قۇياش-ئاينىڭ تۇتۇلىشى ۋە مۇسۇلماننىڭ ئۇنداق ھادىسىگە بولغان مەيدانى
قۇياش-ئاينىڭ تۇتۇلىشى قانداق ھادىسە؟ بۇنداق ھادىسە يۈز بەرگەندە بىز نىمە قىلىمىز؟
ج ؛ اللە غا ئەڭ گۈزۈل مەدھىيەلەر بولسۇن! اللەنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا، .ئۇنىڭ ساھابىللىرىگە، ئۇنىڭغا ئەگەشكەن سالىھ كىشلەرگە قىيامەت كۈنىگىچە سالاملار بولسۇن!
رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە كۈن تۇتۇلغاندا رەسۇلۇللاھ بىر كىشىنى جامائەتنى توپلاشقا بۇيرىغان، توپلانغان جامائەتكە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇغان، خۇتبىگە چىقىپ قۇياش-ئاينىڭ تۇتۇلۇش ھىكمىتىنى بايان قىلىپ خۇراپىي كۆز قاراشلارغا رەددىيە بەرگەن.
رەسۇلۇللاھ؛ قۇياش-ئاينىڭ تۇتۇلىشى اللە نىڭ مۆجىزىللىرىدىن بىر مۆجىزە، قۇياش بىلەن ئاي بىرەر شەخسنىڭ ئۆلىمى ياكى ھاياتى سەۋەبلىك تۇتۇلمايدۇ، قۇياش-ئاينىڭ تۇتۇلغىنىنى كۆرسەڭلار اللە غا دۇئا قىلىڭلار! تەكبىر ئېتىڭلار! ناماز ئوقۇڭلار ۋە سەدىقە بىرىڭلار! دىگەن.
گەرچە ھازىرقى زامان تەرەققىياتىدا مۇتەخەسسىسلەر سەييارىلەرنىڭ ھەركەت يۆلنىشى، سۈرئىتى قاتارلىقلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئالدىنئالا قايسى ۋاقىتتا، قايسى ئورۇندا قوياش ياكى ئاينىڭ تۇتۇلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئېنىق قىياسىنى ئوتتۇرغا قويالىسىمۇ قوياش ياكى ئاينىڭ تۇتۇلىشىنى توسۇش، ياكى تۇتۇلۇش ۋاقتىنى ئىلگىرى-كېيىن قىلمايدۇ
قۇياش-ئاينى تۇتۇلدۇرۇپ اللە ئەقىللىق بەندىللىرىگە قۇرئاندا زىكرى قىلىنغان، قىيامەت بولغاندا يۈز بىردىغان - كۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا(سۈرە تەكۋىر 1-2 ئايەتلەر) ، كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا(سۈرە قىيامەت7-دىن10-ئايەتكىچە) دىگەن ئالامەتلەرنى ئەسلىتىدۇ، قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ.
رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە كۈن تۇتۇلغاندا اللە تىن ھەقىقىي قورقىدىغان رەسۇلۇللاھ قىيامەت كەلگەن بولسا كېرەك دەپ قاتتىق چۈچۈپ كەتكەن، كىشىلەرنى جۇغلاپ ناماز ئوقۇغان.
ئەمما بىز تۇتۇلۇش بولغاندا تېلىسكوپ، دۇربۇن، كامېرالىرىمىزنى تەييارلاپ تۇتۇلۇشنى تاماششا قىلدۇق، تۇتۇلۇشنىڭ ھەقىقىي ھىكمىتىنى ئۇنتۇپ قالدۇق................... بۇ قەلبىمىزنىڭ قېتىپ كەتكەنلىكى، ئاخىرەتكە، قىيامەتنىڭ شىددىتىگە بولغان قورقۇنچىمىز ۋە شەرىئەتكە بولغان چۈشەنچە-مەقسەدلىرىمىزنىڭ نەقەدەر سۇسلاپ كەتكەنلىكى بولماي نىمە؟
اللە ھەممىزىنى قىيامەتتىن ھەر زامان ھەزەر ئەيلەيدىغان، اللە تىن ھەقىقىي قورقىدىغان بەندىللىرىدىن قىلسۇن!
مەنبە؛
http://www.islamqa.com/ar/ref/5901