مىللەتلەر نەشرىياتى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق، بىردىنبىر دۆلەت دەرىجىلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاخبارات – نەشرىيات ئورگىنى بولۇپ، جۇ ئېنلەي زۇڭلىنىڭ بىۋاسىتە قوللىشى ۋە تەستىقلىشى بىلەن 1953-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى قۇرۇلغان. ھازىر مىللەتلەر نەشرىياتىدا ئۇيغۇر، موڭغۇل، زاڭزۇ، قازاق، چاۋشيەن ۋە خەنزۇ تەھرىر بۆلۈملىرى بار. 400 گە يېقىن ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىسى ئىشلەيدۇ. مىللەتلەر نەشرىياتنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ قەدەمدە تەسىس قىلىنغان ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى ئۆزىنىڭ 60 يىلغا يېقىن تەرەققىيات مۇساپىسىدە كەسىپ، ساپا ۋە بىلىم قۇرۇلمىسى جەھەتلەردە تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرى، بولۇپمۇ شىنجاڭ رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوقۇرمەنلىرىنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم فاڭجېن-سىياسەتلىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقى، پەلسەپە، سىياسىي ئىقتىساد، تىل-ئەدەبىيات، تارىخ، مەدەنىيەت، دىن، تېبابەت، بالىلار ئوقۇشلۇقى قاتارلىق ساھەلەرگە ئائىت كۆپلىگەن كىتابلار بىلەن تەمىنلەپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى قامداش جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلدى. ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان دەۋر قەدىمى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئاكتىپ ماسلىشىپ، «قۇرئان كەرىم»، «قۇتادغۇبىلىك»، «تۈركىي تىللار دىۋانى» (خەنزۇچە)، «ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى» (بەش قىسىم)، «بىلىنمىگەن ئىچكى ئاسىيا»، «‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›دىن 11-ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيىتىگە نەزەر»، «ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي مىللەتلەر تارىخىدىن ئون ئىككى لېكسىيە»، «ھىدايەت گۈلزارى»، «تۆت خەلىپە»، «ھەزرىتى ئائىشە»، «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل»، «يېڭى ھايات»، «سەمەرقەنت»، «باھادىرنامە»، «تاغلار غۇلىغاندا»، «مىڭ يىل بۇرۇن، مىڭ يىل كېيىن: مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›»، «مەن كەچكەن كېچىكلەر»، «ئورخۇن ئابىدىلىرى»، «مۇھاكىمە ۋە بايان» قاتارلىق سەرخىل كىتابلارنى نەشر قىلىپ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىپ، ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈم ياراتتى. ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ھازىر 22 كىشى خىزمەت قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي مۇھەررىردىن ئۈچى، كاندىدات ئالىي مۇھەررىردىن بەشى، تەھرىر، كوررېكتوردىن 14ى بار. بىلىم قۇرۇلمىسى جەھەتتە دوكتور ئاسپرانتىدىن ئىككىسى، ماگىستىردىن بەشى بار. دەۋر مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، كەسپىي جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىپ، تىرىشىپ جاپالىق ئىشلەپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ نەشر قىلىپ تارقىتىپ، خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قامداش ۋە مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ھەسسە قوشۇش ئۇيغۇر بۆلۈمىدىكى مۇھەررىر يولداشلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋە يىراق كەلگۈسىدىكى خىزمەت نىشانىدۇر.
مەنبە:
http://www.uycnr.com/xs/mzcbs/201012/t20101207_69914.html