باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1012 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: شۇنداق بىر قىز بار،سىز قايسى قىز؟
دوستلىشىش
يۈسۈپچان
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9088
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 72
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە72دانە
ئۆسۈش: 1210 %
مۇنبەر پۇلى: 1310 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-28
ئاخىرقى: 2012-03-31
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-21 15:57

شۇنداق بىر قىز بار،سىز قايسى قىز؟

شۇنداق بىر قىز بار: 
پاك -دىيانەتلىك،ئەقىللىق،باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشۈنىشنى بىلىدۇ،ھەر قانداق بىر ئادەمنى ئۈزىدىن يۇقۇرى ئۇرۇندا كۆرىدۇ،ھۆرمەتلەيدۇ ھەم ھۆرمەتلەشكە ئىرىشىدۇ. 
 
-1-شۇنداق بىر قىز بار: 
بارچە مۇھەببىتىنى بىر ئاللاھقىلا ئاتىۋەتكەن،مۇسۇلمانلارنىلا دوست تۇتىدۇ،شەرمى-ھايا بىلەن ياشايدۇ،ئاللاھنىڭ قىز-ئاياللارغا بۇيرىغان ئەمەللىرىنى ئادا قىلىشنىلا ئويلايدۇ. 
 
-2-شۇنداق بىر قىز بار: 
بارلىقىنى ئائىلىسىگە،يولدىشىغا،پەرزەنتىگە بېغىشلىغان،يولدىشىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى،بالىسىنى قانداق تەربىيەلەشنى ئوبدان بىلىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن بەخىتلىق،ئىللىق ئائىلە قۇرالىغان. 
 
-3-شۇنداق بىر قىز بار: 
كىسەل كارۋىتىدا ئىڭراپ ياتقان ئاپىسىنىڭ كىسىلىنى بېقىش ئۈچۈن(ئاپىسىنى بېقىشىغا نارازى بولغان)يولدىشىدىن ۋە ئائىلىسىدىن ۋاز كىچىپ ئاپىسىنى بېقىشقا،رازىلىقىنى ئېلىشقا ئۈزىنى ئاتىۋەتكەن. 
 
-4-شۇنداق بىر قىز بار: 
ئاتا-ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىشنى ئەڭ مۇھىم دەپ ھىساپلايدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا ئۈزى ياخشى كۆرمەيدىغان بىرسى بىلەن توي قىلىدۇ، بىر ئۆمۈر بەخىتنى ھىس قىلالمايدۇ،نۇرغۇن قېتىم ئۈنسىز ياش تۆكسىمۇ ،بۇ دەرىتلىرىنى ھېچكىمگە بىلىندۈرمەيدۇ،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىدا يالغاندىن بەخىتلىك بۇلىۋالىدۇ،چۈنكى ئۇلارغا قىزىنىڭ بەخىتسىز بوپ قالغىنىنى بىلدۈرۈپ،ئۇلارنىڭ قەلبىنى مەڭگۈلۈك ئازاپقا تاشلىغۇسى يوق. 
 
-5-شۇنداق بىر قىز بار: 
خۇددى ئۈزى ياخشى كۆرمەيدىغان قەپەسكە مەجبۇرى سولانغان ئاجىز بىر قۇش،ھېچقانداق ئەركىنلىكى يوق،قەپەزدىن چىقىپ كىتىشنى شۇنچە ئارزۇ قىلسىمۇ لېكىن مۇمكىن بولمايدۇ، شۇنچە بىچارە. 
 
-6-شۇنداق بىر قىز بار: 
دائىملا مۇھەببەتتىن ئازار يەپ ئۈتىدۇ،ھاياتىدا ئۈزى ياخشى كۆرىدىغان يىگىتنى ئۇچرىتالايدىيۇ ئەمما ئۇنىڭ سۈيىشىگە ئىرىشەلمەيدۇ،خىياللىرى شۇنچە رومانتىك ، دائىم بىر نىمىلەرنى يېزىپ دەردىنى قەغەز يۈزىگىلا تۈكىدۇ. 
 
-7-شۇنداق بىر قىز بار: 
شۇنچە دەرىتمەن، شۇنچە مىسكىن، قاچانلا قارىسىڭىز كۆڭلى يېرىملا يۈرۈيدۇ،شۇنداق ۋاقىتتا بىرەرسىگە دەردىنى تۈكۈپ ئۈن سېلىپ قاتتىق يىغلىۋالغۇسى كىلىدۇ،ئەمما ئۇنچىلىك ئىشەنچىلىك سىرداش دوستى يوق،ھاياتىدا بىر نەچچە قېتىم ئىشەنچىلىك سىرداشلارنى ئۇچرىتىدىيۇ ئەمما يەنە تىزلا سىردىشىنى يۇقۇتۇپ قۇيىدۇ،پەقەت ۋە پەقەت كۆز يېشىلا ئۇنىڭغا مەڭگۈلۈك ھەمراھ 
 
-8-شۇنداق بىر قىز بار: 
ئۈزى ياخشى كۈرۈشۈپ مۇھەببەتلەشكەن يىگىت بىلەن توي قىلىدۇ،ئەمما بۇ شېرىن ھىسياتلار ۋاقىتلىق بۇلىدۇ،نەچچە يىلدىن كىيىن بىر تەرەپنىڭ ھىسياتىنىڭ ئۆزگۈرىشى بىلەن ئاجرىشىپ كىتىشكە مەجبۇر بۇلىدۇ،ئۇنىڭغا قالغىنى پەقەت ،مۇھەببەتنىڭ مەڭگۈلۈك بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلغان يۈرەك ۋە يىتىم بولغان ئۇماق بالىسى. 
 
-9-شۇنداق بىر قىز بار: 
ئۈزى ياخشى كۆرگەن يىگىتى ئۈچۈن ،تويغا قۇشۇلمىغان ئاتا-ئانىسىدىن ۋە ئىللىق ئائىلىسىدىن كىچىپ يىگىت بىلەن يىراقلارغا كىتىدۇ. 
 
-10-شۇنداق بىر قىز بار: 
ئۈزى سۆيگەن يىگىتىگە بەخىت تىلىگەن،ئۇنىڭ بەختى ئۈچۈن تۇرمۇشىدىن ئۈنتسىز غايىپ بولغان،گەرچە يىگىتنىڭ ئەمدى باشقا بىرىگە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ئەمما يۈرەكلىرى ئەخمەقلەرچە يىگىتنى سېغىنىپ ئۆتكەن. 
 
-11-شۇنداق بىر قىز بار: 
جەمىئەتتە كۆزگە كۈرۈنسەم،خىزمەتتە ئۇتۇق قازانساملا دەيدۇ،مۇھەببەت،ئائىلە،تۇرمۇش دىگەنلەرگە ئەسلا قىززىقمايدۇ،توي قىلغان تەقدىردىمۇ خىزمىتىنى ئائىلىدىن مۇھىم ئۇرۇنغا قۇيىدۇ. 
 
-12-شۇنداق بىر قىز بار: 
كۈڭۈل خوش قىلىشنىلا ئويلايدۇ،ئاتا-ئانىسىنىڭ،دوستلىرىنىڭ نەسھىتىگە قۇلاق سالمايدۇ،يىگىتلەرنى ئالداپ ئۇلاردىن نەپ ئېلىشنىلا ئويلايدۇ،ھىس قىلمايدۇكى ئۈزىنىڭ بەختىنى ئالداۋاتقىنىنى. 
 
-13-شۇنداق بىر قىز بار: 
پۇل ئۈچۈن ھەممىنى قىلغان،ھەتتا تىنىنى سېتىشقىمۇ رازى بولغان، بۇ قىلىقلىرىنىڭ جازاسىنى ئاللاھ ئەيدىز كىسىلى ئارقىلىق ئۇنىڭغا بەرگەن،ئەمدىلىكتە مىڭ بىر پۇشايمانلارنى قىلىپ ،قان ياش تۈكۈپ ئۈلۈمنى كۈتۈپ ئىڭراپ ياتماقتا. 
 
-14-شۇنداق بىر قىز بار: 
پەقەت تور دۇنياسىدىنلا خۇشاللىق تاپالايدۇ، توردا دوست تۇتۇشقا ئامراق،رىئاللىقتا بىرمۇ دوستى يوق،بىر كۈن تورغا چىقالماي قېلىشقا ، مۇنبەر كۆرمەسلىككە چىدىمايدۇ.  
   
قېنى قىزچاق! بۇ پەقەت مىنىڭ ئەتراپىمدىكى بىر قىسىم قىز-ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىدىن مىسال ئالغانلىرى، بەلكىم بەزىلىرى سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزغا ئوخشاش بوپ چىقىشى مۇمكىن، ئەگەر سىزگە ماس كىلىدىغىنى بولمىسا قېنى سىزمۇ دەپ بېقىڭ! سىز قايسى قىز؟ 
تۇرمۇشىدا يەنە قانداق قىسمەتلەر بۇلىۋاتقان قىزلار باركىن ئورتاقلىشىپ باقايلى! 
ياراتقان ئىگەم بارلىق قىز-ئاياللارنىڭ ئۆمۈرلۈك بەختىنى بەرسۇن! ئامىن!

مەنبە:ئاق كەپتەر  تورى
ئاپتۇرى:نامەلۇم
[ بۇ يازمىنىsamanyoli 2012-01-04 13:43قايتا تەھرىرلى ]
ۋەتەن
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1367
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1367دانە
ئۆسۈش: 1190 %
مۇنبەر پۇلى: 14963 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-03-09
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-04 14:01

1-2-3 سىدەك قىزلار نەدە بار ؟ مەن ئەجەپ تاپالمايمەنغۇ ؟
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ