ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 19قەۋەتتىكى muhtarbay نىڭ 2011-12-14 11:40 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
قۇرئان تۇتۇپ قەسەم قىلىپ قۇمۇللۇق قوزغىلاڭچىلارنىڭ نۇرغۇن ئادىمىنىنىڭ جىنىغا زامىن بولغان لىنشۇفۇمۇ تەقۋادار تۇڭگانتى،ماجۇڭيۇڭنىڭ بارلىق ئەسكەرلىرىمۇ تەقۋادار تۇڭگان قىرىنداشلىرىڭلارنىڭ بالىلىرىتى،ماجۇڭيۇڭنىڭ ئەسكەرلىرى قەشقەردىلا ئولتۇرگەن ئادىمى 6000 ئاشىدۇ،باسقۇنچىلىققا ئۇچىرغان ئايال قىزلارنىڭ سانى يوق،قىرىندىشىم دەپ كىتىدىكەن ماۋۇ خەقنىڭ توۋۋا خۇدايىم،سەن خەق قىرىندىشىم دىگەن بىلەن ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بەرىبىر ئولجا ھىساپلىنىسىلەر
ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
ماۋۇ ئىنكاسىڭىزغا ماڭا قارىتىۋاتامسىز قانداق؟! ئەجەپ شۇلارنىڭ يامان تەرىپىنى كۆرۈپ تارىخنى يادىڭىزغا ئالالەيدىكەنسىزيۇ بىزنىڭ ئىچىمىزدىكى مەسىلىلەرنى كۆرەلمەيدىكەنسىزيا؟ بىزنىڭ ئىچىمىزدىمۇ مۇناپىقلار ئاز ئەمەس، ئاددىسى ئىچكىرگە بالىلارنى، قىزلارنى ئالداپ ئەكىرىپ يانچۇقچى، ئوغرى، بۇزۇق...........قىلىپ تەبىيلەۋاتقانلار، ئاشۇنداق قاراپ تۇرۇپ پۇل تىپىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مىللىتىدىكى قېرىنداشلىرىغىمۇ ھارامنى يىگۈزۈشتىن، زەھەر چەككۈزۈشتىن باش تارتمايۋاتقانلار ساماندەك. بۇرۇن يۇرتتىن چىقمىغىنىمدا بۇ ئەھۋاللارنى ئۇنچە ھىس قىلىپ كەتمەپتىكەنمەن. مۇساپىرچىلىقتا نۇرغۇن شەھەرلەرگە بارغانمۇ بولدۇم،ھەر يەردىكى شۇنداق تۈرلۈك ئېقىمدىكى مىللەتداشلىرىمنى كۆرۈپ بىر قىسىملىرىغا ھىسداشلىق قىلسام، بىر قىسىملىرىدىن يىرگىنىپمۇ قالدىم. ھەتتا بەزىدە ئاۋازىمنىڭ بارىچە بۇ كىشلەر مىنىڭ مىللىتىمدىن ئەمەس دەپ ۋارقىرغۇممۇ كەلدى لىكىن نەئىلاج تىنىۋالاي دىسەكمۇ تىنىۋالغىلى بولمايدىكەن.
ھەقىقەتەنمۇ سىز دىگەن تەرەپلەرنى بىزمۇ ئويلىماي قالمىدۇق. دەسلەپتە مۇشۇ ئىچكىرگە كەلگىنىمدە شۇ شىنجاڭدىكى ئويۇم بويىچە بۇ تۇڭگانلار تىلىدىن خەنزۇچە گەپ چىقىۋاتسا، تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ بىر قىسمىمۇ ماۋۇ خەنلەرگە ئوخشىسا قانداقمۇ بۇلار بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرغىلى بولىدۇ؟ دەپ ئۆزۈمنى چەتكە تارتىپمۇ يۈرگەن. مانا شۇ مىللەتتىن بولغان ياتاقدىشىم بىلەن بىر ياتاقدا تۆت يىلدىن بىرى بىللە تۇرۇش جەريانىدا، باشقا ئەتراپىمدىكى مىنىڭ ئىش-ھەركەتلىرىمنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇۋاتقان مۇشۇ جامائەت بىلەن ئارلىشىش جەريانىدا بۇلارنىڭ بىز ئويلاپ كەتكەندەك ھەممىسىنىڭ ئۇنچىۋالا ناچار ئەمەسلىكىنىمۇ ھىس قىلدىم.
قېرىندىشىمىز ئەلى دىگەندەك شۇلار ئاشخانىسىغا كىرىپ ناماز ۋاقتى بولۇپ ناماز ئوقۇيمىز دىسەك دەرھال تاھارەتكە سۇ تەڭلەپ جەينىمازنىمۇ سىلىپ بىرىدۇ. يۇرتتا بىر قانچە قېتىم بازارغا چىقىدىغان بولۇپ قېلىپ ناماز ۋاقتى بولغاندا بىرەر دۇككانغا كىرىپ ناماز ئوقۇۋالامەن دىسەم ھەتتا:<بۇ ناماز ئوقۇيدىغان جاي ئەمەس، ئۆيىڭىزگە بىرىپ ئوقۇڭ.>دىگەن قوپال مۇئامىلىگە ۋە ناماز ئوقۇغاننى كۆرۈپ باقمىغاندەك ھەيرانلىقتا قاراپ كەتكەن ئەھۋاللارنىمۇ كۆپ ئۇچراتتىم. مانا شۇ ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەھۋالى شۇنداق بولغىنىدەك بۇلار ئىچىدىمۇ ئىسلامدىكى قېرىنداشلىقنى ماھىيىتىدىن چۈشىنىدىغانلار ئاز ئەمەس.
بەلكىم سىز بىزنىڭ ھىس قىلغىنىمىزنى چۈشەنمىگەنلىكىتىن بىزلەرنى <ھالى مانا مۇشۇنداق ئىكەن.> دەپمۇ ئويلاپ قىلۋاتقانسىز؟ئەمما ھەقىقەتەن يەنىلا ھەقىقەت. بۇلارنىڭ شۇنداقلا بىزلەرنىڭ بۇرۇن ۋە كىيىن قىلغان گۇناھلىرىمىزنى،خاتالىقىمىزنى پەقەت ئاللاھ كۆرۈپ باھا بىرەلەيدۇ. ھەم قىيامەتتە خالىسا ئازاپ بىرىدۇ، خالىسا كەچۈرىدۇ.بۇنىڭغا بىز ئاخىرەتتىمۇ چوقۇم لەقۋا ۋە ياكى چوقۇم تەقۋادارلار قاتارىدىن بولالايدۇ دەپ باھا بىرىشكە تولىمۇ ئاجىز.
ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممەيلەنگە ھەقىقەتنى كۆرىدىغان كۆز ،ئاڭلايدىغان قۇلاق، سىزىدىغان قەلىب ئاتا قىلسۇن، ئارىمىزدىكى ئىشەنچىسىزلىكنى يوق قىلىپ شەيتاندىن يىراق قىلسۇن ئامىن!!!