باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1380 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىدىكى مۇنازىرە
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 567
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 65
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە65دانە
ئۆسۈش: 964 %
مۇنبەر پۇلى: 1204 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-08
ئاخىرقى: 2012-03-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-29 18:07

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىدىكى مۇنازىرە

بۇ فىلىم خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىدا ئۆتۈلگەن ئىنسانلارنىڭ ئەخلاق قارىشى توغۇرىسىدىكى ئىككى سائەت دەرس بولۇپ، كۆپچىلىككە ئەخلاق توغۇرلۇق تەربىيىۋى رولى بار. 27-مىنوتتىن كىيىن ئەخلاق توغۇرلۇق كەسىكىن مۇنازىرەلەر ئېلىپ بارغان.كۆپچىلىكنىڭ كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
فىلىمنى تەرجىمە قىلغان ئۈمىدلەن ئەپەندىمگە تەشەككۈر..
ئويلانماقتىمەن...
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 694
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە694دانە
ئۆسۈش: 1923 %
مۇنبەر پۇلى: 9551 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2012-03-25
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-29 19:32

مەن بېشىدىكى سوئالنى ئاڭلاپ بولدۇم. 2 مىنۇتلۇق جايغا كەلگەندە توختىتىپ قويۇپ تۇرۇپ، بۇ ئىنكاسنى يازدىم:
مەن ئۇدۇل ماڭسا بىر قەدەر توغرا بولىدۇ دەپ قارايمەن.
ئەگەر تراللىبوسنى قايدۇرۇپ ماڭسا، ھېلىقى بىر ئادەمگە ئادالەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ. چۈنكى، بۇخىل ئەھۋالدا شوپۇر ئۇ كىشىنى قەستەن  سوقۇۋەتكەن بولىدۇ. تۈز مېڭىۋاتقان، توختىتىشقا ئامالسىز قالغان تراللىبوسنى ئىختىيارلىقىغا قويۇپ بەرسە، ئۇدۇل مېڭىپ 5 ئادەمنى سوقىدۇ. ئەمما، بۇ قەستەنلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان نەتىجە بولماستىن، بەلكى، ئامالسىزلىقتىن كېلىپ چىققان نەتىجە بولىدۇ.  
  تراللىبوسنىڭ رولىنى مەجبۇرىي ئايلاندۇرۇپ، مەجبۇرىي ھالدا بىر ئادەمنى سوقۇۋەتسە، بۇ ھەقىقەتەن ئادالەتسىزلىكتە!
  ئۇ يان كوچىدىكى ئادەمنىڭ ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە 5 ئادەمنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئىدىيىسى بولماسلىقى مۇمكىن.  

ئەمدى لىكسىيىنىڭ داۋامىنى كۆردۈم:

ئەمدى دەل 5 مىنۇت 42 سىكونتلۇق يەردە توختىتىپ تۇردۇم:

  سوئال: قانچىڭلار ئاشۇ سىمىزنى ئىتتىرىۋېتىسىلەر؟


مېنىڭ جاۋابىم: مەن ئىتتىرىۋەتمەيمەن.
   چۈنكى، مەن  ئۇ سىمىز ئادەمنى ئىتتىرىۋەتسەم، قۇربان بولىدىغىنى مەن ئەمەس، بەلكى باشقا بىر ئادەم، يەنى، ھېلىقى سىمىز ئادەم. ئۇ ئادەمنىڭ ئۆز ھاياتى بەدىلىگە 5 ئادەمنى قۇتقۇزۇش ئارزۇسى بولماسلىقى مۇمكىن. بۇ ئەھۋالدا مەن بۇ سىمىز ئادەمنى مەجبۇرىي ئۆلتۈرىۋەتكەن بولىمەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل بولىمەن، شۇنداق بولۇشى ھەق.
  ئەگەر مەن بۇ سىمىزنى ئىتتىرىۋەتمىسەم  5 ئادەم ئۆلۈشى مۇمكىن. ئەمما، ئۇ 5 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە مەن سەۋەپچى ئەمەس،  شۇنداقلا سىمىز ئادەمنىڭ ھاياتىغا زىيانكەشلىك قىلىشتىن ساقلىىپ قالالايمەن.

    ئەمدى داۋامىنى كۆردۈم:

ئەمدى 10 مىنۇت 41 سىكونتلۇق يەرگە كەلگەندە توختىتىپ تۇردۇم:
    
سوئال: قايسىڭلار ئېغىر يارىلانغان بىر بىمارنى قۇتقۇزىسىلەر؟

جاۋاب:  مەن ئېغىر يارىلانغان بىر بىمارنى قۇتقۇزىمەن.
چۈنكى، دوختۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەڭ ئېغىر بىمارلارنى ئاۋال داۋالاش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم. شۇنداقلا، ئەڭ ئاۋۋال داۋالىنىش كېسىلى ئەڭ ئېغىر بىمارلارنىڭ ھوقۇقى.  ئەگەر كېسىلى ئېغىر بىمارنى داۋالىماي، كېسىلى يىنىك 5 بىمارنى داۋالىسام، ئېنىقكى، كېسىلى ئېغىر بولغان بىمارغا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان بولىمەن. شۇنداقلا، ئۇنى قۇتقۇزۇشتىن قەستەن ۋاز كەچكەن بولىمەن.
  كېسىلى ئېغىر بىمارنى داۋالىسام، كېسىلى يىنىك بىمارلار ئۆلۈپ كېتىدۇ.  ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆلۈمى مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز. چۈنكى مەنمۇ بۇنىڭغا ئامالسىز. ئۇلارنى داۋالاشقا ۋاقتىم يېتىشمىسە مەندە نىمە ئامال؟  ئۇلارنى داۋالايمەن دەپ، ھېلىقى بىر كىشىنى قەستەن تاشلىۋەتسەم ئۇنىڭغا ئۇۋال قىلغان بولۇپ قېلىشىم مۇمكىن. چۈنكى، ئۇ بىمارنىڭ ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە، 5 بىمارنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئارزۇسى بولماسلىقى مۇمكىن.

ئەمدى داۋامىنى كۆردۈم:

12 مىنۇت 4 سىكونتلۇق يەرگە كەلگەندە توختىتىپ تۇرۇپ، بۇ ئىنكاسنى يېزىۋاتىمەن:
سوئال:  سىلەرگە يەنە سوئال، قانچىڭلار يەنە مۇشۇنداق قىلىسىلەر؟ ( بىر ئادەمنىڭ بەش ئەزاسىنى بەش ئادەمگە سېلىپ، بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈش بەدىلىگە 5 ئادەمنى قۇتقۇزىسىلەر؟)

جاۋاب:  مەن ئۇنداق قىلمايمەن. چۈنكى، 5 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن، ھېلىقى بىر ئادەمنىڭ ھىچقانداق ئالاقىسى يوق. 5 ئادەمنىڭ ئۆلۈمدىن ساقلىنىپ قېلىشىغا مېنىڭ ئامالىم يوق.  بۇ كېسەلنى مەن كەلتۈرۈپ چىقارمىغان.  
  بىر ئادەمنى مەجبۇرىي ئۆلتۈرۈپ، بەش ئادەمنى قۇتۇلدۇرۇشۇمغا، ھېلىقى كىشى رازى بولماسلىقى مۇمكىن. بۇ چاغدا مەن قەستەن باشقىلارنى ئۆلتۈرگەن بولىمەن.

داۋامىنى ۋاقىت يوق كۆرمىدىم.
تەپەككۇر _ ئېسىل نېئمەتتۇر!