شىنخۇا ئاگىنتنلىقى قاھىرە 4-دېكابىر خەۋىرى:بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پىلان تۈزۈش مەھكىمىسى 4-دېكابىر قاھىرىدە ئېلان قىلىغان ئوتتۇرا شەرىق رايۇنىدىكى ئەيدىز كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە،بۇ رايۇندا ئەيدىز كېسىلى بىلەن يوقۇملانغانلارنىڭ سانى 2001-يىلدىكى 320 نىڭدىن 2010-يىلغا كەلگەندە470 مىڭغا يەتكەن،ئون يىلدا 150 مىڭ كۆپەيگەن.
سانلىق مەلۇمەتتا كۆرسىتىشىچە،بۇ رايۇندا ئەيدىز كېسىلى بىلەن يوقۇملىنىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 2001 يىلدىن يىغىپ ھېسابلىساق 22 مىڭدىن 2010 يىلغا كەلگەندە 35 مىڭغا يەتكەن.ئەگەر پاكىستان بىلەن ئافغانىستاننى قوشۇپ ھېسابلىساق،2010- يىلغا قەدەر بۇ رايۇندا ئەيدىز كېسىلى بىلەن يوقۇملىنىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى39 مىڭغا يېتىدۇ.
دوكلاتتا،ئوتتۇرا شەرىقتە ئەيدىز كېسىلى بىلەن يوقۇملىنىشنىڭ سەۋەبى كۆپرەك بولغىنى ئۇكۇل قىلىپ سېلىش،جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش،تۈرمىدىكى جىنايەتچىدىن يۇقۇملىنىش،ھەتتا چىش كولىغۇچ ياكى ساتىراشخانىدىكى بېرىتۋا قاتالىق نەرسىلەر ئىكەن.ئوتتۇرا شەرىقتە ئەيدىز كېسىلى بىلەن يوقۇملانغانلارنىڭ نىسبىتى جىبۇت،جەنۇبى سولتان،سۇمالىي قاتارلىق جايلاردىن باشقا جايلارنىڭ ھەر ھالدا نىسبەتەن تۆۋەن سەۋىيىدە.بۇ جايلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى مۇقۇم بولماسلىقى،ئەيدىز كېسىلىگە بولغان تونۇشىنىڭ ئاجىزلىقى،ئالدىنى ئېلىش ،ئاسراش تەدبىرلىرىنىڭ يىتەرلىك بولماسىلىقى ھەمدە ماددىي ئەشيا بىلەن تېخنىكىلىق قوللاشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئەھۋالى يەنىلا جىددىي ئىكەن.
بۇ دوكلاتتا ئېيتىشىچە ،نۆۋەتتە مىسىردا ئەيدىز كېسىلى بىلەن يوقۇملانغانلارنىڭ سانى 110 مىڭغا يەتكەن،ئەمما 1999-يىلى پەقەت 3000 يېقىن ئادەملا ئىدى.
مەنبە: news.sina.com.cn