باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 539 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مېۋىلىك باغنى ئىجارە ئالسا بولامدۇ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1097
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1097دانە
ئۆسۈش: 5220 %
مۇنبەر پۇلى: 14704 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-01-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-28 23:31

مېۋىلىك باغنى ئىجارە ئالسا بولامدۇ؟

                                         بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم
 
 
 
بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
 
 
مېۋىلىك باغلارنى ئىجارە بېرىشنىڭ ھۆكمىدە ئالىملار 3 خىل قاراشتا بولغان:
 
بىرىنچى قاراش: باغنى ئىجارىگە بېرىش ھەر قانداق ئەھۋالدا جائىز بولمايدۇ، دېگەن قاراش بولۇپ، بۇ ھەنەفى ۋە شافىئىي مەزھەب قارىشىدۇر، ئىمام ئەھمەدتىن كەلگەن مەشھۇر قاراشمۇ شۇنداق.
 
ئىككىنچى قاراش: دەرەخلەر ئازراق بولۇپ، ئاق يەر پۈتۈن باغنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان بولسا ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك بولسا باغنى ئىجارىگە بېرىش جائىز. بۇ ئىمام مالىكنىڭ قارىشى بولۇپ، ئىمام ئەھمەدتىنمۇ مۇشۇنداق قاراش رىۋايەت قىلىنغان.
 
ئۈچىنچى قاراش: دەرەخلىك زېمىننى (باغنى) ئىجارە بەرسە، دەرەخلەر ئىجارىنىڭ بىر قىسمى بولسا جائىز بولىۋېرىدۇ. بۇ ھەنبەلى مەزھەب ئالىملىرىدىن ئىبنى ئەقىيل قاتارلىقلارنىڭ قارىشى بولۇپ، بۇ قاراشنى ئىمام ئىبنى تەيمىيە بىلەن شاگىرتى ئىمام ئىبنى قاييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىلەر تەرجىھ قىلغاندۇر.(پەتىۋالار توپلىمى 29/55 ئىغاسەتۇللەھفان 2/7)
 
قارايدىغان بولساق، باشتىكى ئىككى قاراش ئەسلىدە بىر قاراش ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئىمام مالىكمۇ ئەسلىدە باغنى ئىجارىگە بېرىش جائىز ئەمەس دەيدۇ. لېكىن دەرەخ ئازغىنە بولغان ئەھۋالدا زېمىننى ئاساس قىلىپ، دەرەخنى زېمىنغا تەۋە دەپ قاراپ بۇ ئەھۋالدا زېمىننى ئىجارىگە بېرىش جائىز دېگەن. دېمەك ئىجارە قىلىنغان نەرسە زېمىن. ئۇنىڭ نەزىرىدە بۇ خۇددى زېمىن سودىسى قىلغاندا بىرقانچە تۈپ دەرىخى بار ياكى تېخى پىشمىغان مېۋىلىك دەرەخلىرى بار يەرنى زېمىننى كۆزلەپ سېتىۋالغانغا ئوخشاش ئىش.
 
دېمەك بۇ مەسىلىدە يەنى مېۋىلىك باغنى دەرەخلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىجارىگە بېرىش ۋە ئېلىش مەسىلىسىدە قاراش ئىككىگىلا خۇلاسىلىنىدۇ. تۆت مەزھەب ئالىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپچىلىك ئالىملار باغنى ئىجارىگە بېرىش ۋە ئېلىش جائىز ئەمەس، دېسە، ئىمام ئىبنى تەيمىييە قاتارلىق بىر قىسىم ئالىملار ئۇنداق قىلىش جائىز دەپ قارىغان.
 
دەلىللەرگە قارايدىغان بولساق، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ چەكلەشتە ئاساسلانغان دەلىللىرى:
 
  1. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساتقۇچى ۋە ئالغۇچىنى مېۋىنى ساق پىشقانلىقى مەلۇم بولمىغىچە سېتىشتىن توسقان.(سەھىھەين: بۇخارى: 1486-ھەدىس. مۇسلىم 1534-ھەدىس)
 
  2. ئەتائ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇخابەرەتتىن (يەنى يەرنى چىقىدىغان ھوسۇلنىڭ مەلۇم ئۈلۈشىگە سىتىشتىن) مۇھاقەلەدىن (يەنى: باشاقتىكى بۇغداينى ئوگۇت بۇغدايغا سېتىشتىن) شاختىكى ھۆل مېۋىنى قۇرۇق مېۋىگە سېتىشتىن، مېۋىنى ساق پىشقانلىقى مەلۇم بولمىغىچە سېتىشتىن چەكلىدى ۋە مېۋىنى تىللا ۋە تەڭگىدىن باشقا نەرسىلەرگە سېتىشتىن چەكلىدى. پەقەتلا ئەرايا يەنى مېۋىسى باشقىلارغا بېرىۋېتىلگەن خورمىنىڭ ھۆل مېۋىسىلا قۇرۇق خورمىغا شېخىدا مۆلچەرلىنىپ سېتىلسا بولىدۇ.(سەھىھەين: بۇخارى: 2381-ھەدىس. مۇسلىم 1536-ھەدىس)
 
سەھىھى مۇسلىم رىۋايەتلىرىدىن بەزىسىدە: "يەنە مۇئاۋەمە سودىسى قىلىشتىن توستى" دەپ كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ مەنىسى: بىر دەرەخنىڭ مېۋىسىنى ئىككى- ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك مۇددەت سېتىشتۇر.(شەرھى سەھىھى مۇسلىم-نەۋەۋى 10/193)
 
  3. بەزى ئالىملار: باغنى ئىجارىگە بېرىشنى چەكلەش ئىجمائ دەپ قارىغان. مەسىلەن: ئىمام ئىبنى مۇنزىر: "بارلىق ئالىملار بىرقانچە يىلنىڭ مېۋىسىنى ساتسا جائىز بولمايدىغانلىققا بىرلىككە كەلگەن".(ئەلئىجمائ 1/91)
 
كۆپچىلىك ئالىملار يۇقىرىقىلارغا ئاساسلىنىپ مۇنداق دەپ تۇرۇۋالغان: باغنى ئىجارىگە بەرسە، تېخى پىشمىغان مېۋىنى بىر ياكى بىرنەچچە يىل ساتقان بولىدۇ، ھەدىستە چەكلىگىنىمۇ، ئىجمائ بىلەن چەكلىگىنىمۇ مۇشۇ ئىشتۇر. چۈنكى بۇ نامەلۇم نەرسىنى سېتىشتىن ئىبارەت.
 
ئەمەلىيەتتە بۇ تېخى پىشمىغان مېۋىنى سېتىش بولماستىن، دەرەخ بىلەن زېمىننى ئىجارىگە بېرىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ يۇقىرىقى دەلىللەرگە چۈشمەيدۇ. ئىجمائ بىلەن چەكلەندى، دەپ قارالغان مەسىلىمۇ باغ ئىجارىگە بېرىش مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى دەرەخلەرنىڭ بىرقانچە يىلنىڭ مېۋىسىنى سېتىشتىن ئىبارەت. سېتىش بىلەن ئىجارىگە بېرىش باشقا باشقا سودىدۇر، چۈنكى مېۋىسىنى ساتسا سېتىۋالغۇچى ھېچ ئىش قىلماي مېۋە چىقسا مېۋىسىنى ئالاتتى، چىقمىسا قۇرۇق قول قايتاتتى. ئىجارىگە بېرىشتە ئىجارىگە ئالغۇچى زېمىنغا ئىشلەيدۇ، سۇغۇرىدۇ، ئوغۇتلايدۇ، پۇتايدۇ، كۈچ چىقىرىدۇ. ئېشەك، ھارۋىلارنى ئىشلىتىدۇ، بەزىدە ئادەم ياللاپ ئىشلىتىدۇ. دېمەك باغنى ئىجارىگە بېرىش بىلەن دەرەخ مىۋىسىنى سېتىش ئوخشىمايدۇ.
 
باغلىرىغا ئۆزى قاراپ بولالمايدىغان كىشىلەرنىڭ باغلارنى ئىجارىگە بېرىش ئېھتىياجى بولغاچقا، دەرەخلىك باغنى دەرەخنىمۇ بىللە ئىجارىگە بەرمىسە ئىجارىگە بېرەلمەيدىغان بولغاچقا، ئاندىن بەزى كىشىلەر مۇزارەئە ياكى مۇساقات تۈزۈمى بىلەن توختاملىشىپ ئىش قىلىشقا كۆنمەيدىغان بولغاچقا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىنى تۇتقان تەقۋادار كىشىلەرمۇ ئۈچ ئىشنىڭ بىرىنى قىلماي قالمايدۇ: يا ھىلە ئىشلىتىپ مېۋىلىك باغنى ئىجارىگە بەردىم دېمەي، زېمىننى ئىجارىگە بەردىم دەپ توختاملىشىدۇ، بۇ ئىش ھىلە ئىشلىتىشتىن ئىبارەت. ياكى ئىجارىگە بېرەلمەي زىيان تارتىدۇ. شەرىئەت بولسا كىشىلەرگە زىيان ئۇرۇشنى يولغا قويمايدۇ. ياكى باغنى ئىجارىگە بېرىپ ئۆزى ھارام دەپ قارىغان ئىشنى قىلىدۇ.
 
ئەسلىدە باغنى ئىجارىگە بېرىش خۇددى ئاق يەرنى ئىجارىگە بېرىشكە ئوخشاشلا ساھابە-تابىئىيلار قىلىپ كېلىۋاتقان بىر ئىش. بەلكى بۇ ئۇلارنىڭ زامانىدا ئىجمائ بولغاندەك بىر ئىش. شۇڭا ئىمام ئىبنى تەيمىيە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دېگەن: "باغنى ئىجارىگە بەرسە بولىدۇ، دېگەن بۇ قاراش مەزھەب ئىماملىرى بۇنىڭغا قارشى بولسىمۇ سەلەپ ئىجمائ قىلغاندەك بىر ئىشتۇر. چۈنكى سەئىيد ئىبنى مەنسۇر رىۋايەت قىلىدۇكى، -بۇنى ھەرب ئەلكەرمانى مەسائىل دېگەن كىتابىدا ئۇنىڭدىن رىۋايەت قىلغان-ئەبباد ئىبنى ئەبباد بىزگە ھىشام ئىبنى ئۇرۋەدىن سۆزلەپ بەردىكى، ھشام ئاتىسى ئۇرۋەدىن مۇنداق رىۋايەت قىلغان: ئۇسەيد ئىبنى ھۇزەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ 6 مىڭ تەڭگە قەرزى بار ھالەتتە ۋاپات بولغان ئىدى، ئۆمەر ئۇنىڭ قەرزدارلىرىنى چاقىرىپ ئۇنىڭ زېمىنىنى ئۇلارغا بىرقانچە يىل ئىجارە بەرگەن. ئۇ زېمىندا خورما ۋە باشقا مېۋىلىك دەرەخلەر بار ئىدى.".(پەتىۋالار توپلىمى 29/59)
 
ساھابە كىراملار ئۈستىدە تۇرغان بۇ ۋەقەلىكتە قەرزىنى تۆلەش ئۈچۈن باغنى ئىجارىگە بېرىش بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېۋىلىك دەرەخنى ئىجارىگە بېرىش بىلەن زېمىننى ئىجارىگە بېرىشنىڭ پەرقى يوق. يەنە تېخى تالاش-تارتىش، جىدەل-ماجېرامۇ چىقمايدىغان بىر ئىش، ئادەتتە تېرىقچىلىق ياكى باغۋەنچىلىك كېلىشىمىدە بەزىدە تالاش-تارتىش بولىدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق مۇزارەئە، مۇساقات دېگەندەك كېلىشىملەر جائىز بولىدىغان بولسا، باغنى ئىجارىگە بېرىش ئەلۋەتتە جائىز بولۇشى كېرەك.
 
خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىراق زېمىنىنى شۇ يەرنىڭ ئاھالىسىگە تۇتقۇزۇپ، ئۇلاردىن خەراج ئالغان. بۇ خىراج شۇ زېمىننىڭ ئىجارىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە باغلارمۇ، تېرىلغۇ يەرلەرمۇ بار ئىدى.
 
سەھىھ سەنەد بىلەن كېلىشىچە خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوسمان ئىبنى ھەنىيف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئىراق زېمىنىغا خەراج بەلگىلەشكە ئەۋەتكەن. ئوسمان ئىبنى ھەنىيف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەر بىر جەرىيب ئارپا زېمىنىغا ئىككى تەڭگە، ھەر بىر جەرىيب بۇغداي زېمىنىغا تۆت تەڭگە، ھەر بىر جەرىيب قومۇش زېمىنىغا ئالتە تەڭگە، ھەر بىر جەرىيب خورما زېمىنىغا سەككىز تەڭگە، ھەر بىر جەرىيب ئۈزۈم زېمىنىغا ئون تەڭگە، ھەر بىر جەرىيب زەيتۇن زېمىنىغا ئون ئىككى تەڭگە خەراج بىكىتكەن.(ئەلئەمۋال 1/88)
 
ئەمرۇ ئىبنى مەيمۇن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: مەن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى سۇيىقەستكە ئۇچراشتىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى مەدىنىدە كۆردۈم، ئۇ ھۇزەيفە، ئوسمان ئىبنى ھۇنەيف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ مۇنداق دېدى: (ئىراق زېمىنىنى) قانداق قىلدىڭلار؟ ئۇ يەرگە كۆتۈرەلمىگۈدەك خىراج يۈكلىۋەتمىگەنسىلەر؟ دېگەن ئىدى، ئۇلار: ياق بىز ئۇ يەرگە كۆتۈرەلىگۈدەك مۇۋاپىق خىراج بېكىتتۇق. كۆپ ئارتۇق بېكىتىلگىنى يوق، دېدى. ئۆمەر: قايتا كۆزدىن كەچۈرۈڭلار، ئۇ يەرگە كۆتۈرەلمىگۈدەك خىراج يۈكلەپ قويغان بولماڭلار يەنە؟ دېگەن ئىدى، ئۇلار: ياق، دېدى. ئۆمەر: ئەگەر ئاللاھ مېنى سالامەت قىلسا، ئىراقنىڭ تۇل خوتۇنلىرىنى مەندىن كېيىن مەڭگۈ باشقا بىرىگە موھتاج بولمايدىغان قىلىۋەتمىسەم، دېدى. شۇ گەپنى قىلىپ تۆتىنچى كۈن كىلەر-كەلمەس سۇيىقەستكە ئۇچرىدى.(سەھىھۇل بۇخارى 3700-ھەدىس)
 
كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىراق زېمىنىدا قىلغان بۇ ئىشى ئىجارىگە ئوخشايدىغان بىر ئىشتۇر. پەقەتلا ئومۇم مۇسۇلمانلار توختاۋسىز پايدىلانسۇن دەپ ئۇنىڭغا مۇددەت بەلگىلىمىگەن يېرى بار. خەراج بولسا شۇ زېمىننىڭ ئىجارە ھەققىدۇر. مانا بۇ دەرەخلىك زېمىننى (باغلارنى) ئىجارىگە بېرىشنىڭ دەل ئۆزىدۇر. بۇ ئىش خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۇنىڭ زامانىدىكى ۋە ئۇندىن كېيىنكى مۇسۇلمانلار ئىتتىپاق كەلگەن ئىشلار جۈملىسىدىندۇر".(پەتىۋالار توپلىمى 29/59)
 
يۇقىرىقىلاردىن باغلارنى ئىجارە بەرسە بولىدۇ، دېگەن قاراش دەلىل جەھەتتىن كۈچلۈك ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن مېۋىلىك باغلارنى پۇلغا مەلۇم مۇددەت ئىجارىگە بەرسە بولىدۇ. ئىجارە بەرگەن ئەھۋالدا باغدىن چىققان ھوسۇلنىڭ ئۆشرىسىنى باغنىڭ ئىگىسى ئەمەس، ئىجارىگە ئالغۇچى بېرىدۇ. چۈنكى ئىجارىگە ئالغۇچى ھوسۇلنىڭ ئىگىسىدۇر. باغنى سۇغۇرۇشتا چىقىم قىلغان ئەھۋالدا ھەر قېتىم ھوسۇل ئالغاندا 5% ئۆشرە بېرىدۇ. بىكارغا سۇغارغان ئەھۋالدا 10% زاكات بېرىدۇ. باغنىڭ ئىگىسى ئىجارىدىن كىرگەن كىرىمگە قولىدىكى باشقا ئىقتىساد بىلەن بىللە يىلدا بىر قېتىم 2.5% مىقداردا زاكات بېرىدۇ.
 
  (بىز يۇقىرىدا ئالىملارنىڭ دەلىللىرىنى شۇنداقلا شەخسىي قانائېتىمىزنى بايان قىلىپ قويدۇق، ئەمدى سورىغۇچى قايسى قاراشقا قانائەت تاپسا، شۇ بويىچە ئىش قىلسا بولىدۇ. بىر قاراشقا قانائەتلەندۈرۈش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز ئەمەس.)
 
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
 
 
              پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.


                                            مەنبە:ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5723
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 299
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە299دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 3055 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2012-01-06

تېمىنى يوللىغۇچىغا  ۋە دوكتۇرغا   كۆپ تەشەككۈر....
بۇ زادى نېمىدۇ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1224
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1224دانە
ئۆسۈش: 790 %
مۇنبەر پۇلى: 13106 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-14
ئاخىرقى: 2012-01-07
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-29 16:03

ئەگەر مەن  بىر كىشىنىڭ 4 مو چىلانلىق بېغىنى 15 يىللىق ئىجارىگە ئالدىم دەيلى.توختامدا مۇنداق بېكىتىلدى:
ئالدىنقى بەش يىل يىلدا 2500 سوم،ئوتتۇرىدىكى بەش يىل يىلىغا 3000 سوم،ئاخىرقى بەش يىل يىلىغا 3500 سوم بېرىدىغان بولدۇم.
مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇ باغ 15 يىل مېنىڭ ئىلكىمدە بولىدۇ.ھەممە ئىشىغا ئۆزۈم مەسئۇل بولىمەن.ئۇ باغدىكى چىلان دەرەخلىرى ئاللىبۇرۇن مېۋېگە كىرىپ بولغان،تېخى يەنىلا چوڭىيىش باسقۇچىدا بولغاچقا،پۇلنى يوقىرىقىدەك بېكىتكەن.قىشتا ئىككى تەرەپ رازى بولۇپ توختام تۈزۈلدى.
شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ باشقا باغلىرىمغا تۈزۈك قاراپ كېتەلمىسەممۇ،لېكىن ئاۋۇ پۇلغا ئالغان باغ بولغاچ تازا ئىشلىدىم.ئۇنىڭ ئۈستىگە نەچچە يىلغا قالمايلا ئاللاھنىڭ بەركىتى بىلەن بۇ باغدىن كىرىم تازا بولغىلى تۇردى،قۇرۇق چىلاننىڭ باھاسىمۇ يىلدىن يىلغا ئۆستى.شۇنداق قىلىپ نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تۈزۈلگەن توختامدىكى پۇل نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە بەك ئاز بولۇپ قالغاندەك تۇيۇلۇپ،گەپ توللىغىلى تۇردى.
مەن بۇرۇنقى توختامدا  چىڭ تۇرسام بولامدۇ؟بىزنىڭ يۇقىرىقى توختامىمىز ئىسلام نۇقتىسىدىن كۈچكە ئىگىمۇ؟

2.كەنتىمىزدىكى بىر كونا مەسجىد ئەمەلدىن قېلىپ،باشقا بىر يەرگە يىڭى بىر مەسجىد سېلىندى.كونا مەسجىدنىڭ تېمى ۋە ئۆگزىسىلا قالدى.مەسجىد ئالدىدىكى بوش يەرلەرمۇ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ماشىنا ھارۋا توختىتىدىغان يەرگە ئايلىنىپ بولدى.كېيىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك تەلىپى بىلەن بۇ كونا مەسجىدنى يەنى ئۆينى مەن سېتىۋالدىم،باشقىلار بىكا تۇرسىمۇ تۇرىدۇ،پۇلى بالارئەپ قويۇڭلار مەسجىدكە كىرىم بولۇپ قالىدۇ دېگەچكە مەنمۇ  ساۋاب بولسىمۇ بولا دەپ ئىشلەتمىسەممۇ ئېلىپ قويدۇم.باھاسى 10000سوم.بىراق كېيىن يەنە بىر قىسىم جامائەت مەسجىدنىمۇ   سېتىۋېلىپ،ئىگەللىمىگەن شۇ قالدى ئەمدى،ۋاي ئىشقىلىپ  گەپ جىق بولۇپ كەتتى.

يۇقىرىقى ئىشلاردا ئىسلام قانداق ھۆكۈم چىقىرىدۇ ؟
بىلىدىغان قېرىنداشلار تەلىم بېرىشەلا
سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1097
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1097دانە
ئۆسۈش: 5220 %
مۇنبەر پۇلى: 14704 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-01-07
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-29 20:07

مۇنبەردە سۇئالنى ئىرا قېرىندىشىمىزغا مۇراجەت قىلىڭ.
Allah is enough for me!!!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9499
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 33
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە33دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 360 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-04
ئاخىرقى: 2011-12-22
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-29 20:12

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم.
دوستلىشىش
خالىس
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9672
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 17
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە17دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 170 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2012-01-06
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-30 12:06

ئەمما مىۋىلىك باغنىڭ مىۋىسىنى پىشقانلىقى ئىنىق بولماي تۇرۇپ سېتىشقا ياكى سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ ، بۇنى پەيغەمبىرىمىز چەكلىگەن