار غا بىر خىل شەرىئەت ۋە ئوچۇق يول بەلگىلىدۇق» [مائىدە سۈرىسى 48- ئايەت]

   ئىسلامدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلىكلەر قايسى مىللەتكە ئەۋەتىلگەن بولسا شۇ مىللەتنىڭ ئەقىل-ئىدراكى ۋە سەۋىيىسىگە ماسلىشىشى ئۈچۈن تەدرىجى كەلگەن. بۇ ئەھۋال ئۇزۇن زامانلار شۇنداق بولغان. بىر دىن ئارقىسىدىن يەنە بىر پەيغەمبەر كەلگەن، ھەر دىننىڭ بەلگىلەنگەن زامانى ۋە مەخسۇس مىللىتى بولغان.



ئىسلامنىڭ زۆرۈرلىكى



  ئىنسانىيەت تولۇق پىشىپ يېتىلىش دەرىجىسىگە يەتكەندە كەلگەن دىن ئىسلام دىنى بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بىلەن دىننى تولۇق مۇكەممەللەشتۈرگەن. ئۇنىڭ شەرىئىتى (قانۇنى ) ھەر قايسى زامان ۋە ھەرقايسى ماكانغا مۇۋاپىق، ماڭگۇ ئۆزگەرمەيدىغان شەرىئەت بولغان. بۇ ئاخىرقى پەيغەمبەرلىك ئىنسانىيەت ھەر تەرەپتىن بۇزۇقچىلىقلارغا پېتىپ كەتكەن،ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىنسانىيەت ئىسلامغا ئەڭ قاتتىق ئېھتىياجلىق بولغان ۋە پەيغەمبەرلەر ئۈزۈلۈپ قالغان بىر زاماندا كەلگەن. شۇنداق قىلىپ ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ئەۋەتكەن ئىلاھىي پەيغەمبەرلىكلەرنىڭ يوللىرى يوقۇلۇپ، ئۆتكەنكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاۋازى پەسىيىپ قالغاندىن كېيىن، بۇ دىننى قاتتىق تەلەپ قىلىدىغان زۆرۈرىيەت پەيدا بولغان. بۇنىڭدا ئاللاھنىڭ كەبىسى جايلاشقان ئەرەب يۇرتلىرى، خرىستىئان دىنىنىڭ ئىككىنچى بۆشىكى بولغان رىم ئەللىرى ۋە مانى دىنى، زەردۇشت دىنى، مەزدەكىيە دىنى قاتارلىق دىنلار پەيدا بولغان پارىس ئەللىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا دۇنيادىكى خىلمۇخىل يۇرتلارنىڭ ئارىسىدا پەرق يوق.

   شەكسىزكى، ئىسلامدىن بۇرۇنقى مىللەتلەرنىڭ ئەھۋاللىرىغا بىردەك كۆز يۈگۈرتۈش، بۇ يېڭى دىنغا بولغان ئېھتىياجنىڭ نەقەدەر جىددىيلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، چۈنكى ئەرەبلەر بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئۇلارنى ئاللاھ نىڭ ئورنىغا قۇيۇپ خۇدا قىلىۋالاتتى. ئىراندا بولسا ئىككى ئىلاھ بار دەپ قارايدىغان ئېتىقادلار: قاراڭغۇلۇق ۋە يورۇقلۇقتىن ئىبارەت ئىككى ئىلاھ بار، ئۇنىڭ بىرى ياخشىلىققا، يەنە بىرى يامانلىققا دېيىلەتتى. مەزدەكىيە دىنى مۇتلەق ئەركىنلىككە چاقىراتتى. مەسىلە ئەقىدىدىكى ئېزىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن بەلكى ئىجتىمائىي زۇلۇم ئىران جەمئىيىتىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئەھۋال ئىدى.

   ئەمما رىم ئەللىرىدىكى خرىستىئانلىق ھۆكۈم قىلغان جەمئىيەتلەردە بولسا ئۇنىڭدىكى قولاي خرىستىئانلىق ئەقىدىسى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى خۇدا قىلىۋالىدىغان مۇرەككەپ دىيانەتكە ئۆزگەردى، خرىستىئان گورۇھلىرى ئۆز ئىچىدە قاتتىق بۇزۇلۇپ كەتتى، مەمۇرىي جەھەتتىن چىرىش ۋە ئەخلاقىي تەرەپتىن بۇزۇقلۇق تاراپ، ئىجتىمائىي زۇلۇم ئومۇملاشتى. بۇ سەۋەبتىن كۆپ رايونلاردىكى رىم ئىمپېرىيىسى پۇقرالىرىنىڭ چەككەن زۇلۇم خاپىلىقلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىسلام دىنىغا قۇچاق ئاچقانلىقىنى كۆردۇق. بۇ ھەقتە توماس ئارنولد « ئىسلامغا چاقىرىش » ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ:

   «ئافرىقا ۋە شامدىكى ئىلاھىيەت ئىماملىرى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دىيانىتىنى چۈشنىش قېيىن بولغان مېتافىزىكىلىق ئەقىدىلەرگە ئالماشتۇرىۋەتكەن ئىدى . كىشىلەر ئەمەلىيەتتە مۇشرىكلار (ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرگۈچىلەر) ئىدى. ئۇلار بىر توپ شېھىتلەر، ئەۋلىيالار ۋە پەرىشتىلەرگە چوقۇناتتى. يۇقىرى تەبىقىلەردە بۇزۇقلۇق تارقالغاندەك، ئورتا تەبىقىلەر ئالۋاڭ- ياساقلاردىن ھالسىز ئىدى. قۇللارنىڭ ھازىر ياكى كېلەچىكىدە ئۈمىت يوق ئىدى. ئىسلام كېلىپ ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمى بىلەن بۇ بۇزۇقلۇق خۇراپاتلىقلارنىڭ ھەممىسىنى يۇقاتتى. ئىسلام دىنى ئەقىدىدە قۇرۇق تالاش-تارتىشقا قارشى بىر كۆرەش ئىدى. راھىبلىقنى تەقۋادارلىقنىڭ تونى دەپ مەدھىيىلەشكە، يالغان پەزىلەتلەرگە ئورىنىۋېلىشقا، دىنىي ئالدامچىلىققا، پايدىسىز سۆز ۋە بۇزۇق ئەخلاقىي ئىستىللەرگە ۋە دىندا تالاش-تارتىش قىلغۇچىلارنىڭ سەپسەتىسىگە قارشى كۈچلۈك پاكىت ئىدى. ئۇ ئىنسان تەبىئىتىنى رۇس تىكلەيدىغان ئاساسىي ھەقىقەتلەرنى چۈشەندۈردى» .

  شۇنداق قىلىپ شۇ چاغدا بارلىق دۇنيا ۋەزىيەتلىرى، دۇنيانى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقىرىدىغان چىقىش ئېغىزى ۋە تىز قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلاتتى . شۇڭا بۇ ئەڭ ئاخىرقى دىن ـــ « ئىسلام دىنى » ئېلىپ كەلگەن ئەقىدىلەرنى توغرىلاش، جەمئىيەتنى رەتلەش، كىشىلەر ئارىسىدا ئادالەت تارازىلىرىنى تۇرغۇزۇش، ئەخلاقىي ئۆلچەملەر ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ۋە ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش ۋە ئاللاھ تائالاغا ھىكمەت ۋە ياخشى نەسىھەت بىلەن چاقىرىش قاتارلىق كۆرسەتمىلىرى بىلەن ئىنسانىيەتنى توغرا يولغا باشلىغان دىن ئىدى . ئۇ، ئىنسانىيەت ماددىي ۋە روھىي ھاياتىدا ئەڭ قاتتىق دەردىنى تارتىۋاتقان بارلىق قىيىنچىلىقلاردىن خالاس قىلىدىغان نۇر ئىدى ۋە ھازىرمۇ شۇنداق بولۇپ تۇرماقتا.



ئىسلامنىڭ ئومۇمىيلىقى ۋە ئوتتۇرا ھاللىقى



   ئىسلام ئىنسان ئۈچۈن ھاياتىنى تەرتىپكە سالىدىغان، ئىنساننىڭ ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرغۇچى ۋە ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغۇچى بىر دىن بولغان ھالدا كەلدى. شۇڭا ئۇ ئىنسان ئۈچۈن كەلگەن دىندۇر. بۇ جەھەتتىن ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرى ئىنسان تەبىئىتىگە مۇناسىپ ھالدا، ئىنساننىڭ يالغۇز ۋە جامائەت ئىچىدە بولغان ئېھتىياجلىرىنىڭ ھەممىسىگە ماسلاشقان ھالدا كەلگەن.

   ئىسلامنىڭ ئىنسانغا كۆڭۈل بۆلىشى ئىنتايىن چوڭ بولغان، ئاللاھ تائالا ئىنساننى زېمىندا ئىزباسار قىلغان، ئۇنى ئىززەتلەپ بارلىق مەخلۇقلاردىن ئەۋزەل قىلغان، ئۇنىڭغا ئەقىل-ئىدراك ئالاھىدىلىكىنى بەرگەن، ھەمدە ئۇنىڭغا زېمىننى بىنا قىلىش، مەدەنىيەت بەرپا قىلىش ئامانىتىنى يۈكلىگەن. ئىنسان قۇرئان كىرىمگە قارىسا، بارلىق ئايەتلىرىنىڭ ئىنسانغا ياكى ئىنسان ھەققىدە سۆز قىلغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. بۇ، ئىسلامنىڭ ئىنسانغا كۆڭۈل بۆلىشىنىڭ دەلىللىرىدىن بىرى. ئىنسان ئاتالغۇسى قۇرئان كىرىمدە 63 قېتىم تەكرارلانغان، ئىنسان ھەققىدە سۆزلەر ئادەم بالىلىرى دەپ ئالتە قېتىم، ئىنسانلار دەپ 240 قېتىم كەلگەن.

   بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي بولۇپ چۈشكەن قۇرئان كىرىمنىڭ ئەۋۋىلىگە قاراپ پىكىر يۈرگۈزسەك بۇ ئايەتلەردىكى ئىنسان شەنىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە مەركەزلەشتۈرۈش بىزگە ئېنىق كۆرىنىدۇ. بۇ ۋەھىينىڭ دەسلىپىدىكى بەش ئايەتتە ئىككى قېتىم ئېيتىلغان ئىنسان سۆزىدىن ئېنىق مەلۇم بولىدۇ.

  قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرى، ئىنساننىڭ ھايات ۋە تۇرمۇش ئىشلىرى، ئۆزى ۋە ئۆزىدىن باشقا ئىنسان، ھايۋان، ئۆسۈملۈك ۋە جانسىز نەرسىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ھەمدە بۇلاردىنمۇ ئەۋۋەل بار بولغان نەرسىلەرنى ياراتقۇچى ۋە دۇنيانى ئورۇنلاشتۇرغۇچى بىلەن بولغان ئالاقىنى تەرتىپلەيدىغان قانۇن - تۈزۈمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

   ئىسلام تۈزۈملىرى مەيلى ئەخلاق مەيلى قانۇن تۈزۈش ياكى ئېتىقاد ساھەلىرىدە بولسۇن ھەر تەرەپكە ئوخشاش ئەھمىيەت بېرىدىغان ئومۇمىي ئالاھىدىلىك ۋە خۇسۇسىيەت بىلەن پەرقلىق بولغان. بۇ كۆزگە كۆرۈنگەن ئالاھىدە خۇسۇسىيەت بولسا ئوتتۇرا ھاللىقتۇر. ئوتتۇراھاللىق (يەنى نورماللىق) ئومۇمەن قېلىپ ئېيتقاندا بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشى ئىككى نەرسىنىڭ ئوتتۇرىدا، بىر تەرىپى مۇستەقىل تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان ھالدا ياكى ئۆز ھەققىدىن كۆپرەك ئېلىپ چېكىدىن ئېشىپ قارشى تەرەپنى بېسىپ چۈشمەيدىغان ھالدا تەڭلىشىشنى، ئوتتۇراھاللىقنى ۋە تەڭپۇڭلۇقنى بىلدۇرىدۇ. پۈتۈن ھاياتىمىز بۇنداق زىتلىق ۋە قارىمۇ-قارشىلىقلارنىڭ سانسىز مىساللىرى بىلەن تولغان. مەسىلەن: روھپەرەسلىك ۋە ماتېرىيالىزم، ئەمەلىيەتچىلىك ۋە ئىدېئالىزم، تەنھاچىلىق ۋە كوللېكتىپچىلىق، تۇراقچانلىق ۋە ئۆزگىرىشچانلىق ۋە باشقىلار.

  ئىنسان قەدىمدىن تا ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ ئىنسانلىق ئۇسۇللىرى بىلەن بۇ قارىمۇ قارشى نەرسىلەرنىڭ ئوتتۇرىدا بىر خىل تەڭپۇڭلۇق تۇرغۇزۇشقا ئۇرۇنغان، لېكىن ئىنسانىي ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى بۇ قارشى تەرەپلەرنىڭ ئوتتۇرىدا ئادىل تەڭپۇڭلۇقنى تۇرغۇزۇشتا مەغلۇب بولدى. بۇنىڭغا كوممۇنىزم ۋە كاپىتالىزم لاگېرىدا تەتبىقلانغان، ھازىرقى ئەسىرىمىزدە ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان ئۇسۇللار ئەڭ روشەن مىسالىدۇر، چۈنكى ئىنسانىي ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى ـــ بىز تارىختىن كۆرەلىگىنىمىزدەك ـــ بىر ئاز ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتمەك ياكى بىر ئاز سەل قارىماقنى ۋە توغرا يولغا ياكى ئادىل تەڭپۇڭلۇققا يېتەلمەستىن، ئۇ تەرەپ ياكى بۇ تەرەپكە، باشقا تەرەپنىڭ ھېسابىغا مايىل بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

   بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، چۈنكى ئىنسان قۇدرىتى نەقەدەر چوڭىيىپ كېتىش ۋە نەقەدەر ئىلىم-پەنگە يېتىشتىن قەتئىينەزەر چوقۇم ئۇنىڭ يۈزلىنىشلىرى ۋە ئارزۇ-ھەۋەسلىرى ئۇنى ياكى ئۇ تەرەپ ياكى بۇ تەرەپكە تارتىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىلا ھەممە نەرسىنى يارىتىپ، ھەممە نەرسىنى ئۆز مىقدارىدا بەلگىلىگەن. ئۇ، ياراتقان ئىنسان ۋە باشقا نەرسىلەرنى بىلگۈچى ۋە خەۋەردار بولغۇچى زاتتۇر. ئۇ ھەممە نەرسىنىڭ سانىنى بىلگەن، ھەممە نەرسىنى ئىلمى بىلەن قورشىغان زاتتۇر. ئۇ، ئىنساننى ماددىي ۋە مەنىۋىي دۇنيادا ئوخشاشلا ئادىل تەڭپۇڭلۇقنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەشكە قادىر بولغان زاتتۇر.

   بۇ كەڭ جاھاندا چۇڭقۇر پىكىر يۈرگۈزگەن ھەرقانداق ئىنسان زەررىدىن تارتىپ تا قۇياش سېستىمىسىغىچە ۋە ئاللاھ تائالا خالىغان دۇنيالارغا قەدەر ھەر تەرەپتىكى ئادىل تەڭپۇڭلۇقنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ:

«مېھرىبان ئاللاھ نىڭ يارىتىشىدا ھېچ نۇقساننى كۆرمەيسەن» [مۈلك سۈرىسى 3- ئايەت]

   بۇ ئادىل باراۋەرلىك، كىچىك دۇنيانى تەشكىللەيدىغان ئىنساننىڭ يارىتىلىشىدا ھەم مەۋجۇت. بىز پەقەت ئىنساندىكى نەپەسلىنىش ھەرىكىتىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ باقايلى: ئۇ بولسا كۆكرەكتىن چىققان خىرقىراش بىلەن ئاھ ئۇرۇش ئوتتۇرىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئەگەر بۇ تەڭپۇڭلۇق، كۆكرەكتىن چىققان ھاۋانىڭ كىرگەن ھاۋاغا قارىتا ئۆز مىقدارىدىن ئېشىپ كېتىپ ئۇزىراپ كەتسە، ئىنساننىڭ ھاياتى توختىدى دېگەنلىك بولىدۇ.

  ئىنساننىڭ ئەقلى بىلەن قەلبى ۋە پىكرى بىلەن تويغۇسى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ئىنسان ھاياتىنىڭ تۈز بولىشى ئۈچۈن بىر شەرت دەپ قارىغاندا، ئىنساندىكى ماددىي تەرەپكە ئۇيغۇن كەلگەن نەرسە روھىي تەرەپكىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ.

«شۇنىڭدەك (يەنى سىلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغاندەك) كىشىلەرگە (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە) شاھىت بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈن، بىز سىلەرنى ئوتتۇرا (ياخشى) ئۈممەت قىلدۇق» [بەقەرە سۈرىسى 143- ئايەت]

   ئىسلام ئۈممىتىگە خاس قىلىنغان بۇ ئوتتۇراھاللىق، ئىسلام يولى تۈزۈمىنىڭ ئوتتۇرا ھاللىقىدىن ئېلىنغان. ئۇ بولسا: ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتمەك ۋە سەل قارىماقتىن خالىي بولغان نورماللىق ۋە تەڭپۇڭلۇق يولىدۇر .

  ئىسلام ئۈممىتى ئاللاھ تائالا ئىلگىرىكى ھەممە پەيغەمبەرلەرنى ئاياغلاشتۇرغان، مەڭگۈ ئۆچمەس پەيغەمبەرلىك چاقىرىقى بىلەن ئەۋزەل قىلىنغان ئۈممەت بولغانلىق ئۈچۈن ئاللاھ تالا ئوتتۇرا ھاللىقنى ئىسلام ئۈممىتىگە خاس قىلغان. چۈنكى بۇرۇن ئۆتكەن پەيغەمبەرلىكلەر ئۆز ۋەزىيەتلىرى بىلەن باغلانغان، زامان ۋە ماكان چەكلىمىسى بىلەن چەكلەنگەن ئۆتكۈنچى دەۋرلىك پەيغەمبەرلىكلەر ئىدى، شۇڭا يەھۇدىيە دىنى ماددىچىلىكتە چېكىگە يەتكەندە، قارشى تەرەپتە خرىستىئان دىيانىتىنىڭ (روھپەرەسلىكتە) ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىنى كۆرىمىز. بۇ ئاشۇرۇۋېتىش قارشى تەرەپتىكى ئاشۇرۇۋېتىشكە رەددىيە ئىدى. لېكىن ئىسلام، ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق تۇتۇشۇشىدىكى ئاخىرقى پەيغەمبەرلىك بولغاچقا بىر تەرەپكە چەتنەپ ۋە ئېشىپ كەتكەن يۈزلىنىشلەرگە رەددىيە بېرىش بىلەنلا توختاپ قالسا بولمايتتى، چۈنكى ئۇ ھەققانىي ئادىل ئوتتۇرا دەرىجىگە يەنى توغرا، رۇس يولغا قايتىشقا ۋەكىللىك قىلىپ كەلگەن.

  ئىسلام ئۈممىتىگە مەخسۇس قىلىنغان ئوتتۇرا ھاللىقنىڭ كۆپ مەنىلىرى بار. مەسىلەن بۇ مەنىلەرنىڭ بىرى: ئادىللىق يەنى ھەققانىيەتچىلىك، شۇڭا ئىسلام ئۈممىتى بۇ ئۇقۇم بىلەن پۈتۈن ئىنسانىيەتكە گۇۋاھلىق بەرگۈچى شاھىت بولغان، چۈنكى گۇۋاھلىقنىڭ قۇبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن شاھىد ئادىل بولۇشى كېرەك.

   يۇقىرىدا ئۆتكەن ئايەتتىكى «ئوتتۇرا» دېگەن سۆزنىڭ تەپسىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئادىل دەپ كەلگەن، ئىمام ئەھمەد ئەبى سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ يەردىكى « ئوتتۇرا » دېگەن سۆزنى ئادىل (يەنى ھەققانىيەتچى ) دەپ تەپسىر قىلغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان. ئادىللىق، ئوتتۇرىلىق ۋە تەڭپۇڭلۇق مەنىسى يېقىن سۆزلەر. يەنە تۆۋەندىكى ئايەتتىكى:

«ئۇلارنىڭ ئەڭ ئورتىسى: «سىلەر نېمىشقا ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ تەسبىھ ئېيتمايسىلەر دېمىگەنمىدىم؟ دېدى» [قەلەم سۈرىسى 28- ئايەت]

    يۇقىرىقى ئايەتتىكى ئەڭ ئورتىسى دېگەن سۆزنى مۇپەسسىرلەر ئەڭ ئادىل دەپ تەپسىر قىلغان. بۇ ئوتتۇرا ھاللىق مەنىلىرىدىن يەنە توغرۇلۇق دېگەن مەنە بار، يەنى يولنىڭ قايرىلىش ۋە چەتنەشتىن يىراق بولىشى ۋە تۈزلۈكى. مانا بۇنى قۇرئان كەرىم توغرا يول ياكى تۈز يول دەپ ئىپادىلىگەن. بۇ جەھەتتىن قۇرئان كەرىم بىزگە ئاللاھ تائالادىن توغرا يولغا يېتەكلىشىنى سوراشنى ئۆگەتكەن:

«بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن. غەزىۋىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس،سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا» [پاتىھە سۈرىسى 6-7- ئايەتلەر]

بۇ ئايەتتىكى غەزەپكە ئۇچرىغانلاردىن يەھۇدىيلار، ئازغانلاردىن بولسا ناسارالار (يەنى خرىستىئانلار) مەقسەت قىلىنىدۇ، چۈنكى يەھۇدىيلار پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەن، ناسارالار پەيغەمبەرلەرنى خۇدا قىلىۋالغان. يەھۇدىيلار ھارام قىلىشتا، ناسارالار ھالال قىلىشتا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن، يەھۇدىيلار ماددىي تەرەپتە چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن، ناسارالار ماددىي تەرەپكە سەل قارىغان، يەھۇدىيلار دىنىي مۇراسىم ۋە ئىبادەتلەردە قائىدە-يۈسۈنلارنى ئىناۋەتكە ئېلىشتا، ناسالار بولسا ئەمەلدىن قالدۇرۇشتا ھەددىدىن ئاشقان.

   ئوتتۇرا ھاللىق يەنە ياخشىلىقتا ئەڭ ئۈستۈنلۈكنى بىلدۇرىدۇ، شۇڭا ھەممە ئىشنىڭ ئوتتۇرا ھال بولغىنى ياخشى . قۇرەيش نەسەب ۋە يۇرت جەھەتتىن ئەرەبلەرنىڭ ئورتا ھالى يەنى ئەڭ ياخشىسى دېيىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ مىللىتى ئىچىدە ئورتىسى ئىدى، يەنى نەسەبتە ئۇلارنىڭ ئەڭ شەرەپلىكى ئىدى.

ئىسلامدىكى بۇ ئوتتۇرا ھاللىق كۆپ ئىشلاردا گەۋدىلەنگەن، مەسىلەن:

   1-ئېتىقاد جەھەتتە: مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدىسى ۋەھىمە ۋە خۇراپاتلارغا ئىشىنىدىغان خۇراپاتچىلار بىلەن ماددىنى خۇدا قىلىۋالىدىغان ماددىچىلارنىڭ ئوتتۇرىدا، ئاللاھ تائالانى ئىنكار قىلغۇچىلار (ئاتېئىزمچىلار) بىلەن خۇدانى كۆپ دەپ ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ ئوتتۇرىدا، يەنى ئىنساننى خۇدا قىلىدىغانلار بىلەن ئىنساننى دىنىي ياكى ئىجتىمائىي ياكى ئىقتىسادىي زورلۇق ئەسىرى قىلىدىغانلارنىڭ ئوتتۇرىدا تۇرىدۇ.

   2-ئىبادەت جەھەتتە: ئىسلام مۇسۇلماننى نامازغا ئوخشاش كۈندىلىك، جۈمە نامىزىغا ئوخشاش ھەپتىلىك، روزا تۇتۇشقا ئوخشاش يىللىق ياكى ھەجگە ئوخشاش ئۆمۈردە بىر قېتىم قىلىدىغان ئىبادەتلەر ئارقىلىق پەرۋەدىگارىغا داۋاملىق يېقىنلاشتۇرىدۇ، لېكىن ئىسلام مۇسۇلمانلاردىن مەسجىد ۋە خىلۋەت جايلاردا ئىبادەت بىلەنلا ياشايدىغان راھىب بولۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ، بەلكى ئۇنى ناماز تاماملانغاندىن كېيىنلا رىزىققا ئىشلەش ۋە تىرىشىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا بۇيرىغان:

((ناماز ئوقۇلۇپ بولغان ھامان،زېمىنغا تارىلىپ ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار» [جۇمۇئە سۈرىسى 10- ئايەت]

   ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغاندەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىدىن ئۈچ كىشىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىبادەتلىرى ھەققىدە پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان، ئۇلاردىن بىرى ھەمىشە كېچىسى ئۇخلىماي ناماز ئوقۇيدىغانلىقىنى ئېيتقان، يەنە بىرى ئارقا-ئارقىدىن ھەركۈنى روزا تۇتىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئۈچىنچىسى مەڭگۈ توي قىلماي ئاياللاردىن ئايرىلىپ ياشايدىغانلىقىنى ئېيتقان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئىبادەتتە جىسىم ئېھتىياجلىرىغا كۆز يۇمىدىغان دەرىجىدە سەل قارىغانلىقىنى، بۇنداق قىلىشنىڭ جىسىمنى كاردىن چىقىرىدىغانلىقىنى ئويلاپ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن سىلەرنىڭ ئەڭ تەقۋاراقىڭلار، لېكىن مەن ناماز ئوقۇيمەن ۋە ئۇخلايمەن، روزا تۇتىمەن ۋە ئېغىز ئاچىمەن ھەمدە ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىمەن، بۇ مېنىڭ يولۇم، كىمكى مېنىڭ يولۇمنى تاشلىسا ئۇ مەندىن ئەمەس».

  3-ئەخلاق جەھەتتە: ئاللاھ تائالا ئىنساننى ماددا ۋە روھتىن ياراتقان، شۇڭا ئۇ پەرىشتە ئەمەس، يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا ھايۋانمۇ ئەمەس، ئۇ ـــ جىسىم بىلەن روھ. ئىسلام دىنى بۇ ئىككى نەرسىنىڭ بىرى يەنە بىرىنى ئوتتۇرىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان ھالدا بېسىۋېلىشىنى خالىمايدۇ. ئىسلام دىنى بولسا جىسىم ئېھتىياجلىرى بىلەن روھ ئېھتىياجلىرى ئوتتۇرىسىدا گۈزەل بىر ماسلىشىش ئىچىدە تەڭپۇڭلۇق تۇرغۇزۇشقا كۆڭۈل بۆلىدۇ. شۇڭا ئىنسان ئاللاھ ھاياتلىقتا ھالال قىلىپ بەرگەن بارلىق نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا روھ ئېھتىياجلىرىغا كۆز يۇمسا بولمايدۇ. قۇرئان كەرىم بۇ ھەقتە مۇنداق كۆرسىتىدۇ:

«ئاللاھ ساڭا بەرگەن بايلىق بىلەن ئاخىرەتنى تىلىگىن، دۇنيادىكى نېسىۋەڭنىمۇ ئۇنتۇمىغىن» [قاساس سۈرىسى 77-ئايەت]

    بۇ جەھەتتىن ئىسلام دىنى ماددىچىلىق بىلەن روھپەرەسلىك ئوتتۇرىسىدا ئورتا ھال بولغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى دۇئاسى بۇ ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان:

«ئى ئاللاھ! ماڭا ئىشىلىرىمدا گۇناھتىن ساقلايدىغان دىنىمنى ياخشىلاپ بەرگىن، تۇرمۇشۇمنى ئۆتكۈزىدىغان دۇنيايىمنى ياخشىلاپ بەرگىن، قايتىدىغان جايىم بولغان ئاخىرىتىمنى ياخشىلاپ بەرگىن، ھاياتلىقنى ماڭا ھەممە ياخشىلىققا كۆپ ئېرىشىدىغان پۇرسەت قىلغىن، ئۆلۈمنى ماڭا ھەر يامانلىقتىن قۇتۇلىدىغان راھەت قىلغىن!» [ئىمام مۇسىلم ئەبى ھۇرەيرىدىن رىۋايەت قىلغان]

   4-ئەقىل ۋە ۋەھىي جەھەتتە: ئاللاھ تائالا ئىنساننى ئەقىل بىلەن (باشقا شەيئىلەردىن) پەرقلەندۇردى. ئەقىل بولسا ياخشى-ياماننى، پايدا -زىياننى ئايرىشى ۋە شەيئىلەرنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشۈنۈپ يېتىشى ئۈچۈن ئاللاھ دىن كەلگەن سوۋغاتتۇر، بىزنى ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقى، قۇدرىتى ۋە ئۇلۇغلىقىغا دالالەت قىلىدىغان نەرسە ئەقىلدۇر، لېكىن ئەقىل چەكلىك بولغاچقا ھەممە نەرسىنى بىلەلمەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ دىن كەلگەن ۋەھىي ئىنسان ئەقلىنى تولۇقلىغۇچى ۋە ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ توغرا يولغا ئېلىپ بارغۇچى بولۇپ كەلگەن. ئىسلام دىنى شەرىئەتنى دەپ ئەقىلنى بىكار قىلمايدۇ ياكى ئەقىلنى دەپ شەرىئەتنى بىكار قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئىككىسى ـــ خۇددى ئىمام غازالى ئېيتقاندەك ــ بىر - بىرى بىلەن ياردەملەشكۈچى بەلكى بىرلىككە كەلگۈچىدۇر. چۈنكى ئەقىل ئىچكىرىدىن كەلگەن قانۇن بولۇپ شەرىئەت تاشقىرىدىن كەلگەن ئەقىلدۇر. بۇ ھەقتە ئىمام غازالى «مەنارىجۇل قۇدۇس » دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ:

«بىلگىنكى، ئەقىل شەرىئەتسىز ھەرگىزمۇ توغرا يول تاپالمايدۇ. شەرىئەتمۇ ئەقىلسىز پەقەت روشەن بولمايدۇ. شۇڭا ئەقىل بىنانىڭ ئۇلىغا، شەرىئەت بىناغا ئوخشايدۇ. بىنا بولمىسا ئۇلىنىڭ پايدىسى بولمىغىنىدەك، ئاساس بولمىسا ھېچقانداق بىنا مەزمۇت تۇرمايدۇ».

ئىسلام ئەقىلگە ۋەھىي بولۇپ كەلگەن تەلىماتلارنى ئوقۇش ۋە چۈشۈنۈپ يېتىش ھەققىنى بەرگەن. بۇنىڭدا ئىماننى يۆلەش، كۈچلەندۈرۈش ۋە مۇستەھكەملەش بار، لېكىن قارشى تەرەپتە ئەقىل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى ئارقىلىق كەلتۈرۈلگەن ۋەھىي ۋە بارلىق تەلىماتلارنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. چۈنكى پەيغەمبەرلەر ـــ ئىمام غازالى ئېيتقاندەك ــ قەلىبلەر كېسەللىكى دوختۇرلىرىدۇر. شۇڭا ئەقىل ئاللاھ تائالاغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا مۆجىزىلەرنى بېرىپ، ۋەھىي قىلىشقا قادىر ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەندىن كېيىن ئاللاھ كۆرسەتكەن يوليورۇقنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. بۇ ھەقتە ئىمام غازالى «ئەلمۇنقىز مىنەززالال» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ:

«ئومۇمەن پەيغەمبەرلەر قەلب كېسەللىكى دوختۇرلىرى، ئەقىلنىڭ پايدىسى ۋە ۋەزىپىسى بولسا بىزگە ئاشۇ چۈشەنچىنى تونۇتىدۇ، پەيغەمبەرلىكنى تەستىقلاش بىلەن گۇۋاھلىق بېرىدۇ، ئۆزىگە پەيغەمبەرلىك كۆزى بىلەن ئىدراك قىلىدىغان نەرسىلەرنى ئىدراك قىلىشتىن ئاجىز ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ، قولىمىزدىن تۇتۇپ خۇددى ئەمالارنىڭ يول باشلىغۇچىلارغا، گاڭگىراپ قالغان كېسەللىكلەرنىڭ رەھىمدىل دوختۇرلارغا تاپشۇرۇلىشىدەك پەيغەمبەرلىككە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. ئەقىلنىڭ ئاقىدىغان ۋە ماڭىدىغان يولى مانا مۇشۇ يەرگە قەدەر، ئۇندىن كېيىنكى ۋەزىپىسى پەقەت دوختۇرنىڭ ئېيتقانلىرىنى چۈشىنىۋېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.»

بۇ بىزگە ئەقىلنىڭ ۋەھىي بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دېمەك ئەقىلنىڭ بۇ يەردە ئىككى مۇھىم ۋەزىپىسى بار:

    بىرىنچىسى ــ بىزنى ۋەھىيگە ۋە پەيغەمبەرلىكنى تەستىقلاشقا باشلاش.

  ئىككىنچىسى ــ ۋەھىي مەزمۇنىنى ئۇقۇش ۋە چۈشىنىۋېلىش.

   5-قانۇن جەھەتتە: ئىسلام قانۇنلىرى ئىنسان قۇدرىتى دائىرىسى ئىچىدە كەلگەن، ئۇنىڭدا كىشىلەرنىڭ مۆرىلىرىنى ئېغىرلاشتۇرىدىغان نەرسىلەرنى يۈكلەش يوق بولغاندەك، قالايمىقانچىلىق ۋە ھۆكۈمەتسىزلىككە ئېلىپ بارىدىغان سەل قاراشمۇ يوق. شۇنداق قىلىپ ئىسلام قانۇنى يەھۇدىيلارنىڭ ھارام قىلىۋېتىشى بىلەن ناسارالارنىڭ ھالال قىلىۋېتىشىنىڭمۇ ئوتتۇرىدا، تەنھاچىلىق بىلەن كوللىكتىپچىلقنىڭمۇ ئوتتۇرىدا كەلگەن. شۇڭا يالغۇز بىر كىشىنىڭ «قېنىنى، مېلىنى، ئىززەت-نومۇسىنى، دىنىنى ۋە ئەقلىنى» قوغداش ھەققى بار. ئىسلام شەرىئىتى بۇ بەش ھەقنى ئەڭ مۇھىم مەقسەت قىلغان. بۇ ھەقلەرنىڭ قارشىسىدا ئىسلام ھەر بىر كىشىگە جەمئىيەتكە قارىتا مەجبۇرىيەتلەرنى بەلگىلىگەن. بۇ جەھەتتىن بۇ يەردە كۆرسىتىلگەن كىشىلىك ھوقۇقلارنىڭ ھەممىسىنى قوللىنىش جەمئىيەتكە ھېچ زەرەر كەلتۈرمەسلىك ياكى قالايمىقانچىلىق ۋە بۇزۇقچىلىقنى تارقاتماسلىق شەرتى بىلەن شەرت قىلغان.



ئىسلام ئاساسىي ئەقىدىلىرى

    ئىسلامنىڭ بەزى كۆزگە كۆرىنەرلىك تەرەپلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ سۆزلىگەندىن كېيىن، ئەمدى ئېلىپ كەلگەن ئاساسىي ئەقىدىلەر ھەققىدە بىر قەدەر تەپسىلىي سۆزلەيمىز. بۇ ئەقىدىلەر ئاللاھقا، پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا،پەيغەمبەرلىرىگە، قىيامەت كۈنىگە ۋە قەدەرگە ئىشىنىشتە گەۋدىلىنىدۇ. بۇ ئەقىدىلەرگە ئىشىنىش: دىنىي ئىبادەتلەر، ئەخلاقىي كۆرسەتمىلەر ۋە ئىنساننى دۇنيادا ياخشىلاپ، ئاخىرەتتە سائادەتكە يەتكۈزىدىغان، ئىنسان ھاياتىنى تەرتىپكە سالىدىغان قانۇن - تۈزۈملەردىن ئىبارەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ دىن ئېلىپ كەلگەن بارلىق كۆرسەتمىلەرگە ئىشىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قۇرئان كەرىم كۆرسەتمىلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئېلىش توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:

«پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار،پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار» [ھەشر سۈرىسى 7- ئايەت]





داؤامى بار.


دوستلىشىش
arslantikin
arslantikin
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8805
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 103
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە103دانە
ئۆسۈش: 750 %
مۇنبەر پۇلى: 1558 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-30
ئاخىرقى: 2012-01-04
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن

ئەھمىيەتلىك تىېمىڭزغا كۆپ  تەشەككۇر  .رەھمەت سىزگە
arslantikin