باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 562 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: دىنىي ئەقىدە ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى ئەھمىيىتى1-قىسىم
kalduk ibadat uqun,kaytimiz yisap uqun.mihmanbiz budunyada,ulimiz tirilix uqun.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 506
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە506دانە
ئۆسۈش: 960 %
مۇنبەر پۇلى: 5754 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-01
ئاخىرقى: 2012-01-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-21 11:52

دىنىي ئەقىدە ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى ئەھمىيىتى1-قىسىم

دىنىي ئەقىدە ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى ئەھمىيىتى

  (دوكتۇر: مەھمۇد ھەمدى زەقزۇقنىڭ رىسالىسىنىڭ تەرجىمىسى)







ئىنسان تەبىئىتى ۋە دىنىي مايىللىق

ئىنسان تەبىئىتى ماددىي ئامىل ۋە مەنىۋىي ئامىلدىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي ئامىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  شۇڭا قۇرئان كەرىم بىزگە ئاللاە تائالانىڭ ئىنساننى لايدىن ياراتقانلىقىنى، ھەمدە بارلىق ئېلېمېنتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ لايسىمان ماددىدىن ئىنسان تولۇق يارىتىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا باشقا بىر ئەھمىيەتلىك بىر ئامىلنى قوشقانلىقىنى خەۋەر قىلغان. بۇ ئەھمىيەتلىك ئامىل روھىي ئامىل سۈپىتىدە گەۋدىلەنگەن بولۇپ، شۇ روھىي ئامىل بىلەن ئىنساننىڭ يارىتىلىشى تولۇقلىنىپ، ئاندىن كامىل ئىنسانغا ئايلانغان .  ھەمدە شۇ روھىي ئامىل بىلەن ئىنسان پەرىشتىلەرنىڭ ھۆرمەتلەپ سەجدە قىلىشىغا لايىق بولدى.   بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ  :

]  ((مەن ئۇنى تولۇق ياراتقان  ) يەنى ئۇنى يارىتىپ سۈرەتكە كىرگۈزۈپ، ئەزالىرى تولۇق ۋە مۇكەممەل ئىنسان ھالىتىگە كەلتۈرگەن) ۋە ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەن چېغىمدا سىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار))(ھىجر سۈرىسى 29    -ئايەت)

بىز بۇ ئايەتتە زېھنىمىزدىن يىراق بولسا بولمايدىغان مۇھىم بىر ھەقىقەتنى كۆرىمىز. ئۇ بولسا : ئاللاھ تائالانىڭ بۇ روھىي ئامىلنى ئۆز زاتىغا نىسبەت قىلغانلىقى بولۇپ،   ئاللاھ تائالا ئىنسانغا ئۆز روھىدىن كىرگۈزگەن. بۇ بولسا چەكسىز ئىززەتلەش ۋە ھېچقانداق بىر مەخلۇق ئېرىشەلمىگەن ئالاھىدىلىكنى ئىنسانغا بەرگەنلىكتۇر.  شۇڭا باشقا مەخلۇقلار بىلەن ئىنسانلار ماددىي ئامىلدا ئورتاق بولىدۇ . ئىنسان ماددىي تەرەپتىن ئېيتقاندا باشقا مەخلۇقلاردىن گۈزەل قىياپەت ۋە مۇكەممەل يارىتىلىشتىن باشقا بىر نەرسىدە ئۈستۈن بولمايدۇ. لېكىن بۇلاردىن ھەممىدىن مۇھىمراق بولغان بىرلا ئۈستۈنلۈك: ئىنساندىكى ئاللاھ تائالاغا مەنسۇپ بولغان روھىي ئامىل بولۇپ، ئىنسان زېمىندا شۇ ئۈستۈنلۈك بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ خەلىپىسى بولغان.

ئىبلىس ئىنسان تەبىئىتىنى خاتا چۈشەندى، ئۇ پەقەت ئىنساندىكى ماددىي تەرەپكىلا قارىدى، ھەمدە ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانغا جان كىرگۈزگەنلىكىگە دىققەت قىلماي، ئادەم ئەلەيھىسسالام ھەققىدە:

((سەن لايدىن ياراتقانغا سەجدە قىلامدىمەن؟))(ئىسرا سۈرىسى -61 ئايەت) دەپ ھاكاۋۇرلۇق قىلدى. دېمەك بۇ يەردىكى مەسىلە ئىبلىس قىلغاندەك ئىنسان يارىتىلغان ئوتنىڭ پەرقىنى سېلىشتۇرۇش ۋە ئوتنىڭ لايدىن ئەۋزەللىكى مەسىلىسى بولماستىن، بىرىنچى دەرىجىدە ئاللاھ تائالاغا بىۋاستە تۇتاشقان ئۇلۇغ روھىي تەرەپكە تاقىلىدۇ. چۈنكى بۇ روھىي تەرەپ بولسا ئاللاھ تائالاغا مەنسۇب.

بۇ روھىي تەرەپ ئىنساندىكى ئەقىل، روھ، قەلبدىن ئىبارەت مەنىۋىي كۈچلەرنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىمام غازالى بۇ تەرەپنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈرگەن: "ئۇ بولسا سۆز بىلەن ئىپادىلىگەندە قەلب ياكى ئەقىل ياكى نۇر ياكى ھەرخىل ئىبارىلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان تۇيغۇدۇر". بۇ روھىي تەرەپنى بىرى ئەقىل ۋە ئەقىل ساھەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك، يەنە بىرى روھىي دۇنيا ۋە پىسخىىك ئەھۋاللارغا مۇناسىۋەتلىك دەپ ئىككى قىسىمغا ئايرىشقا بولىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى: ئىنسان تەبىئىتىدە كۆز يۇمسا ياكى دىققەت قىلمىسا ياكى ئوتتۇرىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى بۇزىدىغان بىر شەكىلدە بىرىنى يەنە بىرىدىن ئاشۇرۇۋەتسە بولمايدىغان ئاساسىي تەرەپلەر بار. بۇنىڭغا كۆرە بۇ ئاساسىي تەرەپلەرنى جىسىم، ئەقىل ۋە روھ قاتارلىق ئۈچ نەرسىگە يىغىنچاقلىغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئىنساننى توغرا چۈشىنىپ نورمال، دۇرۇس كىشىگە ئايلانغانغا قەدەر توغرا تەربىيلەش مەقسەت قىلىنسا، بۇلارنىڭ ھەممىسى رىئايە قىلىنمىسا بولمايدىغان ئەھمىيەتلىك تەرەپلەردۇر. بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرلىك دىن ۋە دۇنيا مەنپەئەتىنى بىرلىكتە ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا ئېلىپ بارىدۇ، شۇڭا ئىسلام شەرىئىتىنىڭ كۆزلىگەن ئاساسلىق مەقسەتلىرىنى تەكىتلەشكە كۆڭۈل بۆلۈش مانا شۇ يەر دىن كېلىپ چىققان. بۇ مەقسەتلەر بولسا: دىن، جان، ئەقىل، نەسىل ۋە مال-مۈلۈك قاتارلىق بەش نەرسىنى ساقلاشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئاشۇ ئاساسلىق تەرەپلەرگە تەئەللۇق بولغان نەرسىلەردۇر، چۈنكى ئىنساندىكى ماددىي تەرەپنى شەكىللەندۈرىدىغان جىسىمنىڭ، شەرىئەت سىزىپ كۆرسەتكەن چەمبەر ئىچىدە ھەممە جىسىمنىڭ ئېھتىياجلىرى دائىرىسى ئىچىدە بۇ ماددىي تەرەپنى قاندۇرىدىغان ئۆي، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق نەرسىلەر بولۇپ، ئىنسان بىلەن بۇ ماددىي تەرەپتە ئورتاق بولىدىغان ھايۋانمۇ، بۇ تەرەپنى قاندۇرۇشقا تەشنا بولىدۇ. بۇ بولسا ئىنسان بىلەن ھايۋان ئۈچۈن ئوخشاش تونۇلىدىغان ھوقۇقتۇر.

ئەگەر ماددىي تەرەپنىڭ ئەھۋالى مۇنداق بولىدىكەن، ئىنساندىكى روھىي تەرەپنىڭمۇ ئۇرۇندالمىسا، قاندۇر ۇلمىسا بولمايدىغان تەلەپ ۋە ئېھتىياجلىرى بار، چۈنكى ئەقىلنىڭ ئىلىم-مەرىپەتكە، تونۇشقا ۋە چۈشۈنۈپ يېتىشكە ئېھتىياجى بار. بۇ ئۇنىڭ ھەققىدۇر، ئەقىل مانا شۇ ۋەزىپىنى ئور ۇنداشقا يارىتىلغان. شۇڭا ئەقىلنى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشتىن بىكار قىلىۋېتىش ۋە ئەقىلنى ئىشتىن توختىتىش ئۈچۈن قىلىنغان ھەرقانداق ئۇرۇنۇش ئىنساننى تىلسىز ھايۋان دەرىجىسىگە چۈشۇرىۋېتىدىغان ئىنسان تەبىئىتىىدىكى بىر چېكىنىش ھېسابلىنىدۇ، ھەمدە ئىنسان تۇيغۇ ئەزالىرىدىن بىرىنى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشتىن توختىتىپ قويغانلىققا ئوخشاشلا، ئاللاھ تائالانىڭ ئەقىلنى يارىتىشتىكى ھېكمىتىنى بىكار قىلغانلىق بولىدۇ. مانا بۇ جەھەتتىن ئاللاھ تائالا شۇنداق قىلىدىغانلارنى ئىنسان دەپ سۈپەتلىنىشى لاياقەتلىك بولمىغانلار دەپ كۆرسەتكەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھايۋاندىن بىر ئارتۇقچىلىقى يوق، بەلكى ئۇلار مەرتىۋە جەھەتتە ھايۋاندىنمۇ تۆۋەنرەك. بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىم مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ:

((ئۇلار دىللىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق ھەقنى چۈشەنمەيدۇ، ئۇلار كۆزلىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى) كۆرمەيدۇ، ئۇلار قۇلاقلىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىبرەت ئېلىپ) تىڭشىمايدۇ. ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھدۇر، ئەنە شۇلار غاپىلدۇر.))( ئەئراف سۈرىسى179 –ئايەت)

مانا بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىسلام دىنى ئەقىلنى ئىشلەتمەسلىكنى گۇناھ دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىدىكى كاپىرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دېگەن:

((ئۇلار: ئەگەر بىز (پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلىغان، ياكى چۈشەنگەن بولساق، ئەھلى دوزاخ قاتارىدا بولماس ئىدۇق دەيدۇ .ئۇلار گۇناھىنى تونۇيدۇ.)) (مۇلك سۈرىسى 10-11-ئايەت)

شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنساننى پىكىر قىلىش قابىلىيەتلىرىنى ئىشلىتىشكە چاقىرىش، ئىزاھلاشقا ھاجەتسىز ئوچوق چاقىرىق ئىدى. ئەنە شۇنداق شەكىلدە ئىسلام دىنى ئەقىلنىڭ ۋەزىپىسى بولغان پىكىر يۇرگۇزۇشنى ۋاجىب ۋە دىنىي مەجبۇرىيەت دەپ بەلگىلىگەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

((ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى (كامالى) پەزلىدىن سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، بۇنىڭدا ھەقىقەتەن (قۇدرىتى ئىلاھىيىنى) تەپەككۈر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان (روشەن دەلىللەر بار))(جاسىيە سۈرىسى 13- ئايەت)

ئەگەر ئەقلىي ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش دىنىي مەجبۇرىيەت دەپ سانالسا، ئۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا ئىنسان باش تارتالمايدىغان مۇقەررەر مەسئۇلىيەتتۇر. ئىنسان خۇددى باشقا سەزگۈ -ئىدراك قۇراللىرىنى ئىشلىتىشتىن ھېساب بەرگەندە ئوخشاشلا بۇ ئەقلىي ۋەزىپىنى نەقەدەر توغرا ياكى خاتا ئىشلەتكەنلىكىدىنمۇ ھېساب بېرىدۇ. بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىم مۇنداق دەيدۇ:

((ئىنسان قىيامەت كۈنى قۇلاق، كۆز، دىل (يەنى سەزگۈ ئەزالىرى)نىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ھەقىقەتەن سوئال- سوراق قىلىنىدۇ))(ئىسرا سۈرىسى 36- ئايەت)

ئەقىل: - ئىمام غازالى ئېيتقاندەك- "ئاللاھ تائالانىڭ نۇرىدىن بىر نەمۇنە" ۋە ئاللاھ تائالانىڭ نۇرىدىن بىر پارچە ياكى خۇددى جاھىز ئېيتقاندەك: "ئاللاھ تائالانىڭ ئىنساندىكى ۋەكىلى". مانا بۇ سەۋەبتىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشكەن بىرىنچى سۆز مۇشۇ ئەقىلگە خىتاب قىلىنغان، بۇ سۆز ۋەھىينىڭ ئەۋۋەلقى بەش ئايىتىدە ئىككى قېتىم تەكرار قىلىنغان. بۇ، بىلىملىك ۋە بىلىمنى ساقلاش يولىدا ئوقۇش ۋە قەلەم بىلەن يېزىپ خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەيدۇ، چۈنكى بۇلار ئىنسان ئەقلىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىلىرىدۇر.

ئىنساندىكى جىسىم ۋە ئەقىلدىن ئىبارەت بۇ ئىككى نەرسىنىڭ يېنىدا مۇھىملىقتا بۇ ئىككىسىدىن قېلىشمايدىغان ئۈچىنچى بىر نەرسىمۇ بار، ئۇ بولمىسا ئىنساننىڭ قورۇلۇشى تولۇق بولمايدۇ. ئۇ نەرسە روھ ۋە روھ ئىنتىلىدىغان پانىي ھايات ماددىچىلىكىنى بېسىپ چۈشىدىغان روھىي ئۈستۈنلۈك يوللىرىدا ئۆرلەشتىن ئىبارەتتۇر.

ئەگەر ئەقىل چۈشۈنۈپ ۋە مۇلاھىزە قىلىپ، شەيئىلەرنىڭ پەرقىنى ئايرىپ، زىت نەرسىلەرنى سېلىشتۇرۇپ ھەمدە چۈشەنگەن نەرسىلەر ھەققىدە ھەر تەرەپتىن چوڭقۇر ئويلۇنۇپ ھۆكۈم قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئىشى پەقەت ماددىي ھاياتقا تەئەللۇق بولغان نەرسىلەرنىلا چۈشۈنۈپ يېتىش بىلەن چەكلىنىپ قالسا ھەرگىزمۇ توغرا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنداق قىلىپ ئىنساننى ھايات ماددىلىرى ئۈستىگە يۇقىرى ئۆرلىتىشنى خالىمىسا بۇنىڭ مەنىسى ئىنساننى يولنىڭ ئوتتۇرىدا تۇرغۇزۇپ قويغانلىق بولىدۇ. شۇڭا ماددىلار دۇنياسى ـــ ئەھمىيەتلىك بولسىمۇ ـــ ئۇ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، چۈنكى ماددىلارنىڭ ئۈستىدە بولسا ئىنسانغا جان كىرگۈزگەن ئاللاھقا تۇتىشىدىغان روھ دۇنياسى بار. ئەقىلمۇ ئويلىنىشلىرى،ئىلىم-پەنلىرى ۋە بارلىق پائالىيەتلىرىدە ماددا دۇنياسىنىڭ ئۈستىدىكى نەرسىلەرگە ئىنتىلىشكە ئۆز تەبىئىتى بىلەن ئىتتىرىلگەن بولىدۇ، مانا بۇ جەھەتتىن ئىنساننى ماددىي دۇنيادىن ھالقىتماي تۇرغۇزۇش، ئىنسان تەبىئىتى ۋە قۇرۇلمىسىنى چۈشۈنۈشتە ئاجىزلىق سانىلىدۇ. بۇ كەمتۈك ۋە خاتا چۈشنىش ئىنساننى روھىي دۇنيانى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىشقا ياكى ئەڭ ئاز دېگەندە ئۇنىڭغا سەل قاراش ۋە دىققەت قىلماسلىققا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. نەتىجىدە ئاتېئىزملىق (ئاللاھنى ئىنكار قىلىش) خىلمۇخىل تۈردە ۋە خىلمۇخىل قىياپەتتە كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ.

ئىنسانىيەت ئىلمىنىڭ ماددىي نەتىجىلىرى قانچىلىك تەرەققى قىلسا قىلسۇن ۋە ئىنسانىيەت ئىلىم-پەن يېغىندىسىغا قوشىدىغان كەشپىياتلارنىڭ دائىرىسى نەقەدەر كېڭەيسە كېڭەيسۇن، ئۇ يەنىلا باشقا بىر تەرەپتىن ئىنسانغا كۈچ-ۇدرىتىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، چۈنكى ئىلمىي كەشپىياتلار دائىرىسى كېڭەيگەنسىرى، ئىنسان ئالدىدا سېزىلمىگەن نامەلۇم نەرسىلەر دائىرىسى شۇنچە كېڭىيىدۇ.  ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەنمۇ راست ئېيتقان:

((سىلەرگە پەقەتلا ئازغىنا ئېلىم بىرىلگەن))(ئىسرا سۈرىسى 85-ئايەت)

بۇ، ئىنساننىڭ مەغرورلىقىنى، تەرسالىقىنى ۋە ئۆزىدىن پەخىرلىنىشنى چەكلەيدۇ. ئۇنى مۇشۇ ماددىي ئالەمنىڭ ئارقىسىغا، بۇ ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسىغا بۇرۇلۇپ قارايدىغان قىلىدۇ. بۇنى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزلىرى كۆرسىتىپ بېرىدۇ:

((ئۇلارغا بىز تاكى ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغۇچە، (ئاسمان-زېمىن) ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىمىز»))(فۇسسىلەت سۈرىسى 53-ئايەت).

تارىختىن بۇيان بۈيۈك مۇتەپەككۇرلار بۇ مۇھىم نۇقتىنى چۈشۈنۈپ، ئاخىرى ئاللاھ نىڭ ھەق ئىكەنلىكنى تونۇپ يەتكەن. ئەگەر پەلسەپە تارىخىغا قارايدىغان بولساق، بۇرۇنقى پەيلاسوپلارنىڭ چۇڭقۇر ئويلىنىشلىرىنىڭ، مۇشۇ ماددىي ئالەمنىڭ ئەسلى ۋە نېمىدىن تۈزۈلىدىغانلىقى ھەققىدە سۇئال قويۇش بىلەن باشلانغانلىقىنى، بۇ سۇئالنىڭ ئۇلارنى ئىنساننىڭ روھىي تەبىئىتى ۋە ئۇنىڭ ماددىي ئالەم تەبىئىتىگە ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىمايدىغانلىقى ھەققىدە ئىزدىنىشكە ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئاخىرىدا چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈشلىرىنىڭ ئىلاھلىق پرىنسىپىنى چۈشۈنۈپ يېتىشكە يەتكۈزگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ تەرتىپ يۇقىرىدىكى ئايەتتە بايان قىلىنغان، چۈنكى ئىنسان كۆزىنى ئاچقاندا بۇ چوڭ ئالەمنى، ئۇنىڭدىكى ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-دەريالار، ئىنسانلار، ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەر قاتارلىق نەرسىلەرنى كۆز ئالدىدا كۆرىدۇ، ئۇنىدىن كېيىن ـــ كىچىك ئالەمنى تەشكىللەيدىغان ـــ ئۆزىگە قايتىپ، ئۆزى ۋە ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدرەتلىرى ھەققىدە چۇڭقۇر پىكىر يۈرگۈزىدۇ، ھەمدە بۇنداق چۇڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈشتىن، ئۆزىنىڭ بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن كۈچ-قۇدرىتىنىڭ نەقەدەر چەكلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر يەكۈن چىقىرىدۇ. ئاخىرىدا بۇ يەكۈن ئىنسانغا ئاشۇ كۈچ-قۇۋۋەت ۋە قابىلىيەت ئاتا قىلىدىغان مۇتلەق زاتنى تونۇشقا ئېلىپ بارىدۇ، يەنى ئۇنى ئىمانغا يەتكۈزىدۇ.

ئەنە شۇنداق چۈشىنىدىغان ئاڭلىق ئەقىلنىڭ تەبىئەتتە ئۇچراشقان ئىككىنچى دەرىجىلىك سەۋەبلەر ئالدىدا توختاپ قالماستىن بەلكى ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى نەرسىلەرگە قەدەر يولنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئەقىل سەۋەبلەر تىزمىسىدىكى ھالقىلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن قانداق تۇتۇشىدىغانلىقىدا چوڭقۇر پىكىر يۇرگۇزگىنىدە، ئۇ ھەرگىزمۇ ھەممە نەرسىنىڭ ئاچقۇچلىرى قولىدا بولغان ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلماق ۋە ئىلاھىي ھىدايەت قۇچاقلىرىغا ئۆزىنى تاشلاشتىن باشقا چىقىش يولى تاپالمايدۇ. بۇ بىزگە ئىنساننىڭ ماددىي دۇنياغا بولغان كۆزقارىشىنىڭ چۇڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ، ئىنساندا دىنىي قاراشنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىنى ھەمدە ئالەم بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى دۇنيا ئارقىسىغا ھالقىپ ئۆتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا دىنىي قاراش دائىرە جەھەتتە ئەڭ كەڭ، نىشان جەھەتتە ئەڭ يىراق قاراشتۇر.

ھازىرقى ئەسرىمىزدىكى تىببىي، ئاتوم، خېمىيە، بىئولوگىيە، يەر قاتلاملىرى، دېڭىز ئىلىملىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشاق ھەر تۈرلۈك ئىلىم-پەن ساھەلىرىدىكى ئىلمىي ئىختىساس ئىگىلىرىدىن چىققان ئىشەنچىلىك مەشھۇر ئالىملار ئۆز تەتقىقاتلىرىنىڭ، بۇ ئالەمنىڭ ھەرگىزمۇ ئۆزلىكىدىن تەسادىپى ھالدا ۋۇجۇتقا چىققانلىقىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى چۈشۈنۈپ يېتىشكە ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلىدى، چۈنكى بۇ ئالەم پۇختا پىلان ۋە مەھكەم تۈزۈمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بۇ مەھكەم تۈزۈمنى چوقۇم چەكسىز كۈچ-قۇدرەتلىك بىلگۈچى ۋە ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ۋە ياراتقۇچى قويغان.

بۇ، ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم دەپ سانىلىدىغان ئاددىي سەۋەبىيات قانۇنىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مەزمۇننىڭ دەل ئۆزى ئەمەسمۇ؟ ئاللاھ دىن باشقا كىممۇ بۇنداق يارىتىشقا قادىر بولالايدۇ؟

ئاللاھدىن باشقا قايسى ئىلاھ سىلەرگە كېچىنىڭ قاراڭغۇلىقىدىن كېيىن يورۇقلۇق ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟

ئاللاھدىن باشقا قايسى ئىلاھ سىلەرگە كۈندۈزدىن كېيىن ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن كېچىنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟

ئاللاھدىن باشقا كىم سىلەرگە ئاسمان -زېمىندىن رىزىق بېرىپ تۇرىدۇ؟

ئاللاھدىن باشقا كىم ئاسمانلار ۋە زېمىنلارنىڭ ئىشىنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ؟



داؤامى بار.



تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.

باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(arzuyum) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • دوستلىشىش
    ئۆمەرئىلى
    ن شا ئاللاھ بۇ ئۈممەت ئۈزى يۇقاتقان ئىززەتنى ئۈز& ..
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9027
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 154
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە154دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 1560 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-09-21
    ئاخىرقى: 2012-01-08
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-21 15:15

    ھەققەتەن ياخشى تمكىكەن بۇ ،داۋامىنى تىزراق چىقارسىڭىز بوپتىكەن قىرىندىشم ..