«ئەلقىسەسۇل مىنەلھەق»
سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازالاش ھەرىكىتىگە پىسەنت قىلماي، داۋاملىق تانكىلارنى ئىشقا سېلىپ نامايىشچىلارنى باستۇرغانلىقى تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنماقتا.
سۈرىيەنىڭ ئەلباشى بەشىر ئاساد قانلىق باستۇرىۋاتقان خەلق كىمنىڭ خەلقى؟ ئۇلار دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇندىمۇ؟ ئۇلارنىڭ يوللۇق تەلەپلىرى قاندۇرۇلدىمۇ؟ سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردىمۇ؟
دېموكراتىيە -دۇنياۋىي يۈزلىنىش. ئېقىمغا قارشى ھەركەت قىلغانلار ھالاك بولىدۇ.
مۇستەبىتلەرنىڭ تەقدىرى قانداق بولدى؟ قازافى كۆتىگە پاساڭ قىستۇرۇلغانغا قەدەر، ئۆزىنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي ئۆلدى. سادام ھۆسەيىن دارغا ئېسىلدى. مىلوشىۋىچ سوتلاندى. مۇبارەك كېسەل كارۋىتىدا يېتىپ سوتلىنىۋاتىدۇ. سالىھ يامان تۈلكە ئىكەن، ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، كەچۈرۈمگە ئېرىشىپتۇ. «تادان تۈلكە تۇمشۇقىدىن ئىلىنامدۇ»، بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس.
مانا بۇلار دېموكراتىيەنىڭ غەلبىسى ئەمەسمۇ؟
ھوقۇق ۋە مال-دۇنيا ئۈچۈن جېنىدىن ئايرىلغان مۇستەبىتلەر
ئۈچۈن ھوقۇق ۋە مال-دۇنيا شۇنچە مۇھىم بولغىيمىدى؟
بەشىر ئاساد ھەربىي كۈچىگە ئىشىنىۋاتامدۇ؟ خەلقئارادىكى دوستلىرىغا ئىشىنىۋاتامدۇ؟ قەزافىنىڭ دوستلىرى قانداق يۈز ئۆرۈگەن بولسا، بەشىرنىڭ دوستلىرىمۇ شۇنداق يۈز ئۆرۈيدۇ. بەشىر ئاللىقاچان يېتىم قالدى. بەشىر شەرمەندىلەرچە تەختتىن چۈشكىچە يەنە قانچىلىغان تەنلەر تانكا تاپىنى ئاستىدا يەنچىلىدۇ؟
تەختنى بوشىتىپ بېرىپ، ئاۋام-پۇقرا بولساڭمۇ، ئۈچ ۋاخلىق تامىقىڭغا زاغرا يېسەڭمۇ، ئۆز ئەجىلىڭ بىلەن ئۆلسەڭ بولماسمىدى؟
«ئەلقىسەسۇل مىنەلھەق». (نوشىرۋان)
http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=453