باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 734 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئوبامانىڭ ياردەمچىسى جۇبايدىن تۈركىيەنى زىيارەت قىلدى
a
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2631
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 368
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە368دانە
ئۆسۈش: 1200 %
مۇنبەر پۇلى: 4541 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-04
ئاخىرقى: 2012-01-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-03 15:39

ئوبامانىڭ ياردەمچىسى جۇبايدىن تۈركىيەنى زىيارەت قىلدى

ئوبامانىڭ ياردەمچىسى جو بايدىن تۈركىيە دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ياردەمچىسى جو بايدىن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئاقشام تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى. بۈگۈن يانى 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئەتىگەن تۈركىيە پارلامېنتى باشلىقى جەمىل چىچەك ئەپەندى بىلەن ناشتا قىلغان جو بايدىن ناشتىدىن كېيىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى تۇنجى دۆلەت رەئىسى مۇستافا كامال ئاتاتۈركنىڭ قەبرىسى ۋە خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى.

جوۋ بايدىن تۇركىيدە زىيارەتتە

كېيىن تۈركىيە دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل بىلەن كۆرۈشتى. جو بايدىن تۈركىيە دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، نوقتىلىق ھالدا سۈرىيىنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى بىلەن ئىران مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان. بۇلاردىن باشقا يەنە پ ك ك تېررور تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشتە ئامېرىكىنىڭ تۈركىيىگە قىلغان ياردىمى، ئافغانىستان، ئەرەب باھارى، تۈركىيە بىلەن ئىسرائىل ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە تۈركىيە - ئەرمەنىيە مۇناسىۋىتى قاتارلىق تېمىلاردا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇئاۋىنى فەرىدىن سىنىرلىئوغلۇ، تۈركىيىنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نامىق تان ۋە ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فرانچىس رىككىئاردونە قاتارلىق كىشىلەرمۇ قاتناشقان بۇ ئۇچرىشىش ئىككى سائەت داۋاملاشتى. ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تۈركىيە دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل مۇخبىرلارغا قىسقا بىر بايانات بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

ئىراقنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆزلەشتۇق. ئۇمۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، رايونىمىزدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە سۆزلەشتۇق. تۈرك بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە نۇرغۇن تېمىلار بار ئىدى، بۇ ھەقتە سۆزلىشىش پۇرسىتىمۇ بولدى.

بىر مۇخبىرنىڭ ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە تۈركىيىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئۈچ دانە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بەردى. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشىڭىزدا بۇ ھەقتە نېمە يېڭىلىقلار بار دېگەن سوئالىغا، ئابدۇللا گۈل جو بايدىن ئىراقتىمۇ بىر يۈرۈش ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى. تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشتە ھەمپىكىر بولدۇق دەپ جاۋاب بەردى.

باياناتتا جو بايدىن بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشتا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتە ھەمپىكىر بولغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ياردەمچىسى جو بايدىن ئىستانبۇلدا «خەلقئارالىق تەشەببۇس قىلغۇچىلار» يىغىنىغا قاتناشقاندىن باشقا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەنمۇ كۆرۈشىدىكەن. ئۇ 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن گىرىتسىيىگە بارىدىكەن. جو بايدىن ئىراقتىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۈركىيىگە كەلگەن ئىدى.

ئەرەب باھارىدا تۈركىيىنىڭ داۋاملىق ھالدا ئەرەب خەلقىنى ۋە نامايىشچىلارنى قوللاپ - قۇۋەتلىشى، ئەرەب باھارىغا دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى نۇقتىنەزىرىدىن قارىشى تۈركىيىنىڭ خەلقئارادىكى ئابرويىنى يۇقىرى كۆتەردى. تۈركىيە سۈرىيىدىكى قوزغىلاڭدىن قاچقان خەلققە چېگرىسىنى ئاچتى، تۈركىيە دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان داۋاملىق ھالدا سۈرىيە دۆلەت باشلىقى بەشار ئەساتنى ئۆز خەلقىغە زۇلۇم قىلماسلىققا، خەلقىنى ئۆلتۈرمەسلىككە چاقىرماقتا. ھەتتا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ بەشار ئەسات ھۆكۈمىتىگە قارشى بولغان ئۆكتىچىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ سۈرىيىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بارماقتا. ئۇلار تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە تۈركىيىدە ئىش بىجىرىش ئورنى ئېچىش تەلىپىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. شۇڭا بەزى مۇتىخەسسىسلەر جو بايدىننىڭ بۇ قېتىمقى تۈركىيە زىيارىتىدە نوقتىلىق ھالدا سۈرىيە مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن قانداق ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە
تۇرك دۇنياسى خەۋەرلىرى دىن
[ بۇ يازمىنىoguzhan 2011-12-03 15:48قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 781
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە781دانە
ئۆسۈش: 2890 %
مۇنبەر پۇلى: 9802 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-01-09

ئۇلار تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە تۈركىيىدە ئىش بىجىرىش ئورنى ئېچىش تەلىپىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. شۇڭا بەزى مۇتىخەسسىسلەر جو بايدىننىڭ بۇ قېتىمقى تۈركىيە زىيارىتىدە نوقتىلىق ھالدا سۈرىيە مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن قانداق ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە


بۇلارنىڭ سۆھبىتىنىڭ مۇھىم يېرى مۇشىكەن شۇ .ئامېركا تۈركىيەنىڭ قولى بىلەن سۈرىيەنى چىقىم قىلمايلا جايلىماقچىكەندە؟  
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...
دوستلىشىش
جەڭچى
没有共产党,没有新中国
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1033
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1033دانە
ئۆسۈش: 350 %
مۇنبەر پۇلى: 10798 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-01-09
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-03 18:55

شۇنداق بولش مۇمكىنچىلكى چوڭدەك قىلدۇ. لىكىن روسىيە نىڭ ھىلقى باياناتى تۇرسا   قانداق جايلار ،،روس چوشقىلىرنىڭ ئەلپازى بۇقىتىم سەل يامان تۇر دۇ جىمۇ .
没有共产党,没有新中国
پەقەت ئاللاھنى ھەقىيقى تونىسىلا بولدى ھەممە ھەل& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7009
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 172
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە172دانە
ئۆسۈش: 380 %
مۇنبەر پۇلى: 2003 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-11
ئاخىرقى: 2012-01-08
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 01:55

مىنىڭچە روسلار ئۇنداق دىگەن بىلەن ناتو بۇ قىتىم ئەسكەر چىقارمايدۇ سۇرىيەنى ۋاقتى ئۇزراپ كەتسىمۇ غۇلتىۋىتىدۇ. چۇنكى شۇنچە كۆپ نامايىشچى ئاممىنى چەتئەلدە تۇرۇپ ئۇزلۇكسىز تەربىيلەپ ۋە قۇرال تىخنىكا ياردىمى قىلىپ تۇرۋاتسا .رۇسلا بۇلارغا نىممۇ دىيەلىسۇن ؟.روسلارنىڭ ئۇنىڭ ئۇستىگە تەسىرى ناتونىڭكىدەك كۈچلۇك ئەمەس.70% ئامما ئۆكتىچەرنى مول ئەسكەر مەنبەسى ۋە تەمىنات بىلەن تەمىنلەپ تۇرسا ئەمدى بەشىرگە تارىخ بىتىدىن ئورون ئالماي ئامال يوق .خەلقى يوق ھاكىميەت ئوقوغۇچىسى يوق مۇئاللىم نىمگە ھىساپ.
پەقەت ئاللاھنى ھەقىيقى تونىسىلا بولدى ھەممە ئىللەت تۇزلىدۇ!