باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 643 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: نەدىن كەلدىڭ ؟ نەگە بارىسەن ؟
مىھرىبان ئانام  _ بەختىم ^_^
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6746
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 134
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە134دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 1471 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-26
ئاخىرقى: 2011-12-11
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-27 20:30

نەدىن كەلدىڭ ؟ نەگە بارىسەن ؟

      


كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇراتتىم ، ئادىل تۇنىيازنىڭ < پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر> ناملىق ماقالىلەر توپلىمىدىكى <نەدىن كەلدىڭ ؟ نەگە بارىسەن ؟>دىگەن تېمىغا كۆزۈم چۈشتى ، خىيالىمدا بۇ سۇئال مەندىن سورالغان، تېمىنى كۆرۈپ تېكىستنى كۆرمەي تۇرۇپ جاۋابىنى ئويلىدىم،،،
ھەر خىل شارائىتتا ھەر خىل جاۋاپ بېرىدىلىكەن،كوچا ئاپتۇبۇسغا چىققىنىڭىزدا بۇ سۇئالغا <پالانى بېكەتتە چۈشىمەن > . بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە يولغا چىقسام<پالانى شەھەردە چۈشىمەن> .ئۆز دۆلىتىمدىن باشقا دۆلەتلەرگە يولغا چىققىنىمدا بۇ سۇئالغا < پالانى دۆلەتكە بارىمەن > دىگەندەك جاۋاپلارنى بېرىمەن .قەيەرگە بېرىش مېنىڭ ئىختىيارىمدا ،ئەمما بىز ھازىرمۇ سەپەر ئۈستىدىكى يولوچى ،ھەر-بىرىمىز ئۆز مەنزىلىمىزگە قاراپ كېتىپ بارىمىز ،پەقەت ئىككىلا يول بار ،بىرى ياخشى يەنە بىرى بىزگە زىيانلىق ، خالىغان يولدا ماڭىمىز ، ھېچكىم بىزنى زورلىمايدۇ< ماۋۇ يولدا ماڭمىدىڭ >دەپ ، ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا بىز خالايلى ياكى خالىمايلى مەلۇم بىر بېكەتتە چۈشۈشكە مەجبۇر بۇلىمىز، بىز ئۈچۈن بۇ ئاخىرقى بېكەت ،بۇ بىزنىڭ ئىختىيارىمىزدا ئەمەس، چۈشمەسلىككە ئىلاجىمىز يەتمەيدۇ ، شۇندىلا ھېس قىلىمىز ئۆزىمىزنىڭ نەقەدەر ئاجىزلىقىمىزنى ،،،،،،،
تېكىستنى ئوقۇدۇم  باشتىكى قۇرلاردا < بۇرۇن بۇ سۇئال ئۈستىدە تۈزۈكرەك ئويلىنىپ باقماپتىكەنمەن ، بىر خىل موھىت ،بىر خىل رېتىم ،بىر دۇنيا ئىچىدە بۇ سۇئالغا ئېھتىياج تۇغۇلمىسا كېرەك ، قاچان چەتئەلگە چىقماقچى بولدۇم ، شۇ كۈندىن باشلاپ مەن ھارغۇچە توشتۇرغان جەدىۋەللەر،ماڭغان يوللار ،بارغان جايلار بۇ سۇئالغا مۇناسىۋەتلىك بولدى >دىگەن مەزمونلار،،،،
يەنە ئويلاندىم ،،،
مەيلى قايسى ئىش بىلەن شۇغۇللىنايلى قىلغان ئىشىمىزنى تاپشۇرۋالغۇچى بۇلىدۇ ،<<غوجامنىڭ غوجىسى چامغۇرنىڭ ئورىسى >> دىگەندەك ،ھايات مۇساپىمىزدىمۇ دەل شۇنداق تولدۇرىدىغان جەدىۋەللەر بار ، قانداق تولدۇرىمىز ئۆزىمىزگە باغلىق ،ئەمما ياخشى تولدۇرۇلمىسا ھەم يەتكۈچۈ زىيانمۇ تارتىمىز ،دۇنيا نىممەتلىرىنىڭ ھالاللىرىغا ھىساب ھاراملىرىغا ئازاب بار ، چۈنكى سىز شۇ نىممەتلەرنى قەيەرگە سەرىپ قىلدىڭىز ، يىتىمغا باش پاناھ بولدىڭىزمۇ ؟ غېرىپنىڭ ھالىغا يەتتىڭىزمۇ ؟ ھاياتلىقىڭىزدا ئاتا-ئانىڭىزنى ئەل-خەلقىڭىزنى قانچىلىك ئويلىدىڭىز؟ ياكى شۇ نىممەتلەرنى < ئۆزۈم تاپقان ،،،> دەپ ئولتۇرۇپ بۇزۇپ چېچىپ
خەجلىدىڭىزمۇ ،ئىسراپ قىلدىڭىزمۇ ؟ ،،،ئەجىرسىز ، ھارام تاپقان دۇنيارىڭىز ئۈستىدىنچۇ ؟قانداق ھىساپ بېرىسىز ؟ ئۇ چاغدا سىزنىڭ ھالىڭىز ۋاي ~~~ باشقىلارنى قاقشىتىپ ،ھېلىگەرلىك بىلەن ۋاقىتلىق خۇش بۇلىۋالغىنىڭىز ئۆزىڭىزنى مەڭگۈلۈك ئازاپقا تاشلىغىنىڭىز بولماي نىمە ؟! ئىنسان تۈزگەن <<قانون >> ئالدىدا ئادوۋكاتىڭىزبار ، باشقىلار كۆرمىسە قۇتۇلۇپ كېتەلەيسىز ،ياكى<< ئارقا ئېشىك>>نىڭ يولى بار ، بەك بولمىسا شۇ گۇناھىڭىز ئۈچۈن تۈرمىدە ياتارسىز ، ئەمما سىزنىڭ بارچە ئىشلىرىڭىزنى ،ئوي-خىياللىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇرغۇچى بىر زاتنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىز ؟ئادوۋكات تەكلىپ قىلالمايسىز ، يالغان سۆزلىيەلمەيسىز،،،،مانا بۇلار بىزنىڭ تولدۇردىغان جەدىۋەللىرىمىز قاتارىدىمۇ بار .بىراۋنىڭ ئۆيىگە بارماقچى بولسىڭىزمۇ چوقۇم سوۋغاتلىق داستۇرخان تەييارلايسىز ،قۇرۇق بارمايسىز ، ئۇنداقتا بىزمۇ كېتىپ بارىمىز ،  نىمە تەييارلىدۇق ئۆزىمىزگە ئايان،،،،،
<بىر-بىرىگە ناتونۇش يولوچىلار ، تەغدىرى باشقا مەنزىلى بىر ئادەملەر ، گەرچە ھەممىمىز ئوخشاش تۇپراقتىن كەلگەن، ئوخشاشلا تۇپراققا قايتىدىغان بولساقمۇ ،،،،بىردىنلا ئايروپىلان سىلكىنىپ كەتتى . ئۆلۈم يادىمغا يەتتى ، ئۆلۈم بىلەن ھاياتنىڭ ئارىسى بىر غېرىچلا ، نەدىن كەلدىم ؟ نەگە بارىمەن ؟ دىگەن سۇئال كاللامدىن چاقماقتەك ئۆتتى چىن ئىخلاس بىلەن ياراتقۇچىغا تەسبىھ ئېيتىپ دۇئاغا قولۇمنى كۆتۈردۈم ، ئىچ-ئىچىمدىن يىغىغا ئوخشايدىغان نامەلۇم بىر ھاياجان ئېتىلىپ چىقتى ،ئۇنىڭدا مۇھەببەت ،ئىمان ،سېغىنىش بار ئىدى ، ئۇنىڭدا زور كائىناتنى ئىلكىگە ئالغۇچى ئالدىدا چۈمۈلىدەك ئاجىز ، پاناھسىز بىر جان ئىكەنلىكىمنى ئويلاپ ياراتقۇچىغا سېغىنىشمۇ ، تەكلىماكانلارغا خاس تەنھالىق ۋە ئازابمۇ ،يۈرەك پارە ئوغلۇمدىن،ئۇرۇق-تۇغقان،دوست-بۇرادەرلەردىن ، مىھرىبان ئەل-يۇرت قوينىدىن ئايرىلىشقا قىيالماسلىقمۇ ، شارجا ئايرودرومىدا مېنى ساقلاۋاتقان ئايالىم بىلەن تېزرەك دىدارلىشىش تەقەزدالىقىمۇ بار ئىدى . >
،،،،،،،،
سىز بۇ سۇئالغا ئۇچرىغانمۇ ؟ بەلكى سىز كىندىك قېنىڭىز تۆكۈلگەن ئانا يۇرتىڭىزدىن ئايرىلىپ باشقا يۇرىتتا ، بەلكى شۇ تۇغۇلغان يۇرتىڭىزدا ، بىراۋ سىزدىن سورىسىمۇ دەرھال بېرىدىغان جاۋابىڭىز < مەن مۇشۇ يۇرتلۇق، ئانا يۇرتۇم مۇشۇ > ياكى < مەن پالانى يۇرتلۇق ، پالانى يۇرتقا بارىمەن >دىگەن جاۋاپ بۇلىدۇ ، ئەمما ،سىزنىڭ قەيەردىن كەلگەن ياكى قايسى يۇرىتلىق ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە بۇ سۇئالنى سورىسا بەلكى سىز شۇ سۇئالنى سورىغان كىشىگە ئەجەپلىنىپ قاراپ قېلىشىڭىز مومكىن ياكى نىمىلەرنىدۇر ئويلىنىپ قالىسىز .

مەنبە _ ئويلىغانلىرىم
ئۇستاز ئۈگىتەلمىگەننى مۇھتاجلىق ئۈگىتىدۇ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9810
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 4
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2011-11-28

توغرا،بىز بۇ دۇنيادا جەننەتكە بارىدىغان پاسپورتنى ھازىرلىشىمىز كېرەك،ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىغا ئوبدان رىئايە قىلىشىمىز كېرەك،شۇندىلا مەنزىلىمىزگە ئوڭۇشلۇق بارالايمىز.
ھەممە ئىشنى ئۆزىمىزنى تەربىيلەشتىن باشلايلى
پەقەت ئاللاھنى ھەقىيقى تونىسىلا بولدى ھەممە ھەل& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7009
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 172
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە172دانە
ئۆسۈش: 380 %
مۇنبەر پۇلى: 2003 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-11
ئاخىرقى: 2012-01-06
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-28 13:39

ئەترەپىمىزدىكىلەر مىنىڭچە شۇنداق ئۇلۇغ ئاللاھدىن تولوق ئومۇد كۈتمەيدۇ.ۋە ئۇنىڭ جەننىتىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ئىغىزىدا دىسىمۇ چىن كۆڭلىدىن راس ئىكەنلىكىگە گۇمان قىلشىدۇ.مەن شۇنداق ئويلايمەن ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئە س ئاللاھقا سەل كۆڭلىدە شۇبىھلىنىپ قالغان بولسا ئىدى ئوت ئۇنى جەزمەن كۆيدىرەتتى .لىكىن چەكسىز ئىشىنىش ئۇنى ئاللاھقا يىقىن قىلدى ۋە قوغدىشىغا ئىرىشتۇردى.لىكىن زامانىمىز كىشلىرى پۇلنىڭ كۆچىگە ۋە ئامرىكا قاتارلىق كۆچلۇك دۆلەتلەرنىڭ كۆچگە بەكرەك ئىشنىدۇ ۋە كۆڭلىدە ئاللاھنى قويۇپ ئۇلاردىن قورقىدۇ.شۇڭا ئىش ئۇلارنىڭ گۇمانىدەك بولدۇ،ئاللاھ ئۇلارنى قوغدىمايدۇ.ئۇلارغا نىسپەتەن جەننەت دىيىلسە قادىكامنىڭ ھاۋالىق بىغىدەك تۇيلىدۇ دە شۇنىڭغا لايىق قىلدۇ.دەۋزەخ دىسە ھىپىزىخاننىڭ تونىرىدا قولىى كۆيۇپ كەتكەنلىكى ئىسگە كىلىپ ۋاي شۇنچىلىك دەيدۇ. شۇڭا دوسلارنىڭ ئاۋال يۇركىنى يىرىپ ئالدىغا قويوپ مەن زادى ئاللاھقا قانچىلىك ئىشنىمەن ئۇنىڭ جەننىتى ۋە باشقا ياراتقانلىرغىچۇ دەپ ھىرا غارىدا (چاقچاق)ياكى قاراقۇرۇم غارىدا بىرنەچچە كۇن ئويلىنىپ بىقشىنى سورايمەن.
پەقەت ئاللاھنى ھەقىيقى تونىسىلا بولدى ھەممە ئىللەت تۇزلىدۇ!
دوستلىشىش
ئۆمەرئىلى
ن شا ئاللاھ بۇ ئۈممەت ئۈزى يۇقاتقان ئىززەتنى ئۈز& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9027
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 154
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە154دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1560 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-21
ئاخىرقى: 2011-12-22
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-28 14:34

ئاللاھنىڭ ياردىمىدە دۇنياغا كەلدۇق،يەنەئاللاھنىڭ رەھمتىدەكىتىشيمىزنى ئۇمۇت قىلمەن.