
ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى مەلۇم ساھەدىن بىركشىلىك خىزمەت ئورنىغائېرىشىش يەنىلاياشلىرىمىزنىڭ ئالدىنقى تاللاشلىرىنىڭ بىرى بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە،ئەشۇ خىزمەتچىلەرتەبىقىسىدىكىلەرنىڭ قانداق ھەسرەتلىرى بارلىقىنى كىم بىلىدۇ؟
بىزبىرلىكتەخىزمەت تەبىقىسىدىكىلەرنىڭ ئىچىنى سىقىدىغان ئەشۇبىرقىسىم مەسىلىلەرنى كۆرۈپ باقايلى:
1.بىركىشىلىك خىزمەت ئورنى بولۇش،ۋاقىتنى پۇلغاسۇندۇرۇپ قارىغاندا بىرياخشى ياشاش ۋاستىسى،لېكىن سىزبۇنىڭ ئۈچۈن ئىختىيارى تۇرمۇش ئۇسۇلىڭىزدىن بىراقلائايرىلىپ قېلىشىڭىزمۇمكىن.ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزپەقەت توختىماي خىزمەت قىلغاندىلائاندىن ئەشۇ ئاڭلىماققا كۆپ،ئەمماھاياتىڭىزنى يەنە بىرئايغائاران ئۇلايدىغان مائاشقا ئېرىشەلەيسىز،ئەمماسىزئىسىڭىزدىن ئايرىلىپ قالاي دېگەن شۇ ۋاقىتتا يەنە نۇرغۇن كىشىلەرھېچقانچە زېھىن خوراتمايلا سىزنىڭ بىرئايلىق مۇئاشىڭىزنى ھەرسائەتتە تېپىۋاتىدۇ.
2.خىزمەتكە تاينىپ مەلۇم دائىرىدە ئەمەلىي تۇرمۇش تەجرىبىسىنى توپلاشنىڭ ئۆزى بىر قىيىن مەسىلە؛سىزھەركۈنى ئوخشاشلائىش تەرتىپىنى تەكرارلايسىز،ئەڭ يامىنى سىزنىڭ بار-يوقى ئەشۇ بىريۈرۈش ئىقتىدارىڭىزنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ-بولدى!سىز تەبىئىيلا«كۈچ بېرەلمەيدىغان»لارقاتارىدىن ئورۇن ئالىسىز.
3.بىرخىزمەتنىڭ پېشىنى تۇتقىنىڭىز خۇددى،ئۆزىڭىزنى ھايۋانات كۆندۇرگىچىنىڭ قولىغا تۇتۇپ بەرگەندەكلا بىرئىش.بۇيەردە سىزقانداق قىلىپ بىرزىرەك ئەرمەككە ئايلىنىشنى ئۆگىنىسىز.ئەتىراپقا قاراڭ نېمىلەرنى كۆردىڭىز؟ئەتراپىڭىزدا قىمىلداپ يۈرگەنلەر ئەركىن ئىنسانلارمۇ ياكى سىزنىڭ تۇرمۇش چەمبىرىكىڭىزئاللاقاچان كۆندۈرۈلگەنلەرقەپىسى ئىچىگە سىزىلىپ بولدىمۇ؟
4.سىزبۇيەردە پەقەت ئۆزقىممىتىڭىزنىڭ ئازغىنە بىرقىسىمىنى يارىتالايسىز.سىزنىڭ نۆۋەتتىكى مۇئاشىڭىزئەمەلىيەتتە ھازىرقىدىن ئۈچ ھەسسە ئارتۇق بولىشى كېرەك، چۈنكى سىزشۇتاپتا يارىتىۋاتقان قىممەتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى باشقىلارنىڭ يانچۇقىغا كىرىۋاتىدۇ.
5.خىزمەت تەبىقىسىدىكىلەرنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى، بىركىشىلىك خىزمەتكە ئېرىشش ئەڭ بىخەتەر،كاپالەتكەئىگە ياشاش شەكلى دەپ قارايدۇ.لېكىن،بۇنچە بىخۇدلىشىپ كەتمەڭ،سىزنىڭ تەقدىرىڭىزھەرزامان باشقىلارنىڭ پىلانىدابەلگىلىنىدۇ.
http://weten.me/?p=961