باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 779 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: «قەشقەر» دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى
دوستلىشىش
erpan.0998
ئىبراھىمجان ئىرپانى   qq;1806537111
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7630
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 118
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە118دانە
ئۆسۈش: 1360 %
مۇنبەر پۇلى: 2163 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-28
ئاخىرقى: 2012-01-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-25 10:23

«قەشقەر» دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى

                                                                
                                                                   ئىبراھىم نىياز ئەپەندى

قەشقەر- ئېلىمىزنىڭ قەدىمىي ۋە مەشھۇر شەھەرلىرىدىن بىرى. ئېلىمىزنىڭ غەرب بىلەن سودا، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى. خېلى بۇرۇنلا كىشىلەر، ئەنە شۇ قەشقەر ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرق، ھىندىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم ياۋروپا قاتارلىق رايونلار ۋە ئەللەر بىلەن باردى- كەلدى، سودا- سېتىق قىلىشقان. شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيىتى بۇ جاينىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەينى تارىخىي دەۋىرلەردە قەشقەر ئالتە شەھەر دەپ ئاتالغان. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سودا، مەدەنىيەت مەركىزى ۋە مەلۇم دەۋىرلەردە سىياسىي مەركىزىي بۇلۇپ كەلگەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئۇزاق يىللىق تارىخىدا گۈللىنىش تەرەققىياتى ۋە ئۆزىگە خاس ئەنئەنىلىرى بىلەن جاھان ئەللىرىنىڭ دىققەت نەزەرىگە سازاۋەر بۇلۇپ كەلگەن.
«قەشقەر» دېگەن ئاتالغۇ ھەققىدە چەت ئەل ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئالىملىرى تۈرلۈك تەبىر بېرىپ، پىكىر بايان قىلىپ، بۇ شەھەرنىڭ يۈكسەكلىكىنى ئىپادىلەپ كەلدى. بەزىلەر: شەھەر قەلئەسىنىڭ كۆركەم، مۇستەھكەملىكىنى كۆرۈپ، مۇداپىئە ئىشلىرىدا پۇختا دەپ ھېسابلاپ، ھىجىرىيەنىڭ 96- يىلى (مىلادى 715- يىلى) پەرغانە ئارقىلىق شىنجاڭغا كەلگەن ئەمىر قۇتەيبە قوماندانلىقىدىكى ئەرەبلەر بۇ نامنى بەرگەن دەيدۇ. بەزىلەر: بۇددىستلار بۇ شەھەرنى مۇقەددەس ئۇرۇن ھېسابلاپ «بەيتۇللا» (خۇدانىڭ ئۆيى) دەپ ئاتىغان ئىدى دەيدۇ. ئۇلار بىر زامانلاردا شامان دىنىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن بۇ جاينى مۇقەددەس ئۇرۇن ساناپ «كاش- ناگار» دەپ نام بەرگەن دەپ ئىسپاتلايدۇ. دىمەك بۇددىستلار تىلىدا «كاش- خۇدا، ناگار- ئۆي» دېگەن بۇلۇپ، «بەيتۇللا- خۇدانىڭ ئۆيى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن. يەنە، بەزىلەر: بۇ يۇرتتىكى نەقىش- ئويما ۋە «كاشا» دەپ ئاتالغان گۈللۈك قول سەنئىتىنىڭ راۋاجلانغانلىقىغا قاراپ، «كاشا» سەنئەتنى ئىگىلىگۈچى (تۇتقۇچى) مەنىسىدىكى «كار» ياكى «ئېر» دېگەن نامنى تۇتقا قىلىپ بۇ شەھەر «كاشاكار» ياكى «كاشائېر» دەپ ئاتالغان دەيدۇ. بەزىلەر يەنە تۈمەن دەرياسىنىڭ لېۋىدە ئۇزۇنغا سوزۇلغان تۈپتۈز بىر قاش بۇلۇپ، ئۇ ھاۋاسى ياخشى، مەنزىرىسى كۆركەم، ئېگىزلىك جەھەتتە دىققەتنى جەلپ قىلىدىغان بولغاچقا بۇ شەھەر شۇ گۈزەللىكى بىلەن تەسۋىرلىنىپ «قاشنىڭ قىرى» دەپ ئاتالغان ئىدى دېيىشىدۇ. بۇ ئاتالمىلار ۋە بېرىلگەن تەبىرلەر گەرچە بۇ نامنىڭ كېلىپ چىقىش ئاساسىنى تۇلۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلمىسىمۇ، ھەر ھالدا كىشىلەرنىڭ بۇ تارىخىي رېئاللىققا بولغان تۇنۇشىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. بىراق زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ نام ۋە ئۇنىڭ ماھىيەت ئاساسى ئۇنتۇلۇشقا باشلاپ، تەلەپپۇزدا «قەشقەر»، يېزىلمىلاردا «كاشىغەر» دېگەن ئاتالغۇ ساقلىنىپ كەلدى.
ئۇلۇغ ئالىم، مۇتەپەككۇر، تىلشۇناس مەھمۇت ھۈسىيىن ئوغلىنىڭ ئۆز تەخەللۇسىنى «قەشقەرى» دەپ ئاتىشى بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ يۈكسەك ئۇرۇندا تۇرغانلىقىدىن بىر بىشارەتتۇر. دېمەك: «قەشقەر» دېگەن ئاتالغۇ مۇشۇ زېمىندا ئۇزاق تارىختىن بۇيان ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز مىللىي ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئېلىپ بارغان شەھەر قۇرۇلۇشى، بىناكارلىق سەنئىتى، بۇلۇپمۇ ھەرخىل نەققاشلىق ھۈنىرىنى مۇجەسسەملەپ بەرگەن نام دېيىشكە بولسىمۇ، بۇ نامنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنىڭ ئېيتىلىشى يەنىلا كەڭ كىتابخانىلارنىڭ ئەتراپلىق ئىزلىنىپ تەتقىق قىلىشىغا باغلىق دەپ قارايمىز.
قەشقەر پەقەت شەھەرنىڭلا خاس نامى بۇلۇپ، ئۇ قەشقەرىيە دەپ ئاتالغان جايلارنىڭ ئىسمى ئەمەس، چۈنكى، «قەشقەرىيە» كەڭ مەنىدىكى ئىسىم. ئۇ ھازىرقى قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىن ھالقىپ، ئالتە شەھەر دەپ ئاتالغان جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. شۇ كەڭ دائىرىنىڭ سودا، مەدەنىيەت ۋە سىياسىي مەركىزىنىڭ قەشقەر بولغانلىقى تارىختا بەش قولدەك ئايان. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ بۇ يەردە توختالغىنىمىز «قەشقەرىيە» بولماستىن بەلكى، ئاشۇ مەركەز- قەشقەر شەھىرىدۇر.


مەنبەسى ؛http://bbs.alkin.cn/read.php?tid=3186

ئىبراھىمجان ئىرپانى
دوستلىشىش
ئپارە408
ئانا  رازى   ﷲ   راز
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9754
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 28
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە28دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 360 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-25
ئاخىرقى: 2011-12-04

تېمىڭىزغا   رەھمەت .
مۇشۇ  قەشقەر  دىگەن  ئانا  يۇرتۇمنىڭ ئىسمى  بەك  چىرايلىق  ئاڭلىنىدۇ  دىسە  ،بۆلەچىلا  
ئانا تىلىنى بىلمەسلىك، ئۆز ئانىسىنى تونۇمىغانلىق
دوستلىشىش
جەڭچى
没有共产党,没有新中国
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1000
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1000دانە
ئۆسۈش: 350 %
مۇنبەر پۇلى: 10468 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-01-07
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-25 20:34

بۇ تىمىدىكى قەشقەر دىگەن ئىسىملارغا بىرىلگەن تەبىرلەر قايىل قىلارلىق ئەمەس.  تىما ئىسمىمۇ نا مۇۋاپىق قويلۇپ قاپتۇ ،،،،قەشقەرنىڭ مۇبارەك نامىنى بۇ ئاتالمىش ئككى قۇر ماقالە چۈشۈرۈپ قويۇپ تۇ خالاس.چۈنكى نەچچە مىڭ يىللىق مەدىنيەتكە ئىگە بۇ قەدىمى شەھەرنىىڭ نامىنىڭ كىلىپ چىقىشىنى ئىككى قۇر ماقالىدە مۇنداقلا چۈشەندۈرۈپ قويشى ،دەلىل ئىسپاتلارنىڭ يۈزەكى بولشى ،،ئادەمنى قايىل قىلاممايدۇ . بولسا تىما يوللۇغچى قىرىندىشمىزنىڭ ياكى مول بىلىمگە ئىگە قىرىنداشلىرمىزنىڭ بۇ توغرىسدا يىتەرلىك چۈشەنچە بىرشىنى ئۈمۈت قىلمەن.<شەخسى كۆزقارشىم>
没有共产党,没有新中国
ناھەقچقلىككە سۈكۈت قىلىش ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلى ..
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 481
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 989
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە989دانە
ئۆسۈش: 2040 %
مۇنبەر پۇلى: 11326 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-30
ئاخىرقى: 2012-01-07
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-26 16:04

بىز  ئۇيغۇر ئىلىدىكى  يەرناملىرىنى  تەتقىق قىلغىنىمىزدا  ئەڭ  ئاۋۋال تۈراك تىلدا  ئۇيغۇر تىلدا نىمە مەنە  ،ئىپاىلەيدۇ دەپ  تەتقىق قىلساق،  يەنى  ما يەنامى  مۇڭغۇلچىكە  ما يەرنامى پارىسچىگە  دەپ تەتقىق قىلىپ چۈشۈپ كەتسەك ۋەتەندە  بىز قيمغان ئىسىم قالماي قالمىسۇن...ھىلىمۇ ئۇيغۇرچە يەرناملىرى شىددەت بىلەن ئۇنتۇلماقتا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8045
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 78
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە78دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 880 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-27
ئاخىرقى: 2012-01-02
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-26 23:54

مەن تېخى بۇ ئىسىمنىمۇ كاڭشى خاندانلىقى بەردىمكى دەپ ئويلاپ  كىرسەم ئۇنداق ئەمەسكەن ......يەرجاي ناملىرىنى تۇنۇشتۇردىغان بىر پروگىرامما بار  رىياسەتچى ئۇيغۇر گىپى خەنزۇچە  ئاندىن ئۇنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ بىردىغان پىروگىرامما  ....  ئۈرۈمچى قانىلىدا بىرۋاتىدۇ شۇنڭدىمۇ ئاجايىپ گەپلەرنى دەيدىكەن ......
پۇرسەت غەنىمەت ....
دوستلىشىش
erpan.0998
ئىبراھىمجان ئىرپانى   qq;1806537111
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7630
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 118
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە118دانە
ئۆسۈش: 1360 %
مۇنبەر پۇلى: 2163 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-28
ئاخىرقى: 2012-01-07
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-27 11:58

دۇنياغا تونۇلغان مەشھۇر ئالىم مەخمۇت قەشقىرى ، بۆيۇك تىلشۇناس يۇسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ يۇرتى  ئەزىزانە دىيار قەشقەرنىڭ
مىللى خاسلىقىنى ، ئۆرىپ -ئادەتلىرنى ،قەدىمىيلىكىنى ئۆزىگە ئاساس قىلىپ قۇرۇپ چىقىلغان << قەشقەر تورى مۇنبىرى >> بارچە دوسىتلارغا سالام يوللايدۇ !!!

بۇ مۇنبەر ئۆزىنىڭ رەڭدارلىقى ، مىللى خاسلىق مىللى پۇراقنىڭ كۈچلۈكلىگى بىلەن قەشقەردىن ئىبارەت بۇ قەدىمى سىرلىق ھەم سىھىرلىك ماكاننىڭ جۇلاسىنى بۇ مۇنبەر ئارقىلىق تىخىمۇ جۇلالاندۇرىدۇ .

دوسىتلارنىڭ مۇنبىرىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلىپ تەنىقىدى پىكىر بىرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز .

تور ئادىرىسى ؛http://kaxkar.net/forum.php
ئىبراھىمجان ئىرپانى
دوستلىشىش
ئابدۇرەھىمجان
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9813
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 4
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 60 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2011-12-19
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-28 13:52

بەزى يەر ناملىرىنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئىسمىغا ئاساسەن بارلىققا كەلگەن، ھازىرقى ئۇيغۇرچە ئىسمى بولسا كىيىن قويۇلغان. مەسلەن
قەشقەر يىڭشەھەر------ سۇلى (疏勒)    
يەركەن------ساكرائۇل     (莎库) كىيىنچە  (莎车) غا ئۆزگىرىپ قالغان.
مارالبشى ----- بارچۇق  (巴楚)
قەشقەرنىڭ تارىختىكى ئەسلى ئىسمىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن.
دۇنيا مۇھەببەت بولغانلىقى ئۈچۈن گۈزەلدۇر