باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1175 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: نېمىدىن بىئارام بولىۋاتىسەن؟
MUJAHIT
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9335
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 68
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە68دانە
ئۆسۈش: 390 %
مۇنبەر پۇلى: 967 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-21
ئاخىرقى: 2012-01-04
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-15 20:40

نېمىدىن بىئارام بولىۋاتىسەن؟

نېمىدىن بىئارام بولىۋاتىسەن؟                                                       
ئەنسارى جابىر ئىبنى ئابدۇللادىن رىۋايەت قىلىنىشىچە،سەئلەبە ئىبنى ئبدۇراھمان ئىسىملىك بىر ئەنسارى يىگىت ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام(ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) نىڭ يېنىدا يۈگۈر-يىتىم ئىشلارنى قىلاتتى. ئۇنى بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام(ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) مەلۇم بىر ئىشقا ئەۋەتكەندە ئۇ ئەنسارىلارنىڭ بىرىنىڭ ئىشىك ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ،،يۇيۇنىۋاتقان بىر ئايالغا قاراپ تاشلاپ،قىلغان ئىشى ھەققىدە پەيغەمبىرىمىز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) گە ۋەھىي چۈشۈپ قېلىشىدىن قورقۇپ،مەككە مەدىنە ئارىسىدىكى تاغقا قېچىپ چىقىپ كېتىدۇ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام(ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) قىرىق كۈنگىچە ئۇنىڭ ئىز-دىرىكىنى ئالالمايدۇ.
جىبرىئىل ئەلەيھىسالام چۈشۈپ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام(ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) غا "ئى،مۇھەممەد(ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) پەرۋەردىگارىڭدىن ساڭا سالام،ئۈممىتىڭدىن بىر كىشى،مەككە مەدىنە ئارىسىدىكى تاغلاردا ئازابىمدىن پاناھ تىلەۋاتىدۇ" دەيدۇ.
ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام(ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!)  ئۆمەر،سالمان ئىككىسىنى سەئلەبە ئىبنى ئابدۇراھماننى  باشلاپ كېلىشكە بۇيرۇيدۇ.ئۇ ئىككىسى مەدىنىدىن چىقىپ، زۇفافە ئىسىملىك بىر پادىچىنى ئۇچرىتىدۇ.ئۆمەر(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!)ئۇنىڭدىن سەئلەبە ئىسىملىك بىر ياشنىڭ بۇ تاغلاردا سەرسان بولۇپ يۈرگەنلىكىنى بىلەمسەن؟" دەپ سورايدۇ.
ئۇ:سىلەرنىڭ دېگىنىڭلار دوزاختىن پاناھ تىلەپ يۈرگەن ھېلىقى كىشى بولمىسۇن-يەنە؟! دېگەندە ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!)ئۇنىڭ جەھەننەمدىن قاچقۇچى ئىكەنلىكىنى سەن قانداق بىلدىڭ؟-دەپ سورىغاندا، ئۇ پادىچى:
"چۈنكى ئۇ ھەر كۈنى تۈن نىسپىدە تاغدىن چىقىپ،بېشىنى چاڭگاللىغان ھالدا:"ئى، راببىم،روھىمنى روھلار بىلەن جىسمىمنى جەسەتلەر بىلەن قەبزى روھ قىلىپ،ھۆكۈم كۈنى مېنى چىقارمىغان بولساڭچۇ كاشكى!"دەپ ھەسرەت-نادامەت بىلەن قېشىمىزغا كېلىدۇ."دەپ جاۋاپ بىرىدۇ.
ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) ئىزدەۋاتقانلىرىنىڭ دەل ئاشۇ كىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.دېگەندەك شۇ كېچىسى،سەئلەبە ئاشۇ ھالەتتە ئاشۇ نىدالار بىلەن چىقىپ كېلىدۇ.
ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!)ظظ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنى قۇچاقلايدۇ.سەئلەبە ئونىڭدىن :
ھەي،ئۆمەر،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام(ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) گۇناھىمدىن خەۋەر تېپىپتىمۇ؟دەپ سورايدۇ.
ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) بىلمەيدىغانلىقىنى،پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئۇنى ئېلىپ كېلىشكە پەيغەمبىرىمىز(ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) نىڭ بۇيرىغانلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە سەئلەبەنى مەدىنىگە ئېلىپ كېلىپ،سەئلەبەنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن ئۇنى پەيغەمبىرىمىز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) ناماز ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا ئېلىپ كىرىشىدۇ. سەئلەبە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام(ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) نىڭ قىرائىتىنى ئاڭلىشى بىلەن بەدەن-بەدىنىنى تىترەك بېسىشقا باشلايدۇ. پەيغەمبىرىمىز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) نامازدىن كېيىن ،"ئۆمەر،سەلمان قېنى دەڭلار ، سەئلەبە نېمە ئىش قىپتۇ؟" دەپ سورىغاندا،ئۇلار:
سەئلەبەنىڭ ئىشلىرىنى بىرمۇ-بىر سۆزلەپ بىرىدۇ.
پەيغەمبىرىمىز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) ئورنىدىن تۇرۇپ، سەئلەبەنى يىنىك تەۋرىتىپ تۇرۇپ:
"مەندىن نېمىشقا قاچىسەن؟ نېمىشقا يوقاپ كېتىسەن؟" دەپ سورايدۇ.
-ئى،ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، مېنى سىلىدىن قاچۇرىۋاتقىنى گۇناھلىرىم.
-ئۇنداقتا،مەن ساڭا گۇناھنى يۇيۇپ، خاتالىقنى ئۆچۈرىدىغان بىر ئايەت ئۆگىتىپ قويسام قانداق؟
-بولىدۇ،يا رەسۇلىللاھ (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!)
پەيغەمبىرىمىز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!):"پەرۋەردىگارىم بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن،ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن،بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن"(رەببىنا ئاتىنا فىددۇنيا ھەسەنەتەن ،ۋەفىل ئاخىرەتى ھەسەنەتەن ،ۋەقىينا ئازابەننار) دىگەن ئايەتنى ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ.
ئۇ ،"ئى،ئاللاھنىڭ ئەلچىسى،مېنىڭ گۇناھىم بۈيۈك" دېگەندە ، پەيغەمبىرىمىز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) "بەلكى،ئاللاھنىڭ كالامى بۈيۈك" دەيدۇ-دە، ئۇنى ئۆيىگە قايتىشقا بۇيرۇيدۇ.
سەئلەبە سەككىز كۈن ئاغرىپ يېتىپ قالغاندىن كېيىن،سەلمان (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) پەيغەمبىرىمىز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!)گە "ئى، ئاللاھنىڭ  پەيغەمبىرى، سەئلەبە بىلەن كۆرۈشكىلىرى بارمۇ؟ ئۇنىڭ كېسىلى خېلىلا ئېغىرلىشىپ قالدى." دېگەنلەرنى يەتكۈزىدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام(ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) ئۇنىڭ يېنىغا ساھابىلىرىنى باشلاپ بېرىپ، سەئلەبەنىڭ بېشىنى كۆتۈرۈپ تىزىغا قۇيىۋىدى،ئۇ بېشىنى تارتىۋالىدۇ. سەۋەبىنى سورىسا، "بۇ بىر گۇناھقا تولۇپ كەتكەن باش" دەپ جاۋاپ بىرىدۇ.
رەسۇلىللاھ (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) نېمىدىن بىئارام بولىۋاتىسەن ؟ دەپ سورىغاندا، سەئلەبە :" تېرە-گۆشلىرىم ، ئۇستخان-سۆڭەكلىرىم ئارىسىدا چۈمۈلە مېڭىۋاتقاندەك ئارامسىزلىنىۋاتىمەن" دەپ ئۆز ھالىنى سۈرەتلەيدۇ.
ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەپەندىمىز:"كۆڭلۈڭ نېمىگە تارتىدۇ؟" دەپ سوئال قىلغاندا،ئۇ " پەرۋەردىگارىمنىڭ مەغفىرىتىنى" دەيدۇ.
شۇ ئەسنادا،جىبرىئىل ئەلەيھىسالام " ئى، مۇھەممەد (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!". پەرۋەردىگارىڭدىن ساڭا سالام ، ئەگەر بۇ بەندەم زىمىنغا تەڭداش گۇناھ بىلەن كەلسە،ئۇنى زىمىنغا تەڭداش مەغفىرىتىم بىلەن كۈتىۋالىمەن دېدى " دېگەن خەۋەرنى ئېلىپ چۈشكەندىن كېيىن پەيغەمبىرىمىز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) دىن بۇ خەۋەرنى ئىشىتكەن سەئلەبە قاتتىق بىر "ئاھ" ئۇرۇپلا جان ئۈزۈدۇ.
ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام(ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) ئۇنى يۇيۇپ،كېپەنلەتكەندىن كېيىن، نامىزىنى چۈشۈرۈشكە كېتىۋېتىپ،يول بويى پۇتلىرىنىڭ ئۇچىدا ئاۋايلاپ دەسسەپ،ئېھتىياتچانلىق بىلەن ماڭىدۇ.ساھابىلەر ئۇنى دەپنە قىلىۋاتقاندا،رەسۇلى ئەكرەمگە: " ئى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى،يول بويى پۇتلىرىنىڭ ئۇچىدا ئاۋايلاپ،ماڭغانلىقلىرىغا دىققەت قىلىپ قالدۇق-يا!" دېگەندە،پەيغەمبىرىمىز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) :"مېنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن زات بىلەن قەسەمكى،ئۇنى ئۇزۇتۇش ئۈچۈن چۈشكەن پەرىشتە - مالائىكىلارنىڭ كۆپلىكىدىن پۇتۇمنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالدىم " دېگەن ئىكەن.     مەنبە = شوخ كىنو تورى                                                                                    
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(rabiya)
  • مۇنبەر پۇلى:+1(arzuyum) مەنپەئەتلىك& ..
  • ھەممىز  ئاللانىڭ  دەرگاھىغا  قايىتقۇچلارمىز ...
    amallar niyatka baglik
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9656
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 64
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە64دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 640 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-11-19
    ئاخىرقى: 2012-01-06
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-16 11:13

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ياخشڭ تىما يوللاپسىز ،ئاللا ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن .
    ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق!!!....