باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1245 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ زادى چىقىش يولى بارمۇ-يوق؟
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7564
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 273
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە273دانە
ئۆسۈش: 730 %
مۇنبەر پۇلى: 3305 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-24
ئاخىرقى: 2012-01-04
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-03 01:24

شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ زادى چىقىش يولى بارمۇ-يوق؟

بارى مۇھەممەتئېلى، مىراخمەتجان مۇزەپپەر قاتارلىق پۇتبولچىلارغا ئوخشاش كەسپىي پۇتبولچىلىق شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ كەڭرى، سىرلىق زېمىندا بىخ سۈردى، يولبويىدا، مەكتەپلەردە، يەتتە ياشتىن 70ياشقىچە ھەممە يەرلەردە پۇتبول خۇشاللىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
بىراق قىزىقىش يەنىلا قىزىقىش، شىنجاڭلىق بالىلار پۇتبولدىن زادى نان تېپىپ يېيەلەمدۇ؟
شىنجاڭدا توپ تېپىشنىڭ زادى چىقىش يولى بارمۇ-يوق؟ پۇتبول چولپانلىرى چىقامدۇ -يوق؟ ياكى بولمىسا پۇتبول ئائىلىسىنى بېقىش ئۈچۈنمۇ؟ پۇتبولچىلىق بىر قەدەر پىشىپ يېتىلگەن ئىلى ئوبلاستىدا پۇتبول گۈللەنگەن، زاۋاللىققا يۈزلەنگەن. بەلكىم بۇ يۇقىرىقى سوئاللارغا جاۋاب بولۇشىمۇ مۇمكىن.
ئىلى پۇتبولچىلىقى گۈللىنەمدۇ ياكى زاۋاللىققا يۈزلىنەمدۇ؟ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ئىلگىرى جۇڭگو سوۋېت چېگراسىغا يېقىن بولۇشتەك ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئۈستۈنلۈكى بىلەن شىنجاڭ ھەتتا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە پۇتبول ھەرىكىتى بىر قەدەر بالدۇر باشلانغان رايون. پېنسىيىگە چىققان ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ پۇتبول كەسپىدىكى نوپۇزلۇق ترېنېرى شەن شۇجى مۇنداق دېدى: ئالدىنقى ئەسىرىنىڭ 50-،60-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونسۇلخانىسى بىلەن شۈ يەردىكى مەكتەپ ھەپتىدە بىر قېتىم مۇسابىقە ئۆتكۈزەتتى، ھەر كۈنى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن قايتقاندا ئىككى تاختىنى يەرگە قويۇپ ۋارتا ياساپ شۇ يەردە توپ تېپەتتى، مۇشۇنداق شارائىتتا غۇلجىدا پۇتبول قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى، يەر شارىدىكى ئەڭ جەلپكار ھەرىكەتمۇ بۇ زېمىندا بىخ سۈردى.
ئىلگىرىكى گۈللىنىش ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلدى، 2011-يىلى غۇلجا شەھىرى 43 مەكتەپنىڭ پۇتبول كوماندىسى قاتناشقان ياشلار مۇسابىقىسى تەشكىللىدى. سان جەھەتتىن قارىغاندا، غۇلجىدا توپ تېپىشنى ياخشى كۆرۈدىغان بالىلار ھىلھەم ئاز ئەمەس.
غۇلجا شەھەرلىك مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نيۇ خاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر غۇلجىنىڭ پۇتبولچىلىقى ناھايىتى ياخشى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇسابىقىسىنى مىڭدىن ئارتۇق كىشى كۆردى. ئوبلاستىلىق پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ لەۋھە مۇسابىقىسى ھەر مەيداندا بەش مىڭدىن ئالتە مىڭغىچە كىشىنى جەلپ قىلماقتا. مەكتەپ كوماندىسىدىن باشقا، غۇلجا شەھىرى يەنە پۇتبول ھەۋەسكارلىدىن ئىشتىن سىرتقى 11كوماندا تەشكىللەپ، ھەر شەنبە، يەكشەنبە كۈنى مۇسابىقە ئۆتكۈزدى.

ئىلى ئوبلاستىنىڭ كۈنەس ناھىيەسىدىكى توپا مەيداندا بالىلار توپ-توپ بولۇپ پۇتبول تېپىدۇ، ۋاسكېتبول ئوينايدۇ. نەچچە يۈز كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شىخۇ شەھىرىدە پۇتبول مەدەنىيىتى شەھەرنىڭ ھەر قايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە تارقالغان.
بالىلار پۇتبول چولپىنى بولىمىز دەيدىكەن، بىر قانچە يولنى مېڭىشى كېرەك:
بالىلارنىڭ توپ تېپىش قىزغىنلىقى يۇقىرى، بىراق، كەسپىي پۇتبولچىغا ئايلىنىش ئۇلارنىڭ بوشاشماس ئارزۇسى. غۇلجا ناھىيەسى مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جىڭخۇا مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ئوقۇغۇچىلار كەسپى تەنھەركەتچى بولۇشتا مۇنداق ئىككى يولنى چوقۇم بېسىپ ئۆتىشى كېرەك: 1-ئوبلاستىلىق تەنتەربىيە مەكتىپىدە ئوقۇش، ئوتتۇرا مەكتەپ ياش باسقۇچىدىن باشلاپ كەسپىي جەھەتتىن مەشىق قىلىش كېرەك: 2- ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسىغا قاتنىشىش ياكى كەسپىي پۇتبول مەكتىپىدە ئوقۇش، ياخشى نەتىجە يارىتىپ يۇقىرى دەرىجىلىك كوماندىنىڭ تاللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش. بۇ ئىككى يولدا مېڭىش ئاسان ئەمەس.
1-تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ تەدرىجىي ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، تەنتەربىيە مەكتەپلىرىنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلىمەكتە. ئىلى ئوبلاستلىق تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى گو جيەنگاڭ ئامالسىز مۇنداق دېدى: «ھازىر چېنىقىدىغان بالىلار بارغانسېرى ئازلاپ كەتتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى كۆپەيدى، ئەمما سۈپىتى تۆۋەنلەپ كەتمەكتە، تالانىتلىقلارمۇ بار، ئەمما بەك ئاز، كۆپىنچىسى باشلانغۇچ مەكتەپتە، تولۇقسىزغا بارغاندا داۋاملاشتۇرالماي ئاندىن تەنتەربىيە مەكتىپىگە كېلىدۇ. ئاپتونوم رايوندا ھازىر جەمئىي 8 تەنتەربىيە مەكتىپى بار، دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ئاساسەن ئوخشاش.
2- ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس يۈكى بارغانسېرى ئېغىرلاپ كەتكەنلىكتىن، ئادەتتە مەشىق ۋاقتىغا ناھايىتى زور تەسىر يەتتى. مەشىق سۈپىتىدىن باشقا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشىمۇ ھەر قايسى تەرەپنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرىدى. غۇلجا شەھىرىدە مەكتەپ پۇتبولچىلىقىنى بىر قەدەر ياخشى ئېلىپ بېرىۋاتقىنى غۇلجا 1-ئوتتۇرا مەكتىپى، تىرېنېر شەۋكەت ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى. شەۋكەت مۇنداق دېدى: مەكتەپ تەربىيەلەپ چىققان تالانتلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاپتونوم رايون، باشقا ئۆلكە كوماندىلىرى تەرىپىدىن تاللاپ ئېلىپ كېتىلدى، شۇنداق بولغاچقا، ئاپتونوم رايونلۇق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا ئىلىغا ۋاكالىتەن قاتنىشالمىدى.
تالانتلىقلارنى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تالىشىدۇ، ئەمما يەرلىكتە «مەن ئىشلەتمەيمەن، سەنمۇ ئىشلىتىمەن دەپ ئويلىما» دەيدىغان ئەھۋاللار بارا-بارا كۆرۈلمەكتە. نۇرغۇن كوماندا ئەزالىرى ياش ۋاقتىدىلا تالىشىپ ئېلىپ كېتىلدى.
شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىدارىسى پۇتبول ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ پارتكوم شۇجىسى خەن شاۋمىڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا پۇتبول كۇلۇبى يوق، شۇڭا پۇتبولچىلار 20 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، ئىقتىدارى بارلىرى باشقا كۇلۇبلارغا ئالمىشىپ كېتىۋاتىدۇ، ئىقتىدارى يوقلىرى جەمئىيەتتە يۈرۈپ تەقسىم قىلىشنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ.
ئۆزىمىز يېتىشتۇرۋاتىمىز، ئەمما ئۆزىمىز ئىشلىتەلەيمەۋاتىمىز. شۇڭا بالىلارنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئىشقا ئېشىشى تەلىيىگە باغلىق بولۇپ قىلىۋاتىدۇ.
مەنبەسى:ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5446
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 116
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە116دانە
ئۆسۈش: 1850 %
مۇنبەر پۇلى: 2594 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-03
ئاخىرقى: 2011-12-21
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-03 19:34

     ئىلىنىڭ پۇتبولچىلىقى چوڭقۇر ئاممىۋىي ئاساسقا ئىگە،1957- يىلىلا دۆلەت تەنتەربىيە كومىتىتى تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە ئۈچ پۇتبول بازىسىنىڭ بىرى دەپ ئەنگە ئېلىنغان.ئۇزۇندىن بېرى ،ئىلىدىكى كەڭ پۇتبول سۆيەر كىشىلەر مەبلەغ قىس،شارائىت ناچار ئەھۋال ئاستىدىمۇ پۇتبول ھەركىتىگە پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ۋارىسلىق قىلىپ كەلدى، بۇ جەرياندا  بارلىغىنى پۇتبول ئىزباسارلىرىنى تەربىيىلەشكە ئاتىغان،ئىقتىدارلىق مەشقاۋۇللار بارلىققا كەلدى،7-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سابىق تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى،مەرھۇم ئۇستاز،تاتار پەرزەنتى ئازاد مۇئەللىمنى بۇ يەردە ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلەن ياد ئېتىمىز. ئازاد مۇئەللىم غۇلجىدا بىر دەۋرنىڭ پۇتبولچىلىرىنى يېتىشتۇرۇپ چىققان ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇستازدۇر.
    غۇلجا پۇتبولچىلىقىنىڭ ئاساسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبولچىلىقىدۇر.مىللى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى پۇتبول مايسىلىرىنى تەربىيىلەشكە ناھايىتى زور ھەسسە قوشۇپ ،ئىلىنىڭ پۇتبولچىلىق ئىشلىرىنىڭ قۇرۇماس بۇلاقتەك داۋاملىق گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ كەلگەنىدى.لېكىن، ھازىر ئىلىنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى ناھايىتى زور خىرىسقا دۇچ كەلدى.سەۋەبى،مىللى،خەنزۇ مەكتەپلەر بىرلەشكەندىن كېيىن،بارلىق مەكتەپلەرنىڭ باش مۇدىرلىرى خەنزۇلاردىن بولدى.بۇ يولداشلار پۇتبولغا قىزىقمىغانلىقتىن ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇتبول ئوينايدىغانلارنىڭ ھەممىسى يەرلىك مىللەت پەرزەنتلىرى بولغانلىقتىن،بۇ باشلىقلار پۇتبولغا ئەھمىيەت بەرمەيدىكەن،شۇنىڭ بىلەن مەكتەپلەر كوماندا تەشكىللىيەلمەيدىكەندە ،نەتىجىدە پۇتبول مايسىلىرى مەكتەپتىكى چاغدا تەربىيىلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدىكەن. بۇ بىز ئۈچۈن ئورنىنى تولدۇرۇۋالغۇسىز زور زىيان ئېلىپ كېلىدۇ،شۇڭا ھەرقايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ شۇجىلىرى بىلەن ئۇيغۇر مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ھەم تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى بۇ ئىشتا كۆپرەك كۈچەپ،ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقارسا كەڭ خەلق ئاممىسى ۋە كەڭ پۇتبولسۆيەر كىشىلەر چوقۇم مىننەتدار بولىدۇ.