باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1062 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بىر قىتىملىق ھاجەت قىلىشى 5500 يۈەنگە توختىغان يىگىت
دوستلىشىش
erpan.0998
ئىبراھىمجان ئىرپانى   qq;1806537111
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7630
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 118
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە118دانە
ئۆسۈش: 1360 %
مۇنبەر پۇلى: 2163 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-28
ئاخىرقى: 2012-01-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-22 20:56

بىر قىتىملىق ھاجەت قىلىشى 5500 يۈەنگە توختىغان يىگىت

مەن بىر دوستۇم بىلەن قەرەللىك مال سودىسى قىلاتتۇق .توردا ئادەتتە ئالتۇندىن تارتىپ 50 خىلدىن ئارتۇق  تاۋارلارنىڭ سودىسى بولاتتى . توردىكى بۇ بازار ئەتىگەن سائەت 7 دە باشلىنىپ چۈشتە ئاخىرلىشاتتى . بىز ئادەتتە ئالتۇن ، كاۋچۇك ، شىكەر ، تۆمۈر ،پاختا ، سىنىك ، كۈمۈش قاتارلىق تاۋارلارنى ئالاتتۇق ، مۇۋاپىق پايدا قىلسا ساتاتتۇق . بىر تاۋارنى ئىلىش ئۈچۈن خىلى ئوبدان باش قاتۇرماي بولمايتى . شۇ مالنىڭ بازار ئەھۋالى ، يىقىنقى ۋاقىتتىكى ئىشىش، چۈشۈش ئەھۋالى، خەلقىئارا ۋەزىيەت ، بانكىلارنىڭ پۇل-مۇئامىلە قاتارلىقلارنى ياخشى مۇلاھىزە قىلىپ ئىش تۇتمىغاندا ئىغىر زىيان كۆرۈلەتتى .بەزىدە بىزنىڭ مۇلاھىزىمىز توغرا چىققاندا 5-10مىنۇتتىلا 2-3 مىڭ يۈەن پايدا كەلتۈرەتتى .ئەگەر توغرا چىقمىسا 2-3 مىڭ زىيان كەلتۈرەتتى .  3-ئاپرىل بىز كاۋچۇك مەھسۇلاتى ( بالۇن ) ئىشىپ كىتىدۇ دەپ قارىدۇق (سەۋەبى كاۋچۇك ماكانى بولغان تايلاند ،مالايسىيە تەرەپلەردە كەلكۈن كەلگەن ئىدى )  بۇ كۈنى كاۋچۇكنى شۇ مۇلاھىزىمىز بويىچە توردا ئالدۇق . بۇ كۈنى كاۋچۇكنى بازار يىپىلىشقا ئاز قالغاندا ئالغاچقا 300 يۈەن پايدا بىلەن بازار يىپىلدى .بىز بۈگۈن بۇ مالنى تاشلاپ قويايلى . پايدىسى بەك ئاز بولۇپ قالدى . ئەتە كەم دىگەندە 3000 يۈەن پايدا ئالغاندا سىتىۋىتەيلى ،دىيىشتۇق . ئەتىسى بازار باشلاندى . بىز ئويلىغاندەك بازار خىلى يۇقۇرى ئىچىلغان ئىدى .كىرىم -چىقىم بىتىمىزگە قارىساق   ھەر-بىرىمىزگە 3100 يۈەندىن پايدا قىلغان ئىدى .  دوستۇم --مەن كىچىچە نۇرغۇن پۇلغا ئىرىشىپ چۈشەپ قاپتىكەنمەن . بۈگۈن ئاز پايدىدا ساتمايمەن جۇما بۇ مالنى ،دىدى،   بازار كۆرسەتكۈچى بارغانسىرى ئىگىزلەپ پايدا 4000 يۈەندىن ئاشتى . مەن --قانداق ساتامدۇق ؟دىدىم .   دوستۇم --ياق  يەنە ئاشىدۇ--بۇ ! دىدى ھاياجاندا.   راسىت دىگەندەك بازار ئىشىپ پايدا4800 يۈەنگە يەتتى .دوستۇم-- مەن دىمدىمما !دىدى مەغرۇر قىياپەتتە.  بىر ئازدىن كىيىن بازار بىر -ئاز تەۋرىنىپ ئازراق چۈشتى . دوستۇم--مەن خالاغا چۈشۈپ چىقاي . بۇنىڭغا قاراۋەرسەم زىرىكتۈرۋىتىدىكەن . مەن خالادىن چىققاندا 5000 يۈەندىن ئاشىدۇ شۇچاغدا ساتىمەن .دەپ سرىتقا ماڭدى ،  مەن --مەخپى نۇمۇرۇڭلىنى دەپ بىرىڭلار . ئۆزگىرىش بولسا مەن سىتىۋىتەي . دىدىم .  دوستۇم --ياق سىلەر ئەرزان سىتىپ قويۇسىلەر  مەن چىققاندا ئۆزەم ساتىمەن دەپلا چىقىپ كەتتى . دوستۇم چىقىپ كىتىپ 2 مىنۇت ئۆتمەيلا بازار تىك سىزىق بىلەن چۈشكىلى تۇردى .بىردەمدىلا پايدا 3100 يۈۋەنگە چۈشۈپ قالدى .مەن ئالاقزادە بولۇپ دوستۇمغا تىلفۇن قىلدىم .ئەپسۇس تىلفۇنى ئىتىك ئىدى .  مەن ئۆزەمنىڭ مىلىنى سىتىپ چىقارغاندا پايدا 2750 يۈەنگە چۈشۈپ قالغان ئىدى. بازار بىر ئورۇندا بىر ئاز تەۋرەپ يەنە چۈشۈشكە باشلىدى . مەن تىزلىكتە ئورنۇمدىن تۇرۇپ دوستۇمنى ئىزلەپ خالاغا ماڭدىم .پەسكە چۈشسەم دوستۇم تاماكا چەككىنىچە كىلۋاتاتتى . مەن --تىز بولۇڭلار  دەيمەن . خالاغا كىرىۋالساڭلار ئولتۇرىدىكەنسىلەر  دىدىم ئۇنىڭغا كايىپ. --نىمە بولدى .خىلى پايدا كۆرسەتكەن ئوخشىمامدا ؟؟ دىدى ھىجىيىپ . پايدا 2600 يۈۋەنگە چۈشۈپ قالدى . تىز بولۇڭلار بۇمۇ قالماي قالمىسۇن .دىدىم . بىز تىزلىكتە دۇكانغا كىرىپ كىرىم -چىقىم بىتىگە قارىدۇق .پايدا تۈگەپ 650- زىيان تۇراتتى . دوستۇمنىڭ بىشىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى . ۋە مىلىنى تىزلا سىتىۋەتتۇق . دوستۇم خالاغا بارغىنىدىن بەكلا پۇشايمان قىلدى .   قەرەللىك مال سودىسى قىلدىغانلار مۇنداق دەيدۇ ---يانچۇقۇڭدىن پۇلۇڭ يەرگە چۈشۈپ كەتسە پۇلنى ئالىمەن دەپ يەرگە ئىڭىشمە .سەن دىققىتىڭنى پۇلغا قاراتقان ۋاقىتتا سەن ئالغان پايدا زىيانغا ئايلىنىپ كىتىشى مۆمكىن . بۇ گەپ سەل ئاشۇرۋىتىلگەن بولسىمۇ بۇ سودىنىڭ بەك تىزلىگىنى ، خىيىم-خەتىرىنىڭ چوڭ ،پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىكنى چۈشەندۈرىدۇ . دىمەك بۇ دوستىمىزنىڭ بۈگۈن بىر قىتىملىق ھاجەت قىلىشى 5500 يۈەنگە توختىغان بولدى.مەنبە ؛ ئۆزۈم -----------ئىبراھىمجان ئىرپانېhttp://www.kaxkar.net/forum.php?mod=viewthread&tid=335
ئىبراھىمجان ئىرپانى
بۇ زادى نېمىدۇ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1224
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1224دانە
ئۆسۈش: 790 %
مۇنبەر پۇلى: 13106 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-14
ئاخىرقى: 2012-01-07

بايىدىن بېرى  ھاجەت دىگەن  گەپنى ھەج دەپ كۆرىۋېلىپ  تازا ئوقۇپ كېتىپتىمەن،نېمانداق ئەزاندۇ  دەپ، يا ئوقۇسام ھەج توغرۇلۇق گەپ چىقمايدۇ،قىزىقىپ ئوقۇۋېرىپ تۈگىتىپ بولدۇم يەنە يوق .تېمىغا مۇنداااااااااااااااق بىر قايتا قاراپ ئۆزۈمگە كۈلىۋەتتىم دىسە
سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!
ئاللاھنىڭ قۇلى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1442
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 297
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە297دانە
ئۆسۈش: 590 %
مۇنبەر پۇلى: 3392 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-02
ئاخىرقى: 2012-01-07
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-22 22:08

تىمىدىن ئەلى جاننىڭ ئىنكاسى بەك پەيزى چىقىپتۇ  .......بۈگۈن ساپ كۈلدىغانلا تىمىغا يۈگرەيمىنا
ئامانشاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1288
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1288دانە
ئۆسۈش: 1650 %
مۇنبەر پۇلى: 14223 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2012-01-07
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-22 22:09

پىرىۋوت سودىسى دىگەن شۇمۇ ؟ سىز دەۋاتقىنىڭىز؟
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.
دوستلىشىش
جەڭچى
没有共产党,没有新中国
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1013
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1013دانە
ئۆسۈش: 350 %
مۇنبەر پۇلى: 10598 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-01-08
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-23 00:15

ئەلىجان مىنى مۇ كۈلدىر ۋەتتىڭلا .   
没有共产党,没有新中国
دوستلىشىش
فىردەۋىس1
ئاللا  ھەممىمىزنى ھىدايەت  قىلسۇن .
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9493
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 74
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە74دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 835 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-03
ئاخىرقى: 2012-01-07
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-24 11:49

ئەستا  ما  ئىشنى  كۆرمەمدىغان  
جەننەت ، ئانىلارنىڭ  تاپىنى  ئاستىدا  .
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7172
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 248
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە248دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 2540 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-18
ئاخىرقى: 2011-12-22
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-24 13:58

ماۋۇ نەسچىلىككە نىمە دىگۈلۈك ئەمدى.