
ئاق تاشلىق كىتاب بىردۆلەتنىڭ ياكى يىغىنىڭ رەسمى يۇسۇندائېلان قىلغان مۇھىم دوكىلات ياكى ھۆججەتلىرى بۇلۇپ، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكىمەتلىرى ئۇنى ئوخشىمىغان رەڭلەر بىلەن مۇقاۋىلاشقا ئادەتلەنگەن. ئاق رەڭلىك تاش ئىشلىتىلگىنى ئاق تاشلىق كىتاپ دىيىلىدۇ، كۆك رەڭدىكىسى كۆك تاشلىق كىتاپ دىيىلدۇ(ئەنگىلىيە ھۆكىمىتىنڭكىگە ئوخشاش)، يەنە تېخى قىزىل تاشلىق كىتاپ(ئىسپانىيە ھۆكىمىتىنىڭكىگە ئوخشاش)، سېرىق تاشلىق كىتاپ(فىرانسىيە ھۆكىمىتىنىڭكىگە ئوخشاش)، يىشىل تاشلىق كىتاپ (ئاۋىستىرالىيە ھۆكىمىنىڭكىگە ئوخشاش) دىگەنگە ئوخشاش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئوخشىمايدۇ. ئاق ۋە كۆك تاشلىق كىتاپنى ئىشلىتىدىغان دۆلەت ئەڭ كۆپ. بۇلۇپمۇ ئاق تاشلىق كىتاپ خەلىقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان رەسمىي ھۆكىمەت تەرەپ ھۆججىتىدۇر.
ئاق تاشلىق كىتاپ بەلكىم بىر كىتاپ بولىشىمۇ ياكى بىرەر پارچە ماقالە بولىشىمۇ مۇمكىن. ئاق تاشلىق كىتاپ رەسمىي ھالدىكى ھۆكىمەت تەرەپ ھۆججىتى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ھۆكىمەتنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، پاكىتى ئېنىق بولۇش، مەيدانى روشەن بۇلۇش، قۇرۇلمىسى قېلىپلاشقان بولۇش، سۆز جۈملىللىرى ئىخچام بولۇش قاتارلىق تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بىرىلىدۇ. ئەدەبى تۈسى بولمايدۇ. ئاق تاشلىق كىتاپنى بىر يۈرۈش ئىلان قىلشقىمۇ بولىدۇ، مەسلەن: جوڭگو دۆلەت مۇداپىئەسى ناملىق ئاقتاشلىق كىتاپ. بۇكىتاپ 1998-يىلدىن بىرى ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئېلان قىلىنىدۇ. ياكى مەلۇم ئالاھىدەشارائىتتا مەخسۇس ئىلان قىلىنىدۇ.مەسلەن غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقوق سىياسىتىگە قىلغان ھۇجۇمىغا قارىتا رەددىيە بىرىش ئۈچۈن ئېلان قىلىنغان دۆلىتىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقوق ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك ئاق تاشلىق كىتاپتەك.
سىلەرچە مۇشۇنداق چۈشۈنۈشكە بولامدۇ ؟
قېنى بىر چۈشەنچە بېرىپ باقساڭلار ...