ئابدۇكېرەم راھمان ئالىپ
مەكتەپلىرىمىزدە ئوقۇغۇچىلىرىمىز رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك بىر قاتار قائىدە -تۈزۈملىرىمىز بار، بۇ تۈزۈملىرىمىز ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ھەر جەھەتتىن باھالىنشىغا ۋە ئۇنىڭ كىشىلىك ئەخلاقىغا باھا بېرىشكە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . شەخسىي تازىلىقىغا دىققەت قىلىش ، يۈرۈش -تۇرۇشىغا دىققەت قىلىش ، غەيرىي ياسىنىۋالماسلىق، زىيادە ئوچۇق كىيىملەرنى كىيمەسلىك ، مەكتەپ فورمىسى كىيىپ يۈرۈش، سەت گەپلەرنى قىلماسلىق ، ئۇرۇشماسلىق ، ھاراق ئىچمەسلىك ، تاماكا چەكمەسلىك … ۋاھاكازالار.
خوش ، بۇ ئۆلچەم – تەلەپلەرنى قايتۇرۇپ ئەكىلىپ مۇئەللىملىرىمىزگە قۇيۇپ باقايلى ، قانچىلىك مۇئەللىملىرىمىز بۇ ئۆلچەمگە توشىدۇ ؟ ھەتتا بەزى مۇئەللىملىرىمىز سەھنىدە رول ئېلىۋاتقان ئارتىسلاردىنمۇ ئاشۇرىۋىتىدۇ . ئەجىبا ئوقۇغۇچىلارغا ماس كەلگەن بۇ ئۆلچەملەر مۇئەللىملىرىمىزگە ماس كەلمەسمۇ ؟
ئوقۇغۇچىلار كىيىنىشتە دىققەت قىلىشى، مەكتەپتە مەكتەپ فورمىسى كىيىپ يۈرۈشى كېرەك ، مۇئەللىملىرىمىزچۇ ؟! ئىشتىن چۈشكەندە ، تەتىل ، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە قانداق كىيىنىش ئۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئەركىنلىكى ، لېكىن ئۆزىڭىزنى مۇئەللىم ساناپ، مەكتەپ دەرۋازىسىدىن قەدەم ئېلىپ كىرمەكچى بولسىڭىز ئۆزىڭىزمۇ مەكتەپ فورمىسى كېيىۋېلىڭ ! مائارىپ ئىدارىسى ، ياكى مەكتەپ مالىيەسىدە پۇل يوق ، دەپ مەكتەپ فورمىسى تىكتۈرۈپ بەرمىسە ، يىلدا بىر قېتىم پەرزەنتىلىرىگە مەكتەپ فورمىسى ئېلىپ بىرىۋاتقان ئاتا-ئانىلار بالىلىرى ئۈچۈن بولسىمۇ يەنە ئازراق غەيرەت قىلىۋەتسىلا، بۇ قىيىنچىلىقنىمۇ ھەل قىلىۋىتىشى مۈمكىن ! …
مۇئەللىملىرىمىز ئۆزلىرىگە ئۆلچەم بېكىتىپ ، ئۆزلىرىنى رەتكە سالماي تۇرۇپ ، ئوقۇغۇچىلارغا بۇنداق تەلەپ قويسا ، ئوقۇغۇچىلار بۇنداق تەربىيەنى قانداقمۇ قوبۇل قىلالىسۇن ؟ ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا 10 تۈرلۈك تەلەپ قويغان بولساق ،ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىمىزگە 100 تۈرلۈك ھەتتا 1000 تۈرلۈك تەلەپ قۇيۇشىمىز كېرەك ، چۈنكى بىز ئوقۇتقۇچى ، مىللەتنىڭ ، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى دەل بىزنىڭ قولىمىزدا !
مەنچە بولغاندا ، مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىندىغانلارغا باشقىدىن ئۆلچەم بېكىتىش كېرەك . دارىلمۇئەللمىن خاراكتېرىدىكى ئالىي ئوقۇللارنى پۈتتۈرسىلا ، دوسكا ئالدىدا تۇرۇپ دەرس سۆزلىيەلىسىلا مۇئەللىم بولماستىن ، ئۇنىڭدا يەنە يۈكسەك ئەخلاق ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچكى مايىللىقىنى بايقىيالايدىغان ، ئۆزىنى قاتتىق كونترول قىلالايدىغان پىسخىك ساپا ، ئوقۇتقۇچىغا خاس كەسپىي ئەخلاق ، ئەڭ يېڭى ئونىۋېرسال بىلىم قۇرۇلمىسى بۇلۇشى كېرەك . مائارىپ تارماقلىرى مۇئەللىملىرىمىزنى يېڭى دەرىسلىك ، قوش تىللىق ئوقۇتۇش بويىچە داۋاملاشما تەربىيىگە ئەۋەتىدۇ ، مېنىڭچە داۋاملاشما مائارىپ ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا يەنە كىشىلىك ئەخلاق ، كەسپىي ئەخلاق ، پىسخىك ساپا تەربىيەسى … دىگەندەك مەزمۇنلارنىمۇ قېتىش كېرەك ! شۇنداق قىلىپمۇ ئامال بولمىغان بەزى << مۇئەللىم >> لەرنىڭ كەشىنى توغرىلاپ، ئۆز ۋاقتىدا باشقا ئىش قىلىشقا بۇيرۇش كېرەك ، ئۇلارنىڭ ئۆزلۈكسىز تۈردە ھەقىقى مۇئەللىملىرىمىزنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرىشىگە يول قويماسلىقىمىز كېرەك ، بۇنداقلارنى ئاسراش بەدىلىگە پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ، مىللەتنىڭ كەلگۈسى بىلەن ئويناشماسلىقىمىز كېرەك !
ئېتىراپ قىلمىساق بولمايدۇ ، دەرسلىكتىكى مەزمۇنلارنى ئىگەللەپ ، پەرزەنتلەرگە سىڭدۈرۋىتىشتە كۆپىنچە ئاتا -ئانىلار ھازىرقى مۇئەللىملىرىمىزدىن يۇقىرى سەۋىيەگە ئىگە ، چۈنكى كەسكىن بازار رىقابىتى ، ئىشقا ئورۇنلىشىش رىقابىتى ئاتا-ئانىلارنى كۈندن-كۈنگە زېرەكلەشتۈرۋاتىدۇ ، بۇنداق زېرەكلىك بەزى مۇئەللىملىرىمىزنى بىلىم بەرگۈچى ئەمەس بەلكى ئاددىي تەشكىللىگۈچى ، گەپنىڭ سەتىنى قىلغاندا بالا باققۇچى كۇرسىغا چۈشۈرۈپ قويىۋاتىدۇ .
مۇئەللىملىرىمىزدىكى ئادالەتسىزلىك ، باراۋەرسىزلىك ( ئەمەلدارلار ، بايلار ياكى ياخشىچاق ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە باشقىچە ئالاھىدە مۇئامىلىدە بۇلۇش ) ئوقۇغۇچىلاردا ئۇلارغا نەپرەتلىنىش ، ئۇلاردىن ئۆچ ئېلىش تۇيغۇسى يېتىلدۈرپ قويىۋاتىدۇ .
ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكنى ، مەكتەپ ئەتراپىدا ئۇنداق ماگىزىنلارنىڭ بولماسلىقىنى تەشەببۇس قىلىمىز، لېكىن مەكتەپ ئىچىدىكى ئاشخانىلاردا ئۆزىمىز ساتىمىز ، ھەتتا مەكتەپ ئىچىدىكى تەنھەركەت يىغىنلىرىدا ئوقۇغۇچىلارنى ئۆيلىرىگە كەتكۈزمەي ئەخلەت يېمەكلىك يېگۈزىمىز ، ھەم ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ ئەخلەت يېمەكلىك ساتقىلى سالىمىز ، ئاپتاپتا قارىداپ، ئۈمچىيىپ تۇرغان بالىلارغا قاراپ ، يېگىڭىز كەلمىسىمۇ بىر -ئىككى يۈەنلىك بىر نەرسە سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولىسىز . مانا بۇ «ئاتا -ئانىلار چوقۇم كەلسۇن !» دېگەن بۇيرۇقنىڭ پايدىسى . بۇنداق شەكلى ئۆزگەرگەن مەكتەپ چىقىمىنى ئاتا-ئانىلارغا يۈكلەش چارىسى ئوقۇش باشلاش ياكى ئاخىرلىشىش مەزگىلىدىكى ئاتا-ئانىلار يىغىنلىرىدا بەزى ئاقساقال ئاتا-ئانىلارنىڭ ياردىمىدە ناھايىتى ئۇڭۇشلۇق ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىۋاتىدۇ . سىنىپىمىزنىڭ ئەمگەك قۇراللىرى يوق ، مەكتىپىمىزنىڭ رېمۇنىتچىسى يوق ، سىرىتتىن ئادەم ياللاپ پارتا-ئورۇندۇق، ئىشىك-دېرىزە ،سىم يوللىرىنى رېمۇنت قىلماقچىدۇق ، مائارىپ ئىدارىسى پۇل بەرمەيۋاتىدۇ ، ياكى مالىيە ئاتچوت قىلمايدىكەن ، بالىلىرىمىز ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار غەيرەت قىلىۋەتكەن بولساق … دىگەندەك ھال ئېيتىدىغان ئەھۋاللار ھېلھەم تۈگىمەيۋاتىدۇ … نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى پەقەت بىلگىلى بولمايدۇ .
يىغىنچاقلىغاندا ، دەرىسلىىكنى ئسلاھ قىلغاندەك ، بەزى مائارىپ تۈزۈملىرىنىمۇ ئىسلاھ قىلغان بولسا ، مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا قويۇلىدىغان ئۆلچەملەرمۇ ئسلاھ قىلىنىپ باقسا ، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆلچەم بىكىتىشتىن بۇرۇن ئۆزىمىزگە ئۆلچەم قويۇپ باققان بولساق ، ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ بىلىم ، ئەخلاق ۋە ئونۋېرسال ساپاسىدا كۆرۈنەرلىك يۈكسىلىش بارلىققا كېلەتتى.
مەنبە: يۈكسەل بلوگى