باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2978 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 2/3     Go
تېما: لىن زېشۈينىڭ كارىز ھەققىدىكى خاتىرىسى
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1766
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 995
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە995دانە
ئۆسۈش: 400 %
مۇنبەر پۇلى: 10570 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-10
ئاخىرقى: 2012-05-09
10-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-13 21:20

بىزنىڭ مەھلىدىكى سېسىق كۆلنىمۇ ئېيتشلارغا قارغاندا چىڭ سۇلالىسىى ۋاقتىدا.لىن زېشۈ ۋاتاۋجى بىلەن كولاپ بىرپتىكەنمىش .
يىڭلمەس ئىرادە.
دوستلىشىش
ئەپەندىم111
نەۋرۇز
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9557
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 11
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە11دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 110 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-11
ئاخىرقى: 2012-03-03
11-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-13 23:58

    
ئەپەندىم111
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3032
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 371
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە371دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 2060 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2012-05-02
12-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-14 00:13

مەن كىچىكىمدە مەرمەر ئوينايمەندەپ كولىغان قۇدۇقلارمۇ ئاز ئەمەس. سۇ چىقمىغان بىلەن خىلى مەرمەر ئۇتۇپ قويتۇم.
تۇپراقتەك كەمتەر بول ....--
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3034
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1797
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1797دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 9326 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2012-05-04
13-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-14 01:00

كارىزىنى  لېن زېشۇ  دىگەن    قازدۇرغان بولسا  ، ئۇنداقتا  سەدىچىن  سېپىلىنى  مانا  مەن  سوقتۇرغان  .  ئالامەت  نۇمۇسسىز  خەق  جۇما  بۇ  ، تارخچىنىڭ  قاتلى  مۇشۇلاردىن  بەك  چىقىدۇ .
ئەللەر  ياخشى بىز  يامان ، ئەللەر بۇغداي بىز سامان ...
باتۇر بىر قېتىم ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق كۈندە ئۆلىدۇ.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6689
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 757
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە757دانە
ئۆسۈش: 6940 %
مۇنبەر پۇلى: 12647 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-24
ئاخىرقى: 2012-05-10
14-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-14 04:05

ئەسلىدە بىر قاينىغىم بار ئىدى...
[ بۇ يازمىنىmuzepper 2011-12-14 04:16قايتا تەھرىرلىد ]
ھەقىقى دوستۇ سادىق گەر زەھەر سۇنسا شېكەر دەپ بىل،
مەگەر دۈشمەن ساڭا ئەپلەپ شەكەر سۇنسا زەھەر دەپ بىل.
زىيان يەتكۈزسە دوستۇڭ پايدا دەپ بىل كۆڭلى تۈز بولغاچ،
شۇنىڭدەك دۈشمىنىڭ گەر پايدا يەتكۈزسە زەھەر دەپ بىل.
...
باتۇر بىر قېتىم ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق كۈندە ئۆلىدۇ.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6689
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 757
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە757دانە
ئۆسۈش: 6940 %
مۇنبەر پۇلى: 12647 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-24
ئاخىرقى: 2012-05-10
15-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-14 04:14

بىر خەن تارىخچىسى سەددىچىننى قوي، كالىلىرىمىز قېچىپ كەتمىسۇن دەپ ياسىغان ئىدۇچ دەپ يېزىپتىكەن. مانا ئەمدى تۇرپاندىكى كارىزنى لىنزېشوۋا مەن كولىغان دەپتىما؟ ئۇلار مايمۇننىڭ ھەيكىلىنىمۇ قاتۇرۇپ بۇلدى. ئۇلارغا گەپ قىلىدىغان يەردىنغۇ ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى بولمىسا... .
ھەقىقى دوستۇ سادىق گەر زەھەر سۇنسا شېكەر دەپ بىل،
مەگەر دۈشمەن ساڭا ئەپلەپ شەكەر سۇنسا زەھەر دەپ بىل.
زىيان يەتكۈزسە دوستۇڭ پايدا دەپ بىل كۆڭلى تۈز بولغاچ،
شۇنىڭدەك دۈشمىنىڭ گەر پايدا يەتكۈزسە زەھەر دەپ بىل.
...
ساددىلىقىم گونامو ؟!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1712
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 145
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە145دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 1585 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-09
ئاخىرقى: 2012-05-09
16-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-14 11:06

ئىشقىلىپ قايسىلا ساياەە ت ئورنىغا بارسا ، ئاشونداق قالايمىقان سوزلە پ ئادە منى جىلە قىلىپ قويىدو.
دوستلىشىش
oghuzkhan
مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن -- ئوغۇزنامە
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2866
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 338
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە338دانە
ئۆسۈش: 230 %
مۇنبەر پۇلى: 1995 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2012-05-09
17-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-14 12:31

--لىن زېشۈ   كارىزنى كىم ئارقىلىق قېزىپتىكەن؟
--- ئۇيغۇرلارغا قازدۇرۇپتىكەن .
---  ئۇ كىشىلەر نەدىن كەپتىكەن ؟
--- شۇ يەردە بار ئىكەنتۇق .
--- كارىز  بولمىسا، سۇ بولمىسا بۇ ئۇيغۇرلار چۆلدە قانداق ياشاپتىكەن ؟
--- بۇ بۇ . بۇۇبۇۇبۇ
================
مانا بۇ  ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن مەملىكەتنى ئايلىنىپ چىقىپ ، ھەر خىل رەسىملەرنى تارتىپ  ،  بۇ رەسىملەرنى ئالى مەكتەپلەردە كۆرگەزمە قىلغان بىر خەن ساياھەتچىسى بىلەن  ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىئالوگى ئىدى .
Men Uyghurlarning Khakanimen
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6651
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 13
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە13دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 217 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-22
ئاخىرقى: 2012-03-24
18-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-14 21:34

                                          كارىزنى كىم كەشىپ قىلغان؟  
                                           ئابلىز مۇھەممەت سايرامى
ھاياتلىقنىڭ بۇلىقى، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قېنى ھېسابلانغان كارىز — يۇرتىمىز شىنجاڭدا ناھايىتى قەدىمكى زامانلاردىلا بار ئىدى ۋە ئەمگەكچان ئەجداتلىرىمىزنىڭ تېرىكچىلىك قىلىپ ئۆز ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان.
ھازىرمۇ دىيارىمىزدا كارىزلا خېلى بار بولۇپ (يىلدىن – يىلغا ئازلاۋاتقان بولسىمۇ ) ئاساسەن: تۇرپان، قۇمۇل، پىچان، توخسۇن، گۇچۇڭ، مورى، ئاراتۈرۈك، بارىكۆل قاتارلىق جايلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تۇرپان ۋىلايىتىدىكى كارىزلرا كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. تۇرپاندىكى كارىزلارنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 5000 – 7000 كىلومېتىرغىچە بولۇپ، ئادەتتە يالغۇز كارىزلاردىنلا 400 – 800 كۇب مېتىر سۇ چىقىدۇ. بەزى كارىزلارنىڭ 7000 كۇب مېتىرغىمۇ يېتىدۇ. بۇ كارىزلارنىڭ يىللىق سۇ مىقدارى 900 مىڭ كۇب مېتىرغا يېتىدۇ. ئادەتتە بىر كارىزنىڭ 3 كىلومېتىر قىسمىدا 100 دىن كۆپرەك كارىز قۇدىقى بولىدۇ. بۇ قۇدۇقلارنىڭ ئەڭ چوڭقۇرى 100 مېتىردىن ئاشىدۇ. تېيىزلىرىمۇ بىرقانچە مېتىر بولىدۇ. بۇ قۇدۇقلارنىڭ ئەڭ چوڭقۇر ئارىلىقى تۆۋەن ئېقىندا قىسقاراق، يۇقۇرلىغانچە ئۇزۇنراق بولىدۇ.
كارىزنىڭ ئېقىن، سۇ ئۆستەڭلىرى بىلەن ئوخشاشمايدىغان يېرى، كارىز سۈيى قۇياشنىڭ ئۆتكۈر نۇرىدىن خالى بولغاچقا، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىپ كېتىشى ئاز بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. يىللىق يامغۇر مىقدارى 16.4 كە باراۋەر بولغان قەدىمقى تارىم ئويمانلىقىدا كارىز ئۆز قۇدرىتىنى قانچىلىك جارى قىلدۇرغان بولغىيىتتى؟ بۇنى ھازىرقى تۇرمىشىمىز ۋە ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىمىز بىلەن تەسەۋۋۇر قىلىپ يېتىشىمىز ئۇنچە ئاسان ئەمەس.
1980 – يىللاردىن بۇيان، دىيارىمىز شىنجاڭدىكى جۈملىدىن تۇرپان ئويمانلىقىدىكى كارىزلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى تەتقىق قىلىش قىزىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەقتە بىر قاتار تالاش – تارتىش ۋە بەس مۇنازىرىلەر بولۇپ ئۆتتى. «مەخسۇس شىنجاڭدىكى كارىزلار ھەققىدە 1939 – يىل 11 – ئايدىن 1987 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، خەنزۇ يېزىقىدا چوڭ – كىچىك 37 پارچە، ئۇيغۇر يېزىقىدا 10 پارچە ئەتراپىدا ماقالە ئېلان قىلىندى». بۇ بەس – مۇنازىرە جەريانىدا لىن زېشۈينىڭ شىنجاڭ خەلقىگە كارىز قېزىشنى ئۆگەتكەنلىگى ھەققىدىكى «فانتازىيىلىك» ماقالىلەرمۇ ئالاھىدە بىرخىل كۆز قاراش سۈپىتىدە ئىلىم ساھەسىدىكى مۇنازىرە سورىنىغا كىرىپ كەلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىزمۇ «ئۆزىمىزنىڭ» بەزى كۆز قاراش ۋە دەلىل – ئىسپاتلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقايلى.
ھازىرغىچە مەخسۇس شىنجاڭنىڭ كارىزلىرى ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلەر
ئارىسىدا تاۋ يۈئەنجېننىڭ «لىن زېشۈينىڭ سۇنى تېزگىنلىشى ۋە شىنجاڭنى ئېچىشتىكى تىرىشچانلىقلىرى» ( «گولۇن» ژورنىلىنىڭ 39 – يىللىق 11 – سانىدا ... )، جۇڭ شىننىڭ «لىن زېشۈينىڭ سۇنى تىزگىنلىشى» ( «جۇڭگو ياشلار گېزىتى» 1961 – يىل 10 – سىنتابر سانىدا .... )، نەن خۇنىڭ «شىنجاڭدىكى لىن زېشۈي گۇڭ قۇدىقى» («مەركەز گېزىتى» 1962 – يىل 11 – مارت سانىدا ... )، لەن خۇڭپۇنىڭ «لىن زېشۈي ۋە ئىلى ئېتىز – ئېرىق سۇ قۇرۇلىشى» («شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى» 1986 – يىل 5 – سان... )، ليۇ جۇڭشىڭنىڭ «كارىز — قۇملۇقتىكى ھاياتلىق بۇلۇقى» («غەربى شىمال خەۋەرلىرى» 1948 – يىل 3 – جىلد 2 – سان ... )، جاڭ جۇڭشىڭنىڭ «شىنجاڭنىڭ كارىزلىرى» («ئوقۇتۇش خەۋەرلىرى» 1982 – يىل 1 – سان ... )، شيۇڭ مۇگاڭنىڭ «تۇرپاننىڭ كارىزلىرى» («جۇغراپىيە بىلىملىرى» 1982 – يىل – 4 – سان ... ) قاتارلىقلاردا شىنجاڭدىكى كارىزلار لىن زېشۈينىڭ «كەشپىياتى» قىلىپ كۆرسۈتۈلۈپ، ئۇ شىنجاڭغا سۈرگۈن بولۇپ كەلگەندىن كىيىن، يەرلىك خەلقلەرگە سۇ قۇرۇلۇشى ئىنشائاتى ۋە كارىز قېزىش تېخنىكىسىنى ئۆگەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئەپسۇسكى، ياڭ گوجېن تۈزگەن «لىن زېشۈي پۈتۈكلىرى» (1981 – يىل فۇجىيەن خەلق نەشىرياتى نەشرى)، لىن زېشۈي «ئۆتكەن كۈنلەدىن خاتىرە» («جۇڭشەن داشۆ ئىلمىي ژورنىلى» 1984 – يىل 1 – سان ...)، ياڭ گوجېن يازغان «لىن زېشۈي تەرجىمىھالى» (1981 – يىل خەلق نەشىرياتى نەشرى) ۋە جۇڭ سەن داشۆ تارىخ فاكولتېتى تۈزگەن «لىن زېشۈي توپلىمى : ماقالىلەر» (1965 – يىل جۇڭخۇا نەشرىياتى نەشرى)، قاتارلىق ماتېرىياللاردا لىن زېشۈينىڭ كارىز قازغانلىقى ھەتتا كارىزنىڭ قېشىغا بېرىپ باققانلىقى ھەققىدىمۇ ھېچقانداق سۆز ئىبارىلەر يوق. پەقەت «لىن زېشۈي ئاچىسۇ ئۆستىڭىنىڭ سۇ بېشى قۇرۇلۇشىغا قاتناشتى» دېيىلگەندىن باشقا مەلۇماتنى كۆرگىلى بولمايدۇ.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان خاتىرىلەردىن قارىغاندا، لىن زېشۈي خان يارلىقىغا ئاساسەن شىنجاڭغا سۈرگۈن قىلىنىپ «يەنە بىر قىسىم ماتېرىياللاردا، خاننىڭ تەۋسىيەسى بىلەن شىنجاڭغا پاناھلىنىشقا كەلگەن دېيىلىدۇ» داۋگۇاڭنىڭ 22 – يىلى 7 – ئاينىڭ 6 – كۈنى (مىلادى 1842 – يىل 8 – ئاينىڭ 11 – كۈنى) شىئەندىن يولغا چىقىپ، 121 كۈنلۈك جاپالىق يول يۈرۈش ئارقىلىق، 10 – ئاينىڭ 9 – كۈنى (مىلادى 1842 – يىل 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنى) ئىلىدىكى كۈرە شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن، بۇ ۋاقىتلاردا سۈرگۈن قىلىنغان، پالانغان ئەمەلدارلار شىنجاڭغا كەلگەندىن كىيىن، يەرلىك ئامباللارنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن چامىسى يەتكۈدەك ئىشلارنى قىلىپ، ئوردىغا خىزمەت كۆرسىتىپ، ۋاقتى كەلگەندە قايتا خىزمەتكە قويۇلاتتى. شۇڭا لىن زېشۈينىڭمۇ خىزمەت كۆرسىتىپ بالدۇرراق مەنسەپ ئورنىغا قايتىپ بېرىش ئارزۇسى بولغاچقا، ئىلى جاڭجۈنى بۇ يەنتەينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭغا يەر تەكشۈرۈشكە بارماقچى بولغان، چۈنكى ئۇ تەرەپلەردە يەر كۆپ، سۇ مەنبەسى مول، ئاھالىلەر شالاڭ، تۇرمۇش باياشات، تەبىئى بايلىقى ھەر تەرەپتىن ئەۋزەل بولغاچقا، شەنشى، سەنشى، قاتارلىق ئىچكىرىدىكى جايلاردىن زور تۈركۈمدىكى ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈپ كېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، خانغا ساداقىتىنى كۆرسۈتۈپ «گۇناھىنى» يۇيۇپ، دىيانەتلىك ئەمەلدار بولۇشقا تىرىشقان. شۇڭا لىن زېشۈي داۋگۇاڭنىڭ 24 – يىلى 12 – ئاينىڭ 17 – كۈنى (مىلادى 1845 – يىل 1 – ئاينىڭ 17 – كۈنى) 3 – ئوغلى سۇڭ يى بىلەن كۈرە شەھىرىدىن جەنۇبى شىنجاڭغا قاراپ يولغا چىقىپ، داۋگۇاڭنىڭ 25 – يىلى 2 – ئاينىڭ 15 – كۈنى (مىلادى 1845 – يىل 3 – ئاينىڭ 23 – كۈنى) كۈچارغا، 2 – ئاينىڭ 30 – كۈنى (مىلادى 4 – ئاينىڭ 11 – كۈنى) ئاقسۇغا، 3 – ئاينىڭ 28 – كۈنى (مىلادى 5 – ئاينىڭ 4 – كۈنى) خوتەنگە، 4 – ئاينىڭ 15 – كۈنى (مىلادى 5 – ئاينىڭ 25 – كۈنى) قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن، لىن زېشۈي بۇ يەرلەرنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، يەنە بارچۇق (مارالبېشى)، ئاقسۇ، باي، كۇچارلاردىن ئۆتۈپ، 6 – ئاينىڭ 8 – كۈنى (مىلادى 7 – ئاينىڭ 12 – كۈنى) قاراشەھەرگە كەلگەن، 6 – ئاينىڭ 22 – كۈنى (مىلادى 7 – ئاينىڭ 26 – كۈنى) قۇمۇلغا قاراپ يولغا چىققان، 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنى (مىلادى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ) قۇمۇلدىن يېنىپ تۇرپان ئارقىلىق توقسۇنغا يېتىپ كەلگەن.
لىن زېشۈي مۇشۇ بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، 17 مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈپ، 689 مىڭ 718 مو يەرنى تەكشۈرگەن ۋە ئىچكىرىدىن نەچچە تۈركۈم خەنزۇ پۇقرالارنى ئېلىپ چىقىپ، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ يېرى كەڭ، بايلىقى مول زىمىنغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تامامەن بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. ئۇ بۇ ھەقتە كونكرېتنى لاھىيە ماتېرىيالنى ئىشلەپ پۈتتۈرۈپ، بۇ ماتېرىيالنى ئىلى جاڭجۈنى بۇ يەنتەي ئارقىلىق خانغا يوللىغان. ئوردا دانىشمەنلىرى لىن زېشۈينىڭ بۇ ئۇلۇغۋار پىلانىغا قايىل بولۇپ، ئۇنى خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ھېسابلىغان، ھەمدە بۇنىڭ بىلەن خاننىڭ «لىن زېشۈيگە 4 – ياكى 5 – دەرىجىلىك كاندىدات ئوردا بېگىلىك مەرتىۋە بېرىشىنى تەۋسىيە قىلغان». خان بۇ توغرىلىق پەرمان چۈشۈرگەندىن كىيىن، لىن زېشۈي قۇمۇلدىكى ۋەزىپىسىنى تېخى تۈگەتمەي تۇرۇپلا، ئالدىراپلا ئىچكىرىگە ماڭغان.
لىن زېشۈي شىنجاڭدا تۇرغان 3 يىل جەريانىدا يېزىپ چىققان «ئۆتكەن كۈنلەردىن خاتىرە» (جۇڭشەن داشۆ ئىلمىي ژورنىلى، 1984 - يىل 1 - سان ...) دىمۇ كارىز ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق. يەنە كېلىپ ياڭ گوجۇڭ يازغان «لىن زېشۈي تەرجىمىھالى» (1981 – يىل خەلق نەشرىياتى نەشرى) دېگەن كىتابتىمۇ، لىن زېشۈي بۇرۇن جياڭسۇ قاتارلىق جايلاردا مەنسەپتە ئولتۇرغاندا، سۇ قۇرۇلۇشى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقى ياكى ئېرىق – ئۆستەڭ ۋە كارىز قېزىشتىن خەۋىرى بارلىقى ھەققىدىمۇ ھېچقانداق مەلۇمات يوق. ئۇنداق بولسا، قانداق قىلىپ لىن زېشۈي قانداقلارچە سۇ قۇرۇلۇشى ئىنشائاتى مۇتەخەسسىسى ۋە كارىزنىڭ كەشپىياتچىسى بولۇپ قالىدۇ؟ لىن زېشۈينىڭ، كارىزنىڭ كەشپىياتچىسى ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان يەنە قانداق تارىخى ئىسپاتلىق ھۆججەتلەر بار؟
كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان يېرى شۇكى، «چەت ئەل»لىكلەرنىڭ ئەپيۇن ئېلىپ كىرىشى ۋە جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەپيۇن چېكىشىگە قارشى كۈرەش قىلغان «مىللەتپەرۋەر» لىن زېشۈي ئەمدىلىكتە شىنجاڭدىكى 3 يىللىق سۈرگۈنلۈك ھاياتىدا «سۇ قۇرۇلۇشى ئىنشائاتى ۋە كارىزنىڭ كەشپىياتچىسى» قىلىنىپ يۇقۇرىدىكى ئاپتورلار تەرىپىدىن «ئالىم»، «مۇتەخەسسىس»، «كەشپىياتچى» ۋە «ئىنژىنېر» دېگەندەك ئىلمىي «ئۇنۋان» لارغىمۇ ئىگە بولۇپ قالغان، قىسقىسى مىللەتپەرۋەر لىن زېشۈي بىر نەچچە «خەنزۇ» ئاپتورلارنىڭ «قەلەم» تەۋرىتىشى بىلەنلا ماھىيىتىنى ئۆزگەرتىپ «كارىزنىڭ كەشپىياتچىسى» بولۇپ قالغان؟
تۆۋەندىكى قۇرلارنى كۆرۈپ ئۆتۈڭ ! نىمە دەيسىزكىن:
ئانا يۇرتىمىز «شىنجاڭ»دىكى كارىزلارنىڭ كەشپىياتچىسى ھەم قانۇنى ئىگىسى «قانۇنى مىراسخورى» ئۇيغۇرلار، قەدىمكى شىنجاڭ ماكانىنى ئېچىپ باغۇ – بوستان قىلغان يەنىلا شۇ ئۇيغۇرلار. دېگەننى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى تارىخى پاكىتلىق يازمىلارنى كۆرۈپ باقايلى !!!
1) 1954 – موسكۋادا رۇسچە نەشر قىلىنغان «چەت تىللار لوغىتى»دە كارىزنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ كەشپىياتى ئىكەنلىكى نۇرغۇن قايىل قىلارلىق پاكىت ئاساسلار بىلەن ئىسپاتلاپ بېرىلگەن. شۇ لۇغەتنىڭ 388 – بېتىدىكى «كارىز ماددىسى» دېگەن قىسمىدا مۇنداق دىيىلگەن: «كارىز — تۈرۈكچە (ئۇيغۇرچە) سۆز، ئۇ نۇرغۇن قۇدۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، يەر سۈڭگۈچ (گاللېريە) ئارقىلىق قۇدۇقلارنى تۇتاشتۇرۇپ، يەر ئاستى سۈيىنى باشلاپ چىقىدىغان ئىنشائات، كارىز ئاساسەن جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايونىدا كۆپ بولۇپ، بۇ شۇ زېمىندا ياشىغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك كەشپىياتى، كارىز شىنجاڭدىن باشقا يەنە ئىران. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازلادا ئوموملاشقان» دېيىلگەن.
2) مەرھۇم سوۋېت ئىتتىپاقى قىرغىزىستان ئالىمى، پروفىسسور، دوكتۇر نارىنبايېف 1988 – يىلى نەشىردىن چىققان «ئۇيغۇرلارنىڭ 19 – ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى فىلوسوفىيىلىك تەپەككۇرى» دېگەن كىتابنىڭ 11 – بېتىدە: «ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 2 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئىجاد قىلغان كارىزى (2500 – يىللىق يەر ئاستى ئۆستىڭى) ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ باي، يۈكسەك مەدەنىيىتى بىلەن ماختىشىمىزغا ھەقلىق» دەپ يازغان.
3) مەرھۇم سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىمى، جۇغراپىيەشۇناس، ھايۋاناتشۇناس گروم گرژمايلوف 1884 – 1890 – يىللىرى تۇرپان ئويمانلىقىغا كېلىپ، مەخسۇس ئۆگىنىپ كارىز توغۇرلۇق مۇنداق يازغان: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجايىب پاراسەتلىك بىلەن تۇرپان ئويمانلىقىدا ئىجاد قىلغان ھەيۋەتلىك يەر ئاستى قۇرۇلۇشى، قەدىمكى كارىز سۇ ئىنشائاتى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ قەدىمكى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي تاپقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ كارىزى مىسىرلىقلارنىڭ پرامىداسىدىن قېلىشمايدىغان، قايىل قىلارلىق كۈچكە ئىگە سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىدۇر...».
4) 1934 – يىلى موسكۋادا نەشىردىن چىققان ۋە پروفىسسور ۋ . س . ئوۋدوف يازغان يېزا ئىگىلىك سۇ ئىنشائاتى كىتابىنىڭ كىرىش سۆزىدە: «تۈرۈك (ئۇيغۇر) خەلقىنىڭ سۇ مىرلىقلىرى (تېخنىكلىرى، قۇرۇلۇشچىلىرى) مىلادىدىن 3000 يىل بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسىيادىن شەتتولىئە ( ئىفرات ) تەرەپكە بېرىپ شەھەرنى ۋە باغلارنى (ئېتىز ۋە ئېكىنزارلىقلارنى) سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن كارىز ئارقىلىق ئۆستەڭ تورىنى قۇرغان» دەپ يېزىلغان.
5) 1986 – يىلى كۈزدە، توخسۇن ناھىيىسىنىڭ كۆرجەي (كۆك جاي) يېزىسى تەۋەسىدىكى تاغلىقتىن بىر تۈركۈم قىيا تاش رەسىملىرى بايقالغان، مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نەق مەيدان تەكشۈرىشى نەتىجىسىدە، بۇ قىياتاش رەسىملىرى ئىچىدىن بىر «تاش خەرىتە» تېپىلغان ھەمدە خەرىتە ئىچىگە 60 نەچچە ئېقىن سۇ، بۇلاق ۋە كۆلنىڭ ئېنىق كۆرۈنۈشى چۈشۈرۈلگەن. 1989 – يىل 8 – ئايدا، نىياز كېرىم ئەپەندى (شىنجاڭ نېفىت ئىنىستىتوتىدىن) بۇ «خەرىتە»نى يەنە بىر قېتىم ئىنچىكىلەپ كۈزۈتۈپ نۇرغۇنلىغان ئېقىنلار، كۆللەر، بۇلاقلار ۋە بىر قۇدۇقلۇق «ئىپتىدائىي كارىز» سۈرىتىنى بايقىغان. 1990 – يىلى مارتتا ئالاقىدار ئالىم، مۇتەخەسسىسلەر بۇ «تاش خەرىتە»نى قايتا تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭدا ئېقىنلار، كۆللەر ۋە ئىپتىدائىي كارىزلارنىڭ سۈرىتى بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئارخىئولوگلار بۇ «تاش خەرىتە» بار قىياتاش رەسىملىرىنى بۇنىڭدىن 4000 — 6000 يىللار بۇرۇنقى مەزگىللەردىن تارتىپ قەدىمقى تۈرۈك خانلىقى دەۋرىگىچە داۋاملاشتۇرغان.
دېمەك يۇقىرىقى تارىخى پاكىتلار ۋە ئارخىئولوگىيىلىك ماددى ئىسپاتلاردىن مەلۇمكى، شىنجاڭدىكى كارىزلارنىڭ كەشپىياتچىسى «ھەرگىزمۇ بۇنىڭدىن 165 يىل ئىلگىرى شىنجاڭغا سۈرگۈن قىلىنغان، لىن زېشۈي ئەمەس» بەلكى يەرلىك مىللەت ئۇيغۇرلاردۇر. دېمەك لىن زېشۈي شىنجاڭغا پالىنىشتىن 4000 — 6000 يىللار ئىلگىرىلا ئەجدادلىرىمىز ئاللىقاچان كارىزنى كەشىپ قىلىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كەلگەن، ھەتتا ئۇنى «تاش خەرىتە»گىمۇ ئېلىپ (سىزىپ) بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن يەرلىك مىللەت ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ياراتقان شانلىق مەدەنىيەت – سەنئەت، پەن – تېخنىكا ۋە كەشپىيات مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى، نەمۇنىلىرىنى يەكۈنلىگەندە قانداقتۇر «بۇ مەدەنىيەت ئىگىلىرى باشقا جايلاردىن كۆچۈپ كەلگەن بولىشى مۇمكىن ....»، « پالانى ئۆلكىنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولغان ئوخشايدۇ ....»، «پالانى يەردىن كەلگەن جاڭ xx ، ۋاڭ xx ئۇستاملارنىڭ يەرلىك خەلق (ئۇيغۇر)لارغا ئۈگىتىشى بىلەن بارلىققا كەلگەن ئوخشايدۇ ....» دېگەندەك تۇتامى يوق، بىر تەرەپلىمە «يەكۈن»لەر ئەمدى تارىخ سەھنىسىدىن يوقالسۇن !!! ھەم يوقۇلىشى كېرەك.
يۇرتىمىز شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بىر قىسىم تارىخچىلارنىڭ سۈرگۈن لىن زېشۈيدىن ئىبارەت بۇ تىپنى تۇتىۋېلىپ، شىنجاڭدىكى كارىزلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىنى بۇرمىلىماقچى بولغانلىقى تولىمۇ غەلىتىلىك، تولىمۇ بىمەنىلىك. بۇ باشقىلارنىڭ ئەمەس، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزنىڭ دۇنيا مىللەتلىرى مەدىنىيىتىگە قوشقان ئۇلۇق تۆھپىسىدىن ئىبارەت..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10021
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 8
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە8دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 80 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-12
ئاخىرقى: 2012-01-02
19-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-16 16:35

بۇئۇيغۇرلانىڭ ھەققى باتۇرلىغىنى بىلدۇرۇدىغۇ دەي       ما     بىزمۇ  ئۇيغۇر   جۇ مۇ       ؟
ئاللا ئۈچۈن