ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ناھايىتى زور پايدا زىيان مۇناسىۋىتى بارلار ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئىسرائىلىيەلا ئەمەس، بەلكى يەنە بىر مۇھىم قاتناشقۇچى بار، ئۇ بولسىمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانى. ئىراننىڭ يادرو كرىزىسى ئىزچىل سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ باش ئاغرىقى بولۇپ كەلدى. ئىراننىڭ كۈچلۈك دۆلەتلىك ھەيۋىسى سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك مۇھىتىدىن ئەنسىرەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاخبارات ئورگىنىنىڭ سابىق ۋەزىرى، ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى تۈركى فايسال يېقىندا: ئەگەر بىز ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىرىشچانلىقى ئىسرائىلىيەنى كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللاردىن ۋاز كېچىش، ئىراننى ئوخشاشلا مۇشۇنداق قوراللارغا ئىگە بولۇشتىن توسۇيالمىسا، ئۇنداقتا بىز ئۆزىمىز يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىمىز كېرەك دېدى ھەمدە مېنىڭ بۇ سۆزۈم كىشىلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس دېدى.
ئەسلىدە، مۇبارەك ئاغدۇرۋېتىلگەندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ خوجايىنىغا، پارس قولتۇقى ئەللىرىنىڭ قوغدىغۇچى ئىلاھىغا ئايلاندى، سەئۇدى ئەرەبىستانى شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۇنيادىكى سۈنئىي مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس يېرى. ئىران بولسا دۇنيادىكى شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ يادروسى. دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى شىئە مەزھىپىدىكىلەر بىلەن سۈننىي مەزھىپىدىكىلەرنىڭ توقۇنۇشى ئىككى دۆلەتنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئۇزۇن مۇددەت ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالماي كەلدى. ئوخشاشلا، سەئۇدى ئەرەبىستانى يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ يادرو تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. سەئۇدى ئەرەبىستانى مۇنداق دەپ قارايدۇ: ئىسرائىلىيەنىڭ يادرو تەھدىتى تېخىمۇ ئېغىردەك تۇرىدۇ، خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئىسرائىلىيەدە ھازىر 200 دەك يادرو قورالى بار ئىكەن. ئىسرائىلىيە بۇنى ئىنكارمۇ قىلمىدى ئېتىراپمۇ قىلمىدى. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىغا سۈكۈتتە تۇرغان يەردە ئىراننىڭ يادرو قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا نېمىمۇ دېيەلەيتتى. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يادرو قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئامالسىزلىقتىن بولدى دېيىشكە بولىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى: بىر بولسا ھەممىمىزدە بولسۇن، يا بولمىسا ئوتتۇرا شەرقتە يادرو قورالى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزەيلى دەپ قارىدى.
ئىسرائىلىيە، ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى ئوتتۇرا شەرقتىكى رەقىبلەر. ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ يادرو قورالىنى ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە پۇت تىرەپ تۇرۇشىدىكى ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ قاراپ، ئىران بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان تىغمۇ- تىغ قارشىلىشىپ كەلدى. ئىسرائىلىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى بىر بىرىنى رەقىب دەپ قاراپ، مەيلى ئىسرائىلىيە بولسۇن ياكى ئىران بولسۇن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىنى قوبۇل قىلالمىدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران بىلەن قارمۇ قارشى بولسىمۇ، لېكىن بەك چەكتىن ئاشۇرۋېتىشنى خالىمايدۇ؛ ئىراننى جازالاشقا قوشۇلىدۇ لېكىن ھەر قانداق دۆلەتنىڭ ئىرانغا ئۇرۇش قوزغىشىنى قوللىمايدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى مۇنداق دەپ قارايدۇ: ئىسرائىلىيە بولسۇن ياكى ئامېرىكا بولسۇن ئىرانغا ئۇرۇش قوزغايدىغان بولسا ئۇرۇش كېڭىيىپ كېتىدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەمدە پارس قولتۇقى ئەللىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرايدۇ. ئىراننىڭ ھازىرقى ئاساسلىق رەقىبى ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە، گەرچە ئاستىرتتىن سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن پۇت تىپىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن تالاش-تارتىش قىلغۇسى يوق، ئىران سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئەيىبلىشىگە كەمدىن كەم ئىنكاس قايتۇرىدۇ، لېكىن ناۋادا سەئۇدى ئەرەبىستانى يادرو قورالىغا ئىگە بولىدىغان بولسا، ئىران بىلەن ئىسرائىلىيە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرىدۇ، بۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۈچ مۇھىم دۆلەتنىڭ كۈچ سىنىشىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى تەتۈر يولغا باشلايدۇ، بۇ ئامېرىكىنى شۇنىڭ بىلەن بىرگە سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىسرائىلىيەدىن ئىبارەت ئىككى ئىتتىپاقدىشىنىڭ ئوخشىمىغان پايدا مەنپەئەتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە مەجبۇر قىلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا شەرقتىكى بەيگە مەيدانىدىكى مۇسابىقىگە قاتناشقانلار سەئۇدى ئەرەبىستانىلا ئەمەس، يەنە رۇسىيەمۇ بار. مۇشۇ ئايدا، سۇرىيەگە يېقىن دېڭىز ساھىلى ئىككى «مېھمان»نى كۈتۈۋالدى، لىۋىيەدىكى ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئەمدىلا ئاياغلاشتۇرۇپ قايتقان ئامېرىكىنىڭ «گېئورگى بوش» ناملىق ئاۋىئاماتكىسى بۇ دېڭىز ساھىلىگە كىردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، رۇسىيەنىڭ بىردىن بىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان «كۇزنېتسوۋ» ناملىق ئاۋىئاماتكىسى ئوتتۇرا يەر دېڭىزىغا بېرىپ، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى سۇرىيە دېڭىز ساھىلى بارىدۇ، رۇسىيە يۈك پاراخوتى سۇرىيە پورتىدا T90 بەلگىلىك ئىلغار تانكىنى چۈشۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئەتراپتىكى ئىسرائىلىيە، ئىئوردانىيە ۋە تۈركىيە ئارمىيىلىرى ئۇرۇش ھالىتىگە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىمۇ ئېلىشىش باشلاندى.
رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئاساسلىق ئىستراتېگىيىلىك تۈۋرۈكى سۇرىيە ، غەرب كۈچلىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە چۈشەپ تۇرۇۋاتقىنى ئىران، سۇرىيە رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئېتىكى، ئىران بولسا غەربنىڭ رۇسىيەنى قورشاۋغا ئېلىشىنى بۇزۇپ تاشلاشتىكى مۇھىم يوچۇق. سۇرىيە بىلەن ئىران بىردەك رۇسىيەنى ئۆز تەسىر دائىرىسىدىكى جەنۇبىي دەرۋازىسى دەپ قاراپ كەلدى، غەرب ئەللىرى رۇسىيەنىڭ يېغىرىغا تەگسە، رۇسىيە ئەلۋەتتە قاراپ تۇرالمايدۇ. رۇسىيەنىڭ باش مىنىستىرى پۇتىن يېقىندا: ئامېرىكا ئىرانغا قورال ئىشلەتسە رۇسىيە قىساس ئالىدۇ دېدى.
بۇندىن باشقا، يېقىن ئىتتىپاقدىشى ئىسرائىلىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى بىردىن بىر مۇسۇلمان دۆلەت تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى قارشىلىشىش ۋە بىر قاتار كونسېرۋاتىپ ئىسلام ھاكىمىيىتى ئەرەب باھارىدا ئارقا ئارقىدىن ئوتتۇرغا چىقىشى بىلەن پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ بۇندىن كېيىنكى كۈچى يەنىمۇ پارچىلىنىدۇ، بۇ داۋالغۇش ۋە بىرىكىشكە مۆلچەرلىگۈسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئامېرىكىنىڭ ھازىر ئىنتايىن مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتقان ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى بىر بىرلەپ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى بارمۇ يوق، بۇ تېخىمۇ چوڭ مالىمانچىلىقپەيدا قىلامدۇ -يوق؟ كىشىلەر بۇ تۆت كۆزى بىلەن كۈتمەكتە.
مەنبە:
http://www.uycnr.com