ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بۇ خىل توربەتلەرنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىش ياخشى بىر ئەھۋال، ئەمما ئۇنى يوق قىلىش جەريانىدا شۇ توربەتنى كۆپ قېتىملاپ ئېچىشقا مەجبۇر بولىسىز. گەرچە ياخشى بىر نىيەت بولسىمۇ، بىر يامانلىقنى قىلىش ئارقىلىق ياخشىلىقنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا بولمايدۇ. يەنى، يېتىمغا ياردەم قىلىمەن دەپ كىشىلەرنىڭ پۇلىنى ئوغۇرلىساق بولمايدۇ ئەلۋەتتە. شۇنىڭدەك، خەيرلىك ئىش بىلىمەن دەپ، ئۆزىمىزگە گۇناھ يولى ئېچىشقا قەتئىي بولمايدۇ. بىلىشىمىز كېرەككى، نامەھرەملەرگە قاراش ھەم كۆزنىڭ زىناسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئۇ توربەتلەرنى تور دۇنياسىدىن ئەمەس، قەلبىمىزدىن چىقىرىپ تاشلاش ئۈچۈن تىرىشىشىڭىز كېرەك.