باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1166 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: جوڭگۇ قانداق بۇلۇپ ياپون دېڭىزىغا چىقىش ئېغىزىدىن مەھرۇم قالغان؟
دوستلىشىش
turantekin
زالىم بولغىچە ئالىم بول، ئالىم بولغىچە ئادەم بول ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1637
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 28
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە28دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 400 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-08
ئاخىرقى: 2012-01-04
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-21 11:13

جوڭگۇ قانداق بۇلۇپ ياپون دېڭىزىغا چىقىش ئېغىزىدىن مەھرۇم قالغان؟

جوڭگۇ قانداق بۇلۇپ ياپون دېڭىزىغا چىقىش ئېغىزىدىن مەھرۇم قالغان؟
 

ياپون دېڭىزى ياپون تاقىم ئاراللىرى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى، روسىيە يىراق شەرق دېڭىز قىرغىقى ئارىلىقىغا جايلاشقان بۇلۇپ، كۆلىمى بىر مىليارد كۇۋادىرات كىلومىتىر كېلىدۇ. تارىختا جوڭگۇ ياپون دېڭىزى قىرغىقىدىكى دۆلەت بۇلۇپ، دۆلىتىمىز «شەرق دېڭىزى»، «ئوكيان دېڭىزى» دەپ ئاتاپ كەلگەن.

خەن ۋۇدى دەۋرىدە جوڭگۇنىڭ شەرقىي شىمال تېرتورىيىسى غەربتە بايقال كۆلىدىن شەرقتە ئوخۇت دېڭىزى، بېرىنگ بوغۇزىنىڭ غەرىبىي قىرغىقى، ساخالىن ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىمالىي رايۇننى كۆرسىتەتتى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە جوڭگۇ بۇ رايۇندا شەرقنى تېنچلاندۇرۇش قورۇقچى بەگ مەھكىمىسىنى قۇرغان. ئۇنىڭ قارمىقىدىكى رايۇنلار شىمالىي خېيلوڭجياڭ ئېقىنى ۋە ئوخۇت دېڭىزىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا بوخەي دېڭىزى ۋە غەربىي چاۋشيەن قولتۇقىغىچە بولغان، شەرقتە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىقىغىچە بولغان رايۇننى قاپلىغان.

تاڭ سۇلالىسىنىڭ كەييۇەن يىللىرىدا شەرقنى تېنچلاندۇرۇش قورۇقچى بەگ مەھكىمىسى تەۋەلىكىدە يەنە بوخەي قورۇقچى بەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. بوخەي قورۇقچى بەگ مەھكىمىسى شىمالدا يەنە قاراسۇ قورۇقچى بەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلغان. شىمالىي قىسىمدىكى تاتار بوغۇزىدىن چاۋشيەن بوغۇزىغىچە بولغان كەڭ كەتكەن دېڭىز قىرغىقى رايۇنى تاڭ سۇلالىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى رايۇن بولغان. يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە دېڭىز تەۋەلىكى كەڭ بۇلۇپ، شەرقىي شىمالدا ئوخۇت دېڭىزىدىن باشلىنىپ غەربىي جەنۇبتا بەيبۇۋەنگىچە داۋاملىشىپ، ئوخۇت دېڭىزى، ياپون دېڭىزى، بوخەي دېڭىزى، سېرىق دېڭىز، شەرقىي دېڭىز، جەنۇبىي دېڭىز قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە دېڭىز چېگراسى رايۇنى چوڭ جەھەتتىن ئاساسەن يۇەن سۇلالىسىغا ئوخشاش بولغان.

چار روسىيە ئەسلىدە ياۋروپا دۆلىتى بۇلۇپ، دۆلىتىمىز بىلەن چېگرىلەنمەيتتى. 16- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن باشلاپ چار روسىيە ئورال تېغىدىن شەرققە كېڭىيىپ، 60 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە پۈتكۈل سىبىريەنى ئىشغال قىلىۋېلىپ، تەسىر كۈچى تېنچ ئوكياننىڭ شەرقىي قىرغىقىغىچە يەتكەن ھەمدە ئېلىمىزنىڭ خېيلوڭجياڭ ۋادىسىغا تاجاۋۇز قىلىشقا باشلىغان.

1644- يىلى مەنچىڭ ئارمىيەسى جيايۈيگۇەندىن ئۆتكەندىن كېيىن چار روسىيە مەنچىڭ قوشۇنلىرىنىڭ شىمالغا قارىغۇدەك ھەپسىلىسى يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، نېرچىنسكى ۋە شىلاكا دەرياسىنىڭ بىرىكىدىغان ئېقىنىدا ياكسا شەھرى ۋە نېرچىنسكى شەھرىنى قۇرۇۋالغان. 1682- يىلى كاڭشى خان ئۆزى شەرقىي شىمالنى ئايلىنىپ، مۇداپىيە ئىشلىرىنى كۆزدىن كۆچۈرۈپ، چار روسىيەنىڭ تاجاۋۇزىغا زەربە بىرىش ئۇرۇشىنى تەشكىللىگەن. ئىككى قېتىملىق ياكسا ئۇرۇشى ئارقىلىق، 1689- يىلى جوڭگۇ بىلەن روسىيە «نېرچىنسكى شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. شەرتنامىدە جوڭگۇ بىلەن روسىيە ئىرغۇنا دەرياسى ۋە گېربىچ دەرياسىنى چېگرا قىلغان. چېگرا گىربىچ دەرياسىنىڭ بېشى بولغان تاشقى ھىنگان تېغىدىن شەرقتە دېڭىزغىچە سۇزۇلۇپ، تاغنىڭ چەنۇبى جوڭگۇغا، شىمالى روسىيەگە تەۋە بۇلىدۇ دەپ بەلگۈلەنگەن.

شۇنداق دېيىشكە بۇلۇدۇكى، چىڭ سۇلالىسى تاشقى ھىنگان تاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى زىمىن ۋە ئوخۇت دېڭىزىنى چار روسىيەگە كىسىپ بەرگەن. بۇنىڭ بلەن روسىيە پۈتكۈل سىبىرىيەنى «قانۇنلۇق» ئىگىلىۋالغان. تاشقى ھىنگان تاغلىرىنىڭ جەنۇبى، ساخالىن ئارىلى ۋە ياپون دېڭىزى قىرغىقىدىكى كەڭ كەتكەن زىمىن جوڭگۇغا تەۋە بولغان.

1840- يىلى ئەنگىلىيە ئەپيۇن ئۇرۇشىنى قوزغاپ، دۆلىتىمىزگە ھۇجۇم قىلغان. 1847- يىلى چار پادىشاھ نىكولاي <> مۇراۋىيوفنى شەرقىي سېبىريىنىڭ باش ۋالىيسى قىلىپ، جۇڭگونىڭ خېيلۇڭجياڭ ئېقىنىغا تاجاۋۇز قىلىش پىلانىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرگەن. 1849- يىلى روسىيە ئارمىيىسى جۇڭگونىڭ خېيلۇڭجياڭ، سۇڭخۇاجياڭ، ئۇسسۇرى دەريا ئېقىنىغا كۆپ قېتىم تاجاۋۇز قىلغان ھەمدە قاراۋۇلخانا تەسسىس قىلغان. 1853- يىلى روسىيە ئارمىيىسى ساخالىن ئارىلىغا تاجاۋۇز قىلغان. 2- قېتىملىق ئەپيۇن ئۇرۇشى پارتىلىغاندىن كېيىن چاروسىيە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بۇلاڭچىلىق قىلغان .

1858- يىلى 5- ئاينىڭ 28 – كۈنى چاروسىيە شەرقىي سېبىريىنىڭ باش ۋالىيسى موراۋېيوف قوراللىق تەھدىت سېلىش ۋە دېپلوماتىيە ئالدامچىلىقى ۋاستىسىنى قوللىنىپ خېيلۇڭجياڭ سانغۇنى يى شەن بىلەن جۇڭگو – روسىيە «ئەيخۈي شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. بۇ شەرتنامە ئارقىلىق چاروسىيە ئېلىمىزنىڭ تاشقى ھىنگان تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي، خېيلۇڭجياڭنىڭ شىمالىدىكى 600 نەچچە مىڭ كۇۋادرات كېلومىتېر كۆلەمدىكى زېمىننى ئىگەللىۋالغان. بۇنىڭ بىلەن خېيلۇڭجياڭ بىر ئىچكى دەريادىن جۇڭگو بىلەن روسىيەنىڭ ئوتتۇرۇسىدىكى چىگرا دەرياغا ئايلانغان  ھەمدە ئۇسسۇرى دەرياسىنىڭ شەرقىي دېڭىزىغىچە سوزۇلۇپ، ۋىلادىۋوستوكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 400 كۇۋادرات كېلومېتىر زېمىننى «جۇڭگو بىلەن روسىيە تەڭ باشقۇرىدىغان» بولغان.

شۇ يىلى 8- ئايدا ئەنگىلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق 8 دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسى تيەنجىننى ئىشغال قىلىۋالغان. 9- ئايدا شيەن فېڭ خان بېيجىڭدىن ئايرىلىپ رېخېغا قېچىپ بېرىۋالغان. 10- ئايدىكى 8 دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسى بېيجىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، يۈەنمىڭيۈەن باغچىسىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. چاروسىيە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سالاچى بولغان ھەمدە «مۇرەسسە قىلىش»تا تۆھپە كۆرسەتكەن، دېگەن نام بىلەن قوراللىق تەھدىت سېلىپ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنى 11- ئاينىڭ 14- كۈنى «جۇڭگو – روسىيە بېيجىڭ شەرتنامىسى» (يەنى بىر نامى «جۇڭگۇ – روسىيە بېيجىڭ قوشمۇمچە شەرتنامىسى») نى ئىمزالاشقان. «ئەيخۈي شەرتنامىسى» نىڭ كۈچكە ئىگە ئېكەنلىكىنى ئېتراپ قىلىشقا مەجبۇرلىغان. بۇ شەرتنامىگە ئاساسەن ئۇسسۇرى دەرياسىنىڭ شەرقىدىن دېڭىزغىچە بولغان ۋىلادىۋوستوكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 400 مىڭ كۇۋادرات كىلومېتىر كۆلەمدىكى «جۇڭگو – روسىيە ئورتاق باشقۇرىدىغان» زېمىننى روسىيە ئىگىلىۋالغان . بۇنىڭ بىلەن جۇڭگونىڭ ياپون دېڭىزى رايونىدىكى بارلىق زېمىنى قولدىن كېتىپ، پەقەت تۇمىن دەرياسى ئارقىلىق ياپون دېڭىزىغا كىرىپ – چىقىش ھوقۇقىلا قالغان.

1905 – يىلىدىكى روسىيە – ياپونىيە ئۇرۇشىدا ياپونىيە غەلبە قىلدى ھەمدە چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىنى ئىشغال قىلىۋالدى. كېيىن روسىيەدىن مۇداپىئەلىنىشنى باھانە قىلىپ، تومىن دەرياسى ئېغىزى ئەتراپىدا مۇداپىئە رايونى تەسىس قىلىپ، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ دەريا ئارقىلىق دېڭىزغا چىقىشىنى چەكلىدى. روسىيەمۇ شۇ ئەتراپتا مۇداپىئە رايونى تەسىس قىلدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تومىن دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىدىكى بىر پارچە زېمىننىڭ بىر قىسمى روسىيەنىڭ، بىر قىسمى چاۋشىيەننىڭ بولۇپ كېتىپ، جۇڭگو تومىن دەرياسى ئارقىلىق دېڭىزغا چىقىش ئېغىزىدىن ئۈزۈل – كېسىل مەھرۇم قالدى.

 

مەنبە: http://www.alimbiz.net/?p=1680

ئېىسىت بىزدىكى دۆتلۈك
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2723
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 102
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە102دانە
ئۆسۈش: 100 %
مۇنبەر پۇلى: 1135 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-07
ئاخىرقى: 2011-12-22

ئسىت بۇ قەتئى بىرىشكە بولمايدىغان يەرلەرتى ، بەزى ئىشلارنى كېيىن قىلىۋالمىز دەۋەرگەن بىلەن مۇشۇنداق ئىش كلېىپ چىقىدۇ دۆلتىمىزدە يول قويۇش بەك كۆپ بۇلۇپ كەتتىمۇ قانداق ؟
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1766
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 855
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە855دانە
ئۆسۈش: 370 %
مۇنبەر پۇلى: 9005 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-10
ئاخىرقى: 2012-01-06
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-21 21:27

ھازىرمۇ پەقەت رۇسيە بىلەنلا چىگرا  تالاش تارتىشى يوقۇ .خوشامەتچىلىك قىلىپ!
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1097
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1097دانە
ئۆسۈش: 5220 %
مۇنبەر پۇلى: 14704 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-01-07
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-22 00:57

بېسىۋالغان ،تاجاۋۇز قىلغان ،بېسىم ئىشلەتكەن،تەھدىت سالغان ،بۇلىۋالاغان ،بۆلىۋالغان ، ..........شۇ چاغلاردا 5 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قەھرىمان خەلقىمىز نىمىشقىلغان بولغىيتى ............ھەجەپ ئاچچىغىم كەلدى ...........
..........................................................................................
مىنىڭ نادىر تىمامنى قايسى باشلىق سېتىۋەتتى ..................
............قايسىڭلار سېتىۋەتكەن بولساڭلار پۇلىنى نەخلىۋىتىڭلار نىسىدىن تەلىيىم يوق ........
.......................................................
ئىسلاھاتنىڭ يېڭى دولقۇنى كەڭسايغىمۇ تەسىر كۆرسەتتىمۇيا ؟
[ بۇ يازمىنىnida0998 2011-12-22 01:04قايتا تەھرىرلىد ]
atimiz qukum bugundin guzal bulidu !mana bu umid!!!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 130
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 482
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە482دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 4871 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-03
ئاخىرقى: 2012-01-06
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-03 21:38

   ساخالىن ئارىلىمۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنغۇ ئەسلىدە ؟ قايتۇرىۋېلىش كىرەك !
راستچىللىق ----------- ئادىمىلىكنىڭ بىرىنچى قەدىمى !!!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 27
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە27دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 270 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-01-04
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-04 00:12

ھەممە-ھەممە ئاللاھنىڭدۇر. سىز، مەن، ئۇمۇ ھەم...
مۇھەببەتسىز ھاياتتىن ئاللاھ پاناھىدا ساقلىسۇن!
ئەللەر  ياخشى بىز  يامان ، ئەللەر بۇغد ..
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3034
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 764
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە764دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 7881 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2012-01-06
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-04 22:22

كىچىككىنە ياپونىيەگە  قاچانغىچە  بوزەك  بولىدىغاندۇ  ئۇلۇغ  دۆلىتىمىز  . ئاتومدىن  بىرنى تاشلاپ خەرىتىدىن  ئۆچۈرۈش  كېرەك  ياپون  دىگەن  يەرنى  ..   
ئەللەر  ياخشى بىز  يامان ، ئەللەر بۇغداي بىز سامان ...
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1113
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1113دانە
ئۆسۈش: 1100 %
مۇنبەر پۇلى: 11943 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-01-07
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-04 22:36

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى alpacino نىڭ 2012-01-04 22:22 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
كىچىككىنە ياپونىيەگە  قاچانغىچە  بوزەك  بولىدىغاندۇ  ئۇلۇغ  دۆلىتىمىز  . ئاتومدىن  بىرنى تاشلاپ خەرىتىدىن  ئۆچۈرۈش  كېرەك  ياپون  دىگەن  يەرنى  ..   

بىرسى يەتمەيدۇ تۆتنى تاشلاش كېرەك
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ
ئەللەر  ياخشى بىز  يامان ، ئەللەر بۇغد ..
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3034
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 764
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە764دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 7881 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2012-01-06
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-05 20:26

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى natsist نىڭ 2012-01-04 22:36 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

بىرسى يەتمەيدۇ تۆتنى تاشلاش كېرەك

ھېلىقى ۋودىروت بومبىسى  دىگىنى ئاڭلىسام ئاتومدىنمۇ كۈشلۈك مىش ، بولمىسا شۇنىلام تاشلىمايلىمۇ ،.
ئەللەر  ياخشى بىز  يامان ، ئەللەر بۇغداي بىز سامان ...