جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 2-دېكابر خەۋىرى: سۇرىيە ھۆكۈمەت ئاگېنتلىقىنىڭ 12-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، سۇرىيە تۈركىيە بىلەن ھاسىل قىلغان بىر ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىجرا قىلىشنى توختاتقان ھەمدە ئوتتۇرا دېڭىز ئىتتىپاقىنىڭ بارلىق ئالاقىدار پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىنى توختاتقان، بۇ ئارقىلىق تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزگەنلىكىدىن ئۆچ ئالماقچى بولغان.
خەۋەردە سۇرىيە دېپلوماتىيە مىنىستېرلىكى باياناتچىسىنىڭ باياناتىنى نەقىل قىلىشىچە، سۇرىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي جازاسىغا قارىتا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق تەتقىق قىلىدىكەن. تۈركىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى داۋۇدئوغلۇ 11-ئاينىڭ 30-كۈنى سۇرىيەگە بىر قاتار ئىقتىسادىي جازالارنى يۈرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.
بۇنىڭدىن سىرت، سۇرىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى سۇرىيەنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز ئىتتىپاقىدىكى ئەزالىق سالاھىيىتىدىن ۋاقتىنچە ۋاز كېچىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، بۇ ئىتتىپاقنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشنى توختىتىش ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سۇرىيەنى جازالىغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرىدىكەن.
ئوتتۇرا دېڭىز ئىتتىپاقى فرانسىيە پىرىزدېنتى ساركوزىينىڭ تەشەببۇسى بىلەن 2008-يىلى 7-ئايدا رەسىمىي قۇرۇلغان بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىدىكى دۆلەتلەردىن تەشكىل تاپقان، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان. (نەپرەت)
مەنبە.ئوكيان تورى