2011–يىلىدىكى ئۇيغۇر تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئون چوڭ خەۋەر
ئاخىرلىشىش ئالدىدىكى2011 –يىلىنى ئەسلەپ ئۆتىدىغان بولساق بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا بىۋاستە ياكى ۋاسىتىلىق كۆرىستىدىغان نۇرغۇن ۋەقەلەر يۈز بەردى . بۇ يىل ئاجايىپ بىر يىل بولدى . نەچچە ئون يىللاپ ھوقۇق تۇتىۋالغان مۇستەبىت پادىشاھلار بىر كېچىدىلا گاداي بولدى ، يەر تەۋرەش دىگەندەك ئاپەتلەر ھەممەيلەننى قايغۇغا سالدى ، بارى ، مىرەھمەتتەك پۇتبۇل چولپانلىرى خەلقمىز قەلبىدىكى ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىنى ئويغاتتى ، ئەلۋەتتە بۇ ۋەقەلەر سىزنىڭ دىققەت نەزەرىڭىزىدىنمۇ چەتتە قالمىغاندۇ . تۆۋەندە تاراتمىلار تەرىپىدىن كەڭ تارقىتىلىپ ، روھى دۇنيايىمغا تەسىر كۆرسەتكەن ئون چوڭ ۋەقەنى تىزىپ چىقىتىم . تورداشلارمۇ پىكىر قاتناشتۇرسا 2011–يىلىدىكى 10چوڭ ۋەقەنى باھالاپ چىقساق . بۇ بىزنىڭ مۇشۇ ۋەقەلەرنىڭ شاھىتى ئىكەنلكىمىزگە شاھىت بولوپ قالىدۇ . باھالىغاندا ئامال بار تەسىرى چوڭ بولغانلىرىنى ، ئۆزىمىزنى كۆپچىلىكىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ باھالىساق .
1.ئەرەب باھارى ھەركىتى قوزغىلىپ تۇنىس زۇڭتۇڭى بىن ئەلى ، مىسىر زۇڭتۇڭى مۇبارەك ، لېۋىيە زۇڭتۇڭى قەززافى (كازافى) تەخىتتىن چۈشتى ، قەززافى ئۆلدى ،ئەلى ۋە مۇبارەك سوتقا تارتىلدى .
2.بىن لادىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى .
3.تۈركىيە ۋاندا ئېغىر يەر تەۋرىدى .
4.ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ۋاپات بولدى .
5.ئەلشىر نەۋائى تەۋەللۇتنىڭ 570يىللىقى خاتىرلەندى .
6.ھوشۇر ئىسلام جوڭگۇ قۇرۇلۇش پەنلىرى ئاكادىمىيىسنىڭ ئاكادىملىكىگە قوبۇل قىلىندى .
7.ئويغۇر تەنتەربىيە چولپانلىرى مەملىكەت سەھنىلىرىدە چاقنىدى .
8.پەلەستىن ب د ت دۇنيا پەن مائارىپ تەشكىلاتىغا ئەزا بولدى .
9.خوتەن ۋە قەشقەردە پىچاقىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەردى .
10.ئېلى ئوبلاستىدا 5.1بال ، قەشقەر ۋىلايىتىدە 5.2 بال يەر تەۋرىدى .