باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3469 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قاتىل يۇمۇرلاردىن بىر كاللەك،،،،،،،،،،،،،
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1706
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1706دانە
ئۆسۈش: 7950 %
مۇنبەر پۇلى: 22707 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-03-26
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-28 23:43

قاتىل يۇمۇرلاردىن بىر كاللەك،،،،،،،،،،،،،

بۇ يۇمۇرلارنى بۈگۈن مۇنبەردە كۆڭلى ئازار يىگەن بىر قانچە قېرىندىشىمغا تەقدىم قىلىمەن،،،،،،،،،،،،،،



شەھىدە432 باققالغا دەپتۇ-ئالمىلار بەك قىممەتقۇ ؟
-قارىمامسىز ، بىر بىرىدىن قىزىرىپ پىشقان ئالمىلار تۇرسا بۇ .
شەھىدە 432-قىممەت بولغاچقا ، ئىزا تارتىپ قىزىرىپ كەتكەندۇ !!! 


تاھىربەگ پويىز خادىمىغا «مەن ئاتۇشتا چۈشىمەن» دەپتۇ.پويىز خادىمى «بۇ قېتىملىق پويېز سەيشەنبە كۈنى ئاتۇشتا توختىمايدۇ، بىراق، بۇرادەر، بىز ئاتۇشتا رېلىس ئالماشقاندا سۈرئىتىمىز ئاستىلايدۇ، مەن ئىشىكنى ئاچىمەن-دە، سەن چاققانلا سەكرەپ چۈشىۋالىسەن. پويىزنىڭ سۈرئىتى گەرچە تېز بولمىسىمۇ،سەن سەكرەپ چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن پويىز ماڭغان يۆنىلىش بويىچە بىر ئاز يۈگۈرمىسەڭ چاق سۆرەپ ئەكىرىپ كېتىدۇ!» دەپتۇ. پويىز ئاتۇشقا كەلگەندە ئىشىك ئېچىلىپتۇ، يولۇچى پويىزدىن سەكرەپ چۈشۈپتۇ-دە،يۈگۈرگەن پېتى بايىقى ۋاگوننىڭ ئالدىدىكى ۋاگوننىڭ ئىشىك ئالدىغا كەپ قاپتۇ. دەل مۇشۇ پەيىتتە، ۋاگوننىڭ ئىشىكى ئېچىلىپتۇ-دە، بىر پويىز خادىمى چىقىپ ئۇنى تارتىپلا ئىچىگە ئەكىرىۋاپتۇ . پويىزمۇ ئەسلىدىكى سۈرئىتىگە قايتىپتۇ.
ۋاگون خادىمى:- بۇرادەر، بەك تەلەيلىككەنسەن، بۇ پويىز سەيشەنبە كۈنى ئاتۇشتا توختىمايتتى!

———————– 

 جەڭچى قوشنا شەھەرگە ئىنىسىنى يوقلاپ بارسا ، ئىنىسى ئاكىسىنى بويتاقچىلىقتا زېرىكىپ قالمىسۇن دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا بىر شاتۇتى بېرىپتۇ .  قايتىپ  كەلگەندىن كېيىن، ئىنىسى تېلېفون قىلىپ: ئاكا! شاتۇتى قانداقكەن؟– دەپ سورىسا، 
جەڭچى- گۆشى شۇ توخۇنىڭ گۆشىگىلا ئوخشايدىكەنغۇ..

———————— 

ئۆركەشنىڭ  ئاكىسى ئاغرىپ قېلىپ بالنىستتا يېتىپ قاپتۇ. ئۆركەش  ئاكىسىنى يوقلاپ بېرىپ، ئاكىسىنىڭ روھىي كەيپىياتىنىڭ ناھايىتى تۆۋەن ئىكەنلىكىنى سېزىپ، ئۆزىچە ئاكامغا بىر تەسەللىي بېرىپ قوياي دەپ مۇنداق دەپتۇ:- ئاكا! نېمىگە غەم قىلىسەن، زادى ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىزغۇ…

———————–

گېرمانىيەگە چىققان شەھلا  ، بىرسىنى ئېشەك دەپ قويغانلىقتىن، ئۇ كىشى سوتقا ئەرز قىلىپ، سوت ئېچىلىپتۇ. سوتچى، شەھلانى گۇناھكار دەپ، 5000 ياۋرو جەرىمانە قويۇپتۇ. دەۋاگەرنىڭ خۇشلۇقتىن ئاغزى يۇمۇلماي قاپتۇ. 
شەھلا  نارازى بولغان ھالدا، سوتچىدىن سوراپتۇ:
-ئەگەر، مەن ئېشەكنى قېچىر دېسەم گۇناھكار بولامدىم – يوق ؟
سوتچى:
-ياق. 
شەھلا  ھېلىقى ئەرز قىلغان كىشىگە قاراپ دەپتۇ:
- نېمىگە كۈلىسەن ۋوي…قېچىر !؟


————————- 


بىئولوگىيە دەرىسىدە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن:
- سەككىز ئاياقنىڭ پۇت- قوللىرىنى قانداق قىلىپ پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ؟ دەپ سوراپتىكەن، دۇلبەرچىن-
-ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ يەل قويۇپ بەرسەك، بۇرنىنى ئەتكىنى قولى،قالغانلىرىپۇتى،- دەپ جاۋاب بېرىپتۇ، ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى كۈلۈپ يىقىلىپ قاپتۇ.

————————— 

ئەلى كىچىك ۋاقتىدا ،،،، مېھمانخانا ئۆيدە مېھمان بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ئاتىسىنىڭقۇلىقىغا بىر نېمىلەرنى دېمەكچى بولۇپ نەچچە قېتىم كەلسىمۇ، سۆزلىگىلىقويماپتۇ ۋە ئەيىپلەپ:
- مېھمان بار يەردە بۇنداق قىلىش ئەدەپسىزلىك بولىدۇ، گەپ بولسا ئوچۇق دەۋەگۈلۈك،- دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئەلى  دېمەكچى بولغان گېپىنى ئوچۇقلا دەۋىتىپتۇ.
- ئاپام “ ئۆيدە كۆكتات قالمىدى، ئاتاڭغا دەپ قوي، مېھماننى تۇتۇپ قالمىسۇن“ دەيدۇ.

—————————-


تومۇز كۈنلىرنىڭ بىرىدە ، قارا كۆزەينەك تاقىۋالغان بىر دىۋانە يولياقىسدا ئولتۇراتتى . ئۇ بىر قولىدا شىلەپسىنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ،ئۈستىگە :“ئەمالارغا شەپقەت قىلىڭلار “ دېگەن خەتلەر يېزىلغان بىرباغاقىچىنى چاپلىۋالغانىدى .
بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر ئايال ئۇنىڭغا ئىچ ئاغىرتىپ ،ھەمىيېنىدىن بىر دوللار چىقىرىپ ئۇنىڭ شىلەپىسگە تاشلىدى .
-رەھمەت ، شەپقەتلىك خانىم ،- دېدى دىۋانە شۇ ھامان ،- سىزنىڭ بۇ بىر دوللىرىڭىز مەن بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن تاپقان پۇللارنىڭ ئەڭ چوڭى .
-مەن تېخى سېنى ئەما دەپ قاپتىمەن !-دېدى ئايال ھەيران بولۇپ .
-مەن ھەر كۈنى بۇ يەردە ئولتۇرىدىغان دىۋانىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇپتۇرۇۋاتىمەن خانىم، ئۇ كىنوخانىغا كەتتى ،مەن ئەما ئەمەس ،گاس -گاچا

—————————–

ھاراق دىگەننى بولىشىغا ئىچىدىغان كۆۋرۈكنىڭ ئايالى ئۇنى بىر قورقۇتۇپ تۈزىتەي دەپ ، ئالۋاستىدەك ياسىنىپ ، ئېرىنىڭ كېلىشىگە ساقلاپ تۇرۇپتۇ . بىر چاغدا كۆۋرۈك  دەلدەڭشىپ غىڭشىپ كېلىۋاتقىدەك ، ئايال يۈگرەپ بېرىپلا ئارقىسىغا ئۆتۈپ ، قورقۇنچلۇق ئاۋاز چىقىرىپ :
-مەن دىگەن ئالۋاستى ، ئەمدى يەنە ھاراق ئىچسەڭ جېنىڭنى ئالىمەن ،-دەپتۇ . مەس كۆۋرۈك :
-ۋاي ۋاي قۇلاقنى ئاغرىتمىغىنا ، مەن سەندىنمۇ بەت بەشرە بىر ئالۋاستىنى  ئېلىپ ھايات يۈرۋاتىمەنغۇ مانا ….

——————————

تەبىئەت مۇئەللىم بىر ئوقۇغۇچىدىن  سوراپتۇ :
- پۇتۇڭغا قانداق ئاياق كىيىۋالدىڭ ؟
- خۇرۇم ئاياغ – دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئالىم
- قېنى دەپ باقە خۇرۇم نەدىن كەلگەن ؟ -سوراپتۇ مۇئەللىم
- … …
- سېنى خۇرۇم بىلەن تەمىنلىگەن زادى قايسى ھايۋان دەۋاتىمەن ؟- دەپ قايتىلاپ سوراپتۇ مۇئەللىم .قورقۇپ كەتكەن ئوقۇغۇچى  دەرھاللا :
-دادام …..

——————————

كىچىك بايۋەچچە ئىنتايىن شوخ بولۇپ ،بىر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ كېلىۋېتىپ بىر ساقچىنى ئۇچرىتىپ قاپتۇ قاپتۇ ۋە :
- سىز ساقچىما؟
- شۇنداق نېمە بولدى؟ دەپ سوراپتۇ ساقچى .بايۋەچچە :
- ئاپام قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىساڭ ساقچىنى ئىزدە دېگەنتى .
-ئاپاڭ ناھايىتى تۇغرا ئېيتىپتۇ ،- دەپتۇ ساقچى مەغرۇر ھالدا .
-ئەمىسە ئايىغىمنىڭ بوغۇچىنى چىگۋېتىگە .

——————————-

بىر ئايال راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئاخىرقى باسقۇچقا كېلىپ قاپتۇ .بالىلىرى ئاپىسىغا تەلمۈرۈپ قاراپ :
- ئاپا ،ساقىيىپ كەتسەڭ بولاتتى ،ئەگەر ياخشى كۆننىڭ يامىنى بولۇپ قالسا ئۆگەي ئانىنىڭ قولىدا قانداقمۇ قىلارمىز ؟ دەپتۇ .ئاپىسى بالىلىرىغا تەسەللىي بېرىپ :
-ئەگەر مەن ئۆلۈپ كەتسەم ،ئاپام ئەيدىز بىلەن ئۆلۈپ كەتتى دەڭلار ،داداڭلار ھەرگىزمۇ ئۆيلىنەلمەيدۇ .

——————————-

ئۇرايىماخۇن بىلەن قاسىماخۇن بىر يەردە ئولتۇرۇپ سۆزلىشىپتۇ،ئارلىقتا ئۇرايىماخۇن سوراپتۇ :
-ئاداش سىنىڭ كالاڭ تاماكا چىكەمدۇ؟
_نىمە دەۋاتىسەن ئاداش، كالىمۇ تاماكا چىكەمدۇ؟
- ئۇنداقتا ئېغىلىڭغا ئوت كەتكەن ئوخشايدۇ ……………..

——————————-

بىر ئادەمنىڭ ئايالى يەڭگىپتۇ،ئۈچ كۈندە ئايىقى،تۆت كۈندە تىلى چىقىپتۇ بىراق كىمنى چاقىرىسا شۇ ئۆلىدىكەن.بىر كۈنى مۇما دەپتىكەن مۇمىسى ئۆلۈپتۇ،يەنە بىر كۈنى بۇۋا دەپتىكەن بۇۋىسى ئۆلۈپتۇ.دادىسى:ماۋۇ گۇي كىمنى چاقىرىسا شۇ ئۆلىۋاتىدۇ دادا دەپ سالمىغېيتى دەپ تۇرىشىغا دادا دەپ چاقىرىپتىكەن،دادىسى ئاپلا مەن ئۆلدۈم دەپ ئۆزىنى يەرگە تاشلىۋېتىپتۇ.بىر چاغدا كۆزىنى ئاچسا ساق ئۆلمىگەن بۇ نىمە ئىش ئەمدى دەپ تۇرىشىغا خوشنىسىنىڭ بالىسى يىغلاپ كىرىپتۇ.نىمە بولدۇڭ دەپ سورىشىغا ئۇ بالا يىغلاپ تۇرۇپ:دادام تۇيۇقسىز ئۆلەپ قالدى دىگۈدەك.