باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2747 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئاماسسىيادىكى ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرى
a
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2631
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 365
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە365دانە
ئۆسۈش: 1170 %
مۇنبەر پۇلى: 4491 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-04
ئاخىرقى: 2012-01-04
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-18 17:33

ئاماسسىيادىكى ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرى

«شاھزادىلەر شەھىرى»تۈركىيەدىكى ئاماسسىيا 
<<ئاماسسىيا شەھرى>> تۉركىيەنىڭ ئوتتۇرا قارا دېڭىز رايۇنىغا جايلاشقان، ئاماسسىيا شەھرىدە ئۇيغۇر نايىسى دەيدىغان بىر نايىسى بار تۉرىك تارىخى مەنبەلەردە بۇ نايىدە ياشاۋاتقان  كىشىلەنىڭ بۇندىن 700يىل ئاۋۋال يەنى ئەرەتنا ئۇيغۇر بەگلىگى مەزگىلىدە بۇ رايۇنغا كوچۉرۉپ كىلىنگەن ئۇيغۇر لارنىڭ ئەۋلاتلىرى ئىكەنلىگىنى ئىلگىر سۈرۈدۇ ئانداقتا 7مىڭ يىللىق تارىخىقا ئىگە ئاماسسىيا شەرىگە ئۇيغۇرلار 700يىل ئىلگىرى قانداق بولۇپ كىلىپ قالغان  
 
ئاماسسيا شەرى تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا قارا دېڭىز رايونىغا جايلاشقان ۋىلايەتلىرىدىن بىرى. ئاماسيا شەھىرى بولسا ئىككى تاغ ئوتتۇرىسىدىن ئېقىپ ئۆتكەن يېشىل دەرياسى بويىغا جايلاشقان ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم شەھەرلەردىن بىرى بولۇپ، مەزكۇر شەھەر 134 مىڭ نوپۇسقا ئىگە كىچىك شەھەر بولسىمۇ، ئەمما ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ كۆپى پادىشاھ بولۇشتىن بۇرۇن بۇ يەردە ۋاليلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن بولغاچقا كىشىلەر بۇ شەھەرنى «شاھزادىلەر شەھىرى» دەپ ئاتايدۇ.ئىستانبۇلنى بېسىۋالغان فاتىھ سۇلتان مەمەتمۇ (مۇھەممەتمۇ)بۇرۇن ئاماسسىيەگە ۋالى بولغان
تۈركلەر 7 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان ئاماسسيانى 1075-يىلىدا ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ قولغا چۈشۈرگەن شەھەردۇر. 1243-يىلى موڭغۇللار سەلجۇقىلارنى مەغلۇپ قىلىپ ئاماسسيانى ئىشغال قىلغان. تارىخى مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ شەھەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىشى 1243-يىللارغا توغرا كېلىدىكەن، چۈنكى چىڭگىزخان ئارمىيىسىدىكى باش قوماندانلار، مەسلىھەتچىلەر ئۇيغۇر ئىكەن. 1341-يىلىدا ئاماسسيا شەھىرى ئەراتنا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قولىغا ئۆتكەن بولسا، 1386-يىلى شاھزادە يىلدىرىم بايېزىد تەرىپىدىن ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ قولىغا ئۆتكەن ئاماسسىيادا.
ئوسمانلى شاھزادىلىرىدىن يىلدىرىم بايېزىد، چەلەبى مەھمەت، فاتىھ سۇلتان مەمەت، ئىككىنچى بايېزىد، ياۋۇز سۇلتان سېلىم، ئۈچىنچى مۇرات قاتارلىق شاھزادىلەر بىر مەزگىل ئاماسيادا ۋالىيلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەندىن كېيىن ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى بولۇپ تەختكە ئولتۇرغان ئىدى.
تارىخىي مەنبەلەرگە قارىغاندا ئۇ مەزگىلدە ئوسمانلى ئوردىسىدىكى پەرمانلار ئۇيغۇر تىلىدا تارقىتىلغان بولۇپ، تارىخى مەنبەلەردە 1327-يىلىدىن 1381-يىلىغىچە ئاماسسيا ۋە ئاماسسيا بىلەن چېگرىداش بىر قانچە ۋىلايەت ئەراتنا ئۇيغۇر بەگلىكىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولغان، بۇ مەزگلىدە ئەراتنا دۆلىتى بۇ رايونلارغا كۆپ ساندا ئۇيغۇر لارنى ئېلىپ كېلىپ يەرلەشتۈرگەن ئىكەن بۇلارنىڭ ئورپە ئادەتلىرى يىمەك ئىچمەك لىرىمۇ ھېلىھەم ئاز ساندا ساقلىنىپ قەپتۇ ھازىرقى ئىنىقلاشلارغا قارىغاندا ئاماسسىيادا ئۇزى ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمىسىمۇ ئۇزۉنى مەن ئۇيغۇر دەپ ھىساپلايدىغان 7380 كىشى باركەن
ئاماسسيا شەھىرىگە 32 كىلومېتىر كېلىدىغان ئۇيغۇر ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ شۇ ۋاقىتلاردا بۇ يەرلەرگە يەرلەششتۈرۈلگەنئۇيغۇرلار ئىكەن بەزى تارىخچىلار تۈركىيىدە يەنە كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان يەرلەرنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۇرمەكتە

ئاماسسىيادىكى قېدىمقى ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرى  ئايال جامائەتلەر دەستۇرغاندا پولو يىمەكتە








بۇلا ئىستانبۇل ئەنقەرەلەردىن ئارلىقى تەخمىنەن 1500 كىلومىتىر دىن يىراق يەردە تۇرغاچقا يىمەك ئىچمەك ۋە باشقا جەھەتلەردەبەزى ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغان ئوخشايدۇ



مەنبە  http://turktarih.net/
[ بۇ يازمىنىoguzhan 2011-12-19 01:39قايتا تەھرىرلىدى ]
ئامانشاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1283
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1283دانە
ئۆسۈش: 1650 %
مۇنبەر پۇلى: 14173 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2012-01-04
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-18 19:24

ماۋۇ چوڭ ئانىمىزنى دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇر دىسىمۇ ئىشىنەتتىم
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.